رۇسىيە - خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز بولماقتا


2007.12.30

2007 - يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، گەرچە ئىككى دۆلەت سودا مىقدارى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ساھەلەر بويىچە خىتاي كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە -خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىلقى ئىككى دۆلەت سودىسىنى خۇلاسىلاپ، 2007- يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدا خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى، ئېنېرگىيە سودىسى يەنى رۇسىيىنىڭ خىتايغا ساتقان نېفىتلىرىنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، رۇسىيىنىڭ نېفىت سودىسى ئۆتكەن يىلىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق نېفىتلىرىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان.

گېرمانىيە رۇسىيىنىڭ بىرىنچى سودا شېرىكى بولۇپ، خىتاي گوللاندىيىدىن قالسا ئۈچىنچى شېرىكىدۇر. رۇسىيە خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، رۇسىيە-خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان. ئۇ " ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ مىقدارى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيالىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل تاۋارلىرىغا ئالماشتۇرۇش ھالىتىگە قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۈچۈن ياخشى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پورزھاكوۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي 2007- يىلى رۇسىيىگە ئۆزىنىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىللار بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ئېكىسپورتىنى ئاشۇرغان. بۇ رۇسىيىنىڭ رەڭلىك مېتال سودىسى ئۈچۈن رىقابەت پەيدا قىلغان. پورزھاكوۋ، ھازىر رۇسىيە-خىتاي سودىسىدا رۇسىيە ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىراق، رۇسىيە خىتايغا ساتىدىغان نېفىت مىقدارىنى 2007 - يىلى ئازلاتقان. شۇنداقلا خىتايمۇ بۇ يىل رۇسىيىدىن ئالدىغان ئېلېكتىرنى توختاتقان. ئۇلار ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز سودا باھاسى سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغان. بۇ يىل يەنە رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاي ساخالىن ئارىلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى سېتىۋېلىشتىن مەھرۇم قالغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.