رابىيە قادىر خانىم خىتاي قىسىملىرىنىڭ يەكەندە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.08.27
rabiye-xanim-yeken-press-club.jpg رابىيە قادىر خانىم خىتاي قىسىملىرىنىڭ يەكەندە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
RFA

چارشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «28 - ئىيۇل يەكەن ئىسيانى» دا نامايىشچىلارنى قارا - قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەنسىزلىك: خىتاي دېمىگەن ھەقىقەتلەر» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 27 - ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى  دۇنيا ئۇيغۇن قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىندا قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاساسلىقى خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ يەكەندىكى نامايىشنى بۇرمىلاپ ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپ خەۋەر قىلغانلىقىنى مىساللار بىلەن كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشتا پەقەت 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بۇ سانغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، 28 - ئىيۇل خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى باياناتلىرىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ، بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى نۇقتىنى كېڭەيتىپ يورۇتۇپ بەردى.

يىغىنغا كۆپلىگەن ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىر ئەۋەتتى ۋە سوئاللارنى سوراشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.