ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاش ئۈچۈن خىتاي بەزى تۈركلەرگە ئىش تەكلىپى سۇنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.10.06
uludag-jan-2.jpg

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاش تەلىپىنى رەت قىلغان تۈرۈك ياش ئۇلۇداغ جان. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-1.jpg

تۈركىيەلىك ياش ئۇلۇداغ جاننى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلغان خىتاي ئايال ئالان لېۇڭ. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-yezishma-1.jpg

ئۇلۇداغ جان بىلەن ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئارىسىدىكى يېزىشمىلار. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-yezishma-2.jpg

ئۇلۇداغ جان بىلەن ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئارىسىدىكى يېزىشمىلار. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-yezishma-3.jpg

ئۇلۇداغ جان بىلەن ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئارىسىدىكى يېزىشمىلار. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-yezishma-4.jpg

ئۇلۇداغ جان بىلەن ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئارىسىدىكى يېزىشمىلار. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-toxtamname-hojjetler-1.jpeg

ئۇلۇداغ جانغا ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئەۋەتكەن توختامنامە ھۆججەتلەر. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-toxtamname-hojjetler-2.jpeg

ئۇلۇداغ جانغا ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئەۋەتكەن توختامنامە ھۆججەتلەر. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-toxtamname-hojjetler-3.jpeg

ئۇلۇداغ جانغا ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئەۋەتكەن توختامنامە ھۆججەتلەر. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-toxtamname-hojjetler-4.jpeg

ئۇلۇداغ جانغا ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئەۋەتكەن توختامنامە ھۆججەتلەر. RFA/Arslan

uludag-xitay-jasus-ayal-toxtamname-hojjetler-5.jpeg

ئۇلۇداغ جانغا ئىش تەكلىپ قىلغۇچى خىتاي ئايال ئەۋەتكەن توختامنامە ھۆججەتلەر. RFA/Arslan

uludag-jan-1.jpg

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاش تەلىپىنى رەت قىلغان تۈرۈك ياش ئۇلۇداغ جان. RFA/Arslan

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم تۈرك ياشلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ئاشكارا بولدى.

ئۇلۇداغ جان ئىسىملىك بىر تۈرك ياشنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يېقىندا بىر خىتاي ئايال بىلەن تونۇشقان، خىتاي ئايال ئۆزىنى «مۇخبىر» دەپ تونۇشتۇرغان ۋە ئۇلۇداغ جاننى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇ يەنە ئۇلۇداغ جانغا توختامنامە ۋە خىزمەت شەرتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئانكىتنى توشقۇزۇپ ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. 

توختامنامە ئىنگلىزچە بولۇپ ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇماتلىرى، خۇسۇسەن قايسى ئۇيغۇرنىڭ قانداق كېسىلى بار؟ قايسى دوختۇرخانىدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك داۋالىنىدۇ؟ قايسى دوختۇرلار داۋالايدۇ؟ قايسى دوختۇرخانىدا ئۇيغۇر دوختۇرلار بار؟ دوختۇرخانىلار ۋە دوختۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. 

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان تۈرك زىيالىي ئۇلۇداغ جان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئۇلۇداغ جان ئەپەندىم، سىزنى بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ، قايسى تۈردىكى خىزمەت ئىكەن؟ سىزدىن نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلدى، قانداق شەرتلەر بار ئىكەن؟ 

ئۇلۇداغ جان: ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئالدى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ۋە دۇنيادىكى تۈركلەرگە سالام بېرىمەن. ئىككى ئاي ئىلگىرى فېيسبوكتا ئالېن ئىسىملىك بىر قىز ماڭا دوستلىشىش تەلىپى ئەۋەتتى، مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى توغرىسىدا مەلۇماتىم بولغاچقا، بۇ خىتاي قىزنىڭ تەلىپىگە ھەيران قالدىم. ئىستانبۇلدا ۋە فېيسبوكتا مەن تونۇشىدىغان ئۇيغۇر دوستلىرىم بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خىتاينىڭ مېنى ئۇيغۇر دەپ چۈشىنىپ قېلىپ فېيسبۇكتا مېنى ھېسابىغا قوشقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئۇ مېنى قوشقاندىن كېيىن ماڭا خەت يازدى ۋە ماڭا خىزمەت تەكلىپى بەردى. ئۆزىنىڭ «ژۇرنالىست» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇمات توپلاپ بەرسەم ھەپتىدە 500 دوللار پۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىشنى تېخىمۇ كۆپ قىلغانسېرى پۇل قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. مەن بۇ قىزدىن شۈبھىلەندىم. قايسى تۈردە خەۋەر توپلاپ ئەۋەتىدىغانلىقىمنى سورۇدۇم. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىشىمنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن بىر تۈرك مىللەتپەرۋەر بولغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى. ئەمما چاندۇرماستىن ئۈزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ گەپكە سېلىشنى توغرا تاپتىم. يەنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىن خەۋىرىم يوقتەك بىر ئۇسۇلدا سۆزلەشتىم. 

مۇخبىر: سىز ئۇ خىتاي قىز بىلەن قانداق ئۇچراشتىڭىز؟ بىر كىم ۋاسىتە بولدىمۇ؟

ئۇلۇداغ جان: مەن ئۇ قىز بىلەن پەقەت فېيسبوكتا ئالاقىلەشتىم، ئۇ قىزنى كۆرۈپ باقمىدىم. سورىدىم، ئەمما تۈركىيەدە ئەمەسلىكىنى دېدى. ماڭا ئۆزى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرمىدى، سەن پەقەت ئىشىڭنى قىل، دېدى. ئۇچرىشىشقا بىر كىم ۋاسىتە بولمىدى، مېنىڭ ئىستانبۇلدا ياشايدىغانلىقىمنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن دوستلىرىم بارلىقىنى بىلىپ ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ. قايسى گېزىتتە ئىشلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. مېنى بەك ساددا دەپ چۈشەندى. مەنمۇ بىلىپ قالمىسۇن، دەپ كۆپ سوئال سورىمىدىم، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئالدىدىم. 

مۇخبىر: ئۇ خىتاي ئايالنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەجەبلەندىڭىزمۇ؟ قانداق ئويلىدىڭىز؟ قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟ 

ئۇلۇداغ جان: دەسلەپتە بۇ خىزمەت تەكلىپىگە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تارتقان دەرت-ئەلەملىرىنى بىلىمەن. زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش مىللەت. ھەممىمىز تۈرك مىللىتى. مەن ئۆزۈمنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېسابلايمەن. يىغىن-پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەن. ئىقامەت رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن كېپىل بولىمەن. تۈرك مىللەتپەرۋەر بولغانلىقىم ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدىم. قانچە كۆپ پۇل بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى پۇل ئۈچۈن ساتمايمەن. بۇنداق بىر ئىشنى قىلمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدىم. ئەمما دەسلەپتە قوبۇل قىلغاندەك چۈشەنچىدە بولۇپ، مەن ئۇ قىزدىن خىتاي تەلەپ قىلغان ئىشنىڭ ھۆججەتلىرىنى ماڭا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدىم. 

مۇخبىر: نېمە سەۋەبتىن ئۇ خىتاينىڭ ئىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدىڭىز؟

ئۇلۇداغ جان: مەن ئۇ قىزنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر مەلۇمات تاپالمىدىم، فېيسبۇكتىكى سەھىپىسى ئارىسىدا خىتايلار يوق، مەن بۇنىڭغا قاراپلا جاسۇس ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم، ئەمما بىلمىگەن كىشى بولۇپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. مەن ئۇ قىزنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدىم چۈنكى مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، ئەجنەبىيلەرنىڭ مېنىڭ دۆلىتىمدە جاسۇسلۇق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزدۇر، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوغداشمۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئوخشاش زالىم خىتاي دۆلىتىگە قارشى تۇرىمەن. ھارام پۇللار ئۇلارنىڭ بولسۇن، بۇ پۇللارنى ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى سۈمۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھېچ قانداق بىر جاسۇسقا ياردەمچى بولالمايمەن. تۈركىيەدە ھەر قانداق بىر جاسۇسنىڭ تىمسىقلاپ يۈرۈشىگە يول قويمايمەن 

مۇخبىر: سىزگە ئىش تەكلىپ قىلغان خىتاي ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ دىققىتىڭىزنى تارتقان باشقا شۈبھىلىك ئەھۋاللار بارمۇ؟ 

ئۇلۇداغ جان: مېنىڭچە، ئۇ ھەقىقىي بىر ژۇرنالىست ئەمەس، ئەسلى ئىشى تۈركىيەدە جاسۇسلۇق قىلىشتۇر. مەن ئۇنى ئالداپ تۇرۇپ ھۆججەتلەرنى ماڭا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدىم. مەن ئۇ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىققاندا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. چۈنكى زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىدىغانلىقى، بۇ دوختۇرخانىلار ۋە دوختۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات تەلەپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چوڭ بىر جاسۇسلۇق، يەنى ئوچۇق ئاشكارا بىر جاسۇسلۇقتۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋەتەنداشلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىشنى تەكلىپ قىلىشىمۇ چوڭ بىر جىنايەت. بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىزنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق ۋاقىپلاندۇردۇم. مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتلەرگە مەلۇمات بەردىم. بۇ چوقۇم بىر جاسۇسلۇقتۇر. 

مۇخبىر: سىزچە، خىتايلارنىڭ بۇنداق ئىش تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىشلەۋاتقان كىشىلەر بارمىدۇ؟ سىز تونۇمسىز؟

ئۇلۇداغ جان: مېنىڭچە، باشقا كىشىلەرگىمۇ بۇ ئىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. تۈركىيەدە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنى جەزم قىلالايمىز. مەن ئىلگىرى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا جاسۇسلىرى بارلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم. خىتاي بەزى كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىپ، تەھدىت قىلىپ بۇ ئىشنى قىلغۇزارمىش. كىمنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. بىلىپ قالسام ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن. 

مۇخبىر: بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى سىز؟ قانداق تەۋسىيىلەردە بولىسىز؟

ئۇلۇداغ جان: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەقىقەتەن قىيىن بىر دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. خىتاي كۆپىنچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تونۇمىغان كىشىلەرگە جاۋاب بەرمىسۇن. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلسۇن. بىز تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى سۆيىمىز ۋە ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز. قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەمچى بولىمىز. 

مۇخبىر: ئەگەر بىر ئۇيغۇر سىز دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ئالدى بىلەن نېمە قىلىشى كېرەك؟ 

ئۇلۇداغ جان: ئەگەر بىر ئۇيغۇر مۇشۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايوندىكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلسۇن، ھەرگىز جىددىيلىشىپ كەتمىسۇن، دۆلەت رەھبەرلىرى چوقۇم ياردەم قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئاچمىسۇن، تەلەپلىرىنى ئورۇنلىمىسۇن. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى بىر قېتىم قىلىپ بەرسە ئۇنىڭدىن كېيىن گۆرۈگە ئېلىش تەھدىت قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلغانلىرىنى قىلدۇرىدۇ. ھەتتا ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئەمما دۆلەت ئادەملىرىگە خەۋەر بەرسە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇلارنى قوغدايدۇ، مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقىمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز. ئۆزلىرىگە تەھدىت قىلغان جاسۇسلارغا ھەرگىزمۇ باش ئەگمىسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرىغا مەلۇمات بەرسۇن.

مۇخبىر: بۇ سۆزلەپ بەرگەنلىرىڭىزنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلساق قوشۇلامسىز؟

ئۇلۇداغ جان: شۇنداق، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنىشىنى قوبۇل قىلىمەن. پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام ۋە سۆيگۈ يوللايمەن.  

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھەرۋاقىت سەگەك بولۇشىنى، خىتاينىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلىشىغا يوچۇق ئېچىپ بەرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە تۈركىيە دۆلىتىگە چاقىرىق قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ جاسۇسلىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى ۋە بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.