لياۋنىڭ ئۆلكىسى بېنشى مانجۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ناھىيىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋە 25 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان پارتلاش ۋەقەسى، مەزكۇر كۇلۇبنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ساقلىنىۋاتقان پارتلاتقۇچ دورا پارتلاپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان. كۇلۇب خوجايىنى ئەينى زاماندا يەنە كۆمۈر كان ئىگىسى بولۇپ، ئۇ كۆمۈر كاندا ئىشلىتىدىغان پارتلاتقۇچ دورىنى ۋەقە يۈز بەرگەن كۇلۇبنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ساقلىغان ئىكەن.
25 ئادەم ئۆلۈشى ۋە 41 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ۋەقەدە، كەچلىك كۇلۇبنىڭ چۈي پەمىلىلىك خوجايىنى ئۆلگەن. " بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار چۈينىڭ خوتۇنىنى سوراق قىلدى.
ۋەقەنى تەكشۈرگۈچىلەر، يەر ئاستى ئۆيدە بىر توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورا ساقلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بۇيىچە كىچىك تىپتىكى مىھمانخانا، مۇنچا، ئىنتېرنېت چايخانىسى قاتارلىق جايلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇدى.
خىتاي پارتلاتقۇچ دورىلارنى بىخەتەر بولمىغان جايلاردا ساقلاش ۋە يۆتكەش سەۋەبىدىن پاجىئەلىك ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت. 2006 - يىلى شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ساقلانغان پارتلاتقۇچ دورا پارتلاپ كېتىپ 35 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئوق- دورا ئىسكىلاتىدىن پارتلاتقۇچ دورا قاچىلاپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل شەھەر مەركىزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا پارتلاپ كېتىپ 80 نەچچە ئادەم ئۆلگەن. (ئەركىن)
