كرېمىل ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى»نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى. 2014-يىلى 23-دېكابىر، موسكۋا.
«ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى»نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى. 2014-يىلى 23-دېكابىر، موسكۋا.
AFP

23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا رۇسىيە، قازاقىستان، بېلارۇسىيەدىن تەركىب تاپقان ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى»نىڭ يىغىنى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مەزكۇر ئۈچ دۆلەتتىن باشقا قىرغىزىستان ۋە ئەرمېنىيە ھەم تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىدا قىرغىزىستان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ مەزكۇر ئىتتىپاققا قوبۇل قىلىنغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى. نەتىجىدە، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى، يەنى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، كاۋكازىيەدىكى ئەرمېنىيە ۋە سلاۋىيان تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان رۇسىيە ھەم بېلارۇسىيەدىن ئىبارەت بەش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى مودېلدىكى ئىتتىپاقى شەكىللەندى.

رۇسىيەنىڭ «سويۇز. بي» تورىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا پۇتىن سۆز قىلىپ، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى ئۈچلىكتىن مانا ئەمدى رەسمىي تۈردە،يېڭىدىن ئەرمېنىيە ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 دۆلەت ئەزا بولغان ئىتتىپاققا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرسۇلتان نازاربايېف بولسا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ غەربتە بالتىق بويىدىن شەرقتە تىنچ ئوكيانغىچە، ۋە تەڭرىتاغ بويلىرىغىچە بولغان دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 مىليون نوپۇسلۇق ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى 2015-يىلى، 1-يانۋاردىن باشلاپ، رەسمىي ئىش باشلايدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئاتقۇرىدىغان تەشكىلات بولۇشى ياكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئېھتىياج بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم سىياسىي ئىتتىپاق بولۇشى مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۆزبېكىستان، تاجىكىستاننىڭ بۇ ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسىدۇر. ھازىرچە، تۈركمەنىستان بۇ قىزىقىشنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ قانداق يول تۇتۇشى ھەققىدە ئانالىزلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

موسكۋا يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تاشكەنتنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە -ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستاننىڭ 860 مىليون دوللار قەرزىنى كەچۈرۈم قىلغان ھەم كېلەر يىلى 3000 ئۆزبېكىستان ھەربىي ئوفىتسېرىنى رۇسىيەدە تەربىيىلەپ بېرىشكە ماقۇل بولغان ئىدى. بۇ ئەھۋاللار ئۆزبېكىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىشى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئىگور موروزوۋ تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ 2015-يىلى، ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ يېزىشىچە، گەرچە تاجىكىستان ھازىرغىچە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىش ھەققىدىكى مەيدانىنىنى رەسمىي بىلدۈرمىسىمۇ، بىراق ئەمەلدارلار ۋە سىياسەتچىلەر تاجىكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى دائىم بىلدۈرمەكتە. تاجىكىستاننىڭ رۇسىيەدىكى ئەلچىسى تاجىكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىش يولى ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ خەلقئارا ئىشلار مەسئۇلى ئىگور موروزوۋ تاجىكىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ 2015-يىلى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىن زىچ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە، رۇسىيە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۇ كۆپ جەھەتلەردە رۇسىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە. پۇتىننىڭ تاشكەنت زىيارىتىدە ئۆزبېكىستاننىڭ مەزكۇر ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل 11-ئايدا رۇسىيەنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاجىكىستاننىڭ بۇ ئىتتىپاققا كىرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان، شۇنىڭدەك تاجىكىستاننىڭ مەزكۇر ئىتتىپاققا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ قېتىم تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن قوشنا قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىپ، 1-يانۋاردىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئىش باشلىشى مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىرىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىدى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ تەھلىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، نۆۋەتتە تاجىكىستان ئىقتىسادشۇناسلىرى گەرچە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتىش كېرەك دەپ قارىسىمۇ، ئەمما تاجىكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسى، دۇشەنبەنى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى رەت قىلالماس ئەھۋالىدا قويغان.

ھازىر ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ بىر قانچە مىليون ئاھالىسى رۇسىيەدە ئەمگەك مۇھاجىرلىرى سۈپىتىدە ئىشلەپ ئۆز ئائىلىسىنى قامداۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون ئەتراپىدا ئۆزبېكىستانلىق رۇسىيەدە ئىشلەيدۇ. بۇ مۇھاجىرلارنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەپ تېپىپ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن پۇللىرى مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇھىم تاشقى كىرىمىگە ئايلانغان. «يېۋرو-ئاسىيان.نېت» تۆرىدىكى ئانالىزدا ئېيتىلىشە، ئەمما، يېقىندىن بۇيان رۇسىيەدە كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي كرىزىس،جۈملىدىن رۇبلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەمگەك مۇھاجىرلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، مەزكۇر ئەمگەك مۇھاجىرلىرى ئۈستىدىن يېقىندا يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ئۇلارغا قارىتا باشقۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ تۆلەم رەسمىيەت پۇللىرىنى ئاشۇرغان. شۇڭا ھازىر بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبلەردىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بۇ ئەمگەك مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش يولىغا ماڭماقتا. پەرەزلەردە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئەمگەك مۇھاجىرلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

مەلۇمكى، رۇسىيە ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن، رۇسىيە غەربنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ غەرب بىلەن بولغان زىددىيىتىمۇ ئۆتكۈرلەشتى. يېتىم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن رۇسىيە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئاسىيا- ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى رامكىسى ئاستىدىكى بىرلىكنى كۈچەيتىپ، باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى بۇ ئىتتىپاق تەركىبىگە قوشۇشقا ئىنتىلمەكتە. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك ئانالىزچى ئاجار كۇتروۋ ئۆزىنىڭ «لېنتا.رۇ» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ياۋرو -ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە ھەر قانداق بىر ئىتتىپاق ئىختىيارلىق بىلەن بولۇشى كېرەك، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشى رۇسىيەنىڭ ئاساسلىقى مەقسىتى بولماسلىقى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتورنىڭ تەھلىلىدىن قارىغاندا، رۇسىيە مەزكۇر ئىتتىپاقنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ، يەنىلا تېخى شەكىللىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت