ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ياپونىيەدىن گ-20 باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.08.19
yaponiye-uyghur-birliki-turmuhemmed-hashim-g20-uyghur-mesilisi.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا
RFA/Haji Qutluq Qadiri


19 - ئاۋغۇست ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يوللاپ، سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 4 - ۋە 5 - سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاينىڭ خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىدىن يىغىندا ۋە شۇنداقلا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم 19 - ئاۋغۇست ئەتىگەندە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى خىتاي مەسىلىلىرى بۆلۈمىنىڭ خادىمى بىلەن كۆرۈشۈپ تەشكىلات نامىدىن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە يېزىلغان تەلەپ خېتىنى تاپشۇرغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىك تەشكىلات تەلەپ خېتىدە، خىتايدىكى كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ياپونىيە تەرەپنى كۈچلۈك دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى بۇ قېتىمى يىغىندا ۋە شۇنداقلا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان خېتىنىڭ باش قىسىمى
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان خېتىنىڭ باش قىسىمى
RFA/Haji Qutluq Qadiri

تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرىلىقىغا يوللانغان تەلەپ خېتىدە يەنە، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدىكى بەزى بىر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە:«20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرىستى» دەپ كۆرسەتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن قانۇنشۇناس يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ئابېينىڭ خىتاي تەرەپ بولغان سۆھبىتىدە ئەلۋەتتە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئابې ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ياپونىيەنى ئەسكىرىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئاسىيادىكى زېمىن ماجىرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر پەيت» دېدى.

بىراق، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بولسا ياپونىيە - خىتاي سۆھبىتىدە يەنىلا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ئاساسىي تىما قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى«خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مېڭشا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە، شىنزو ئابېنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شىزاڭ، ئۇيغۇر ئېلى، ئىچكىي موڭغۇلدىكى كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن ئەسلا ئۈمىدىم يوق. ئابې پەقەتلا دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى سىلىق - سىپايە دىپلوماتىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويالىشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، يېقىندىن بۇيان دىياۋيۈ ئارىلىغا خىتاي ساقچى چارلىغۇچى كېمىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم يېقىنلاپ كېلىشى ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ياپونىيە تەرەپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرالمىدى.»

ئۇ سۆزىدە يەنە: «15 - ئاۋغۇستتىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىش مەسىلىسىدە، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مازارلىقنى تاۋاپ قىلىپ خىتاي تەرەپنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ياپون رەھبەرلىرىدىن ئىنادا تومومى خانىم بۇ قېتىم ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ تاۋاپ قىلىشقا بارمىدى» دېدى.

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى پائالىيەتچىلىرىدىن يوشىدا يۈرى خانىم شىزو ئابېنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ:«مەن بۇ قېتىمى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي تۈرمىسىدە يىتىۋاتقان نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو بىلەن ئىلھام توختىنىڭ بالدۇراق تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىش تەكلىپىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى تەلەپ خېتىگە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ۋە باشقا رەھبەرلەرنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «ئاساھى شىمبۇن»، «يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنسىستىرى فۇمىئو كىشىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 4 - سېنتەبىردىن 5 - سېنتەبىرگىچە خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى مەزگىلىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.