ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ،خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك بىلەن سالغان يىللىق ئومۇمى زىيان سوممىسى ، دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ خىراجىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ؛ چىرىكلىك نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا قارىتا ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئامېرىكىنىڭ ك ن ج خەلقئارا تېنچلىق فوندى جەمئىيىتى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىكىدىن كېلىپ چىققان زىيان سوممىسى خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمى چىقىمىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر جەمئىيەت ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 2003 - يىلى خىتايدا ، خىتاي ئەمەلدارلىرى پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك بىلەن دۆلەتكە سالغان زىياننىڭ 86 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇ چىقىمنىڭ خىتاينىڭ شۇ يىلقى يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش سوممىسىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ چىقىمنىڭ يەنە ، خىتاينىڭ 2006 -يىللىق ئومۇمى مائارىپ خىراجىتىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : خىتايدا چىرىكلىك ئېغىر بولسىمۇ، ئىقتىساد يەنىلا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يەنىلا ئۈستۈن؛ ئەمما بۇ دېگەنلىك خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، چىرىكلىكتىن ئىبارەت بۇ يۈكنى يەنە داۋاملىق يۈدۈپ ماڭالايدۇ دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ. خىتايدىكى چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى دەپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە زىيادە قول تىقىۋېلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئاجىزلىق ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدە سىياسىي ئىسلاھات ئارزۇسىنىڭ سۇسلۇقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن دوكلاتتا ، خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە خاتىمە بېرىشنىڭ يىگانە چارىسى سىياسىي ئىسلاھات ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئەمما ھوقۇقنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئەندىشىسى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ دەپ خۇلاسە چىقارغان. (ئەقىدە)
