خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى كېلەر يىلى خۇسۇسى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشى مۇمكىن


2006.12.29

15 - نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر يىلى 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان 5 - ئومۇمى يىغىنىدا ئۇزۇندىن بېرى تالاش تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان خۇسۇسى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى ماقۇللىنىشى مۇمكىن.

شەخسلەرنىڭ مۆلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بېرى، ھازىرغا قەدەر 7 قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بۇ جەرياندا مەزكۇر قانۇن خىتاي جەمئىيىتىدە، ئىلىم ساھەسى شۇنداقلا سىياسى ساھەدە زور تالاش تارتىش قوزغىدى.

مەزكۇر قانۇنغا قارشى تۇرغۇچىلار خۇسۇسى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كونتروللۇقىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ شۇنداقلا كەمبەغەللەر بىلەن بايلار پەرقىنى چوڭايتىۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن بۇ قانۇننى قوللىغۇچىلار، مەزكۇر قانۇندىكى بەزى ماددىلار خۇسۇسى مۈلىكنى قوغداش جەھەتتە تېخى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ تەنقىدلىمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن 5 قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قانۇنغا قارشى تۇرغۇچىلار ئاندىن پەسكويغا چۈشكەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارە مۇنازىرە قىلىش چەكلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.