جاپان تايمىس مۇخبىرى ئېدۋارد: بېيجىڭ ئەنقەرە بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەت باغلاۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.07.30
yaponiye-waqti-geziti-28-iyul-2015.jpg ياپونىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ 28 - ئىيۇل كۈنىدىكى سانى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


28 - ئىيۇل ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى «جاپان تايمىس گېزىتى» نىڭ «خەلقئارا نيۇيورك تايمىس» نامىدىكى مەخسۇس بېتىدە، مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئېدۋارد ۋۇڭنىڭ «بېيجىڭ ئەنقەرە بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەت باغلاۋاتىدۇ» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە ئالدى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئىستانبۇل شەھىرىدە رامىزان ئېيىدا تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى غايەت زور نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىپ، كونسۇلخانىنىڭ ئىشىك ۋە دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق تۇرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن.

ئېدۋارد ماقالىسىدە:«تۈركىيەدىكى بۇ خىل خىتايغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بەلكىم خىتاي دۆلىتىنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تۈركىيە خىتاي ساياھەتچىلىرىگە، خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا ئىھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ شەھەر ئارىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى خىتاي شىركەتلىرى ئەرزان باھادا ياساپ بېرىشنى ھۆددىگە ئالغان ئەمەسمىدى؟»دەيدۇ.

ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ئوسمان ئىمپېراتورلۇقى زامانىسىدىن باشلاپلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئېدۋارد ماقالىسىدە: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇۋاتقان نازۇك بىر پەيتنىڭ ئۆزىدە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 28 - ئىيۇلدىن باشلاپ بېيجىڭدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سەۋەبى خىتايدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، تۈركىيەدە بولسا بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلەر كۆپەيگەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشى تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ.

مۇخبىر ئېدۋاردنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى يىن گاڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىككى تەرەپ سودىسى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ. خىتاي تۈركىيەگە بەزىبىر ھەربىي قوراللارنى ساتتى ۋە بەزىبىر تۈرلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

يىن گاڭ سۆزىدە يەنە:«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسى يولنىڭ بىر چېتىدە تۇرىدۇ. تۈرك خەلقى بۇ مەسىلە ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىنى ئۆزىگە دۈشمەن كۆرۈۋاتىدۇ. لكىن بىز ئۇلار ئېيتقان تەلەپلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنى ئورۇنلاپ بېرەلمەيمىز» دېگەن.

ماقالىدە رامىزان ئېيىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 30 - ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەدە خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتىغا جاۋابەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ:«ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دېيىلگەن قانۇن - نىزاملار ئىچىدە ئەركىن، خاتىرجەم دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ روزا تۇتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن،

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە خىتاينىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ موسكۋادا تۇرغان، ھازىر لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شۇ مۇخبىر ئېدۋاردنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ:«ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرا ئەمەس، سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى 15 مىليون مۇسۇلماننىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئېدۋارد ماقالىسىدە :« 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ يەنى 9 - ئىيۇل رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەردە خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋالىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ مەسىلىدە داۋاملىق سوزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى» دەيدۇ.

ماقالىدە خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى بىلەن تۈركىيە تەرەپنىڭ بەزىبىر ئىچكىي مەسىلىلەردە ئۆز - ئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە ئىسرائىلىيەلىك تەتقىقاتچى يىتزھاك شىچورنىڭ 2009 - يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بەزى ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن..

ئېدۋارد ماقالىسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچە كەسكىنلەشكەن پەيتتىمۇ، تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىملىرىنى بۇزۇش ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشتەك ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ماقالىدە شياڭگاڭدىكى باپتىست ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى مەھمەت سۆيلەمەز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«2009 - يىلى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇركىيە باش مىنىستىر ۋاقتىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" دەپ ئاتىدى. ئەمما ئىككىنچى يىلى خىتاي بىلەن ئىستراتىگېيەلىك ھەمشېرىك دوستلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت سودا سوممىسىنى 2015 - يىلغىچە 50 مىلياردقا، 2020 - يىلى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەھبەرلىرىگە تۈركىيە خىتايدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىمايدۇ دېدى» دېگەن. تەتقىقاتچى مەھمەت سۆيلەمەز يەنە: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدە ئاساسىي ئامىل بولدى» دېگەن.

ئېدۋارد ماقالىسىدە يېقىندا تۈركىيەگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى بىر قىسىم ئوخشىمىغان قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو ياپونىيە گېزىتلىرىدىن «سانكېن شىنبۇن گېزىتى» دە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھەل قىلىنسا بۇ ياخشى ئىش. خىتاي ھۆكۇمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشى بۇ باشقا كىشىلىك ھوقۇق ھەركەتلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.