"چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دەۋرىدە خىتاي بويىچە 30 مىليون ئادەم ئۆلگەن


2005.12.30

ئامېرىكىدا چىقىدىغان دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە "مەملىكەتلىك جۇغراپىيە" جۇرنىلى 2006 - يىللىق 1 - سانىنى نەشر قىلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى 50 يىلى ئىچىدە دۇنيا بويىچە 35 دۆلەتتە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. ژورنالدا، "زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن سىياسىي، ئىرقىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا دائىم قوللىنىدىغان ۋاستىسى بولۇپ قالغان" دېيىلگەن.

"مەملىكەتلىك جۇغراپىيە" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە، بولۇپمۇ " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دەۋرىدە ئەڭ كۆپ كىشى خىتايدا ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي بويىچە ئۆلگەنلەر 30 مىليونغا يېتىدىكەن. "مەملىكەتلىك جۇغراپىيە" ژورنىلى " بۇ سان ناتسىستلار گېرمانىيىسى دەۋرىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان 11 مىليون يەھۇدىلار سانىدىن 3 ھەسسە كۆپ" دەپ يازغان.

مەملىكەت سىرتىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ماۋ زېئوڭ دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ئۇيغۇرلارمۇ نىسىۋىسىنى ئالغان بولۇپ، 1964 -يىلى تارىم ئويمانلىقىدا تۇنجى ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىنغاندىن بېرى 700 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك پۇقرا رادىئاكتىپ ماددىلاردا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. 1960 - يىللاردا يۈز بەرگەن سۈنئىي قەھەتچىلىكتە باي ناھىيىسى بويىچە تولۇقسىز مەلۇماتلارغا كۆرە 20 مىڭ ئادەم ئۆلگەن ئەينى چاغدا ۋەقەنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارالغان باي ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى خەي رۈي، كېيىنچە چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.