ياپونىيەدىكى روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.03.21
yaponiye-turmuhemmet-hashim-doklat-2017.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


18-مارت شەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىباراكى ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلغان ساخاۋەتچى كارخانىچىلاردىن تەشكىللەنگەن، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بېرىدىغان ئىباراكى ئۆلكىلىك روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت پىلان يىغىنىغا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، كەڭ كۇلۇب ئەزالىرىغا ئۇيغۇر تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىشىمىزچە، تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتىدا ئالدى بىلەن، يىپەك يولىدا بۈيۈك مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى قۇرۇپ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ، بۇددا دىنىي دەۋىرىدە مەدەنىيەت جەھەتتىن تولىمۇ يۈكسەلگەنلىكىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى توغىرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان قانلىق باستۇرۇشلاردىن 2009-يىلىدىكى5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالىغا دائىر تور بەتلىرىدە تارالغان بىر قىسىم يوتۇبې ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. ئۇ، دوكلاتىنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيەدىكى روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

بىز دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېلېفون ئارقىلىق ئۈچ نەپەر دوكلات ئىشتىراكچىسى بىلەن بۈگۈنكى دوكلات ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىباراكى ئۆلكىلىك روتاري ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئۇشىئودا ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى دوكلات ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ:«روتارىي كۇلۇبىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى تۈپ مەقسەت، كۇلۇبىمىزدىكى بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى ۋە باشقا جەھەتلەردە كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا بىز، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەلگىلىك ئۇچۇر، ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان بەزى بىر سۆھبەتلىرىمىزدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويساق، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىرئاز بولسىمۇ پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز» دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىباراكى ئۆلكىلىك روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يامادا دوكلات ھەققىدە توختىلىپ:«بىز خىتايدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە پەقەتلا تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەن ئۇچۇلاردىن خەۋەردار بولغان بولساقمۇ، بىراق بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇماتىمىز يوق. لېكىن، بۈگۈنكى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن پاكىتلىق سۈرەت ۋە ھۆججەتلەردىن بۇ ھەقتە دەسلەپكى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق. دوكلات مېنىڭچە ياخشى بولدى دەپ قارايمەن» دېدى.

تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئىباراكى رايونلۇق روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىمۇرا خانىم دوكلات ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«مەن بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم تۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىم. ھەر قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتدىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خىتاي دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق مەسىلە، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق بىرلىشىپ ئىزدىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت يىغىنىدا، بۇ يىل ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش پىلانى شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار توغىرىسىدىكى خۇلاسىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا ياپونىيەدە تونۇلغان كارخانىچى قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياپونىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياپونىيەدىكى روتارىي ساخاۋەتچىلەر كۇلۇبىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا ئۇلار بۇ كۇلۇبنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق كۇرسلىرىنى تاماملىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.