بوۋاڭلار شۇنداق كىشى ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-10-31
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ۋە دىنىي ئۆلىما ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللا.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ۋە دىنىي ئۆلىما ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللا.
RFA/Abduweli Ayup

بالىلىرىم، بوۋاڭلار تۈگەپ كەتتى. رەھمەتلىك چېقىلماس قورام تاش ئىدى، ئوۋۇلۇپ كەتتى. يىقىلماس تاغ ئىدى، گۈمۈرۈلۈپ كەتتى. قۇچاق يەتمەس توغراق ئىدى، ئۆرۈلۈپ كەتتى. ئۇ چوڭ قىلغان تۆت ئوغۇلنىڭ ئىككىسى سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىدە مەھبۇس، بىرى يات ئەلدە مۇساپىر. رەھمەتلىكنىڭ كۆزلىرى يا يېقىندىكى يا يىراقتىكى ئوغۇللارنى كۆرەلمەي تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىمۇ ھەرىكەتتىن توختاپتۇ.

بوۋاڭلارنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغاندا قوللىرىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. چۈنكى بۇ كۆزلەر ئەمدى يىراقتىكى ئوغلىنى ۋە ئالتۇندەك نەۋرىلەرنى كۆرەلمەيتتى. شۇ چاغدا يىراقلارغا كەتكەن داداڭلارنىڭ 15 يىل بۇرۇن «سىلەر مىللەتكە چىقىش يولى ئەمەس، تەسەللى ئىزدەۋاتىسىلەر، » دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغاندەك بولغان ئىدى. مانا ئەمدى، داداڭلار يىللار ئۆتۈپمۇ تاپقانلىق خەۋىرىنى بەرمىگەن چىقىش يولىغا مەنمۇ ئاتلىنىش ئالدىدا تۇراتتىم. شۇ چاغدا بوۋايغا يۈرەكتىن باشلىنىدىغان بۇ يولنىڭ بىزنى نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن ئىدىم.

بوۋاڭلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرمىگىنى ياخشى بولدى، دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم بىر تۇرۇپ. ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئىزى قالغان، بۇزۇلۇپ چېقىلىۋاتقان مەھەللىنى، كۆزلىرى ئەخلەتلەر بىلەن تىندۇرۇلغان بۇلاقلار ۋە قاشالانغان كۆز يەتمەس سازلىقلىقىنى، ئۆزلەشتۈرۈپ تەييار قىلىنغان يەرلەرگە كېلىپ جايلىشىۋالغان توپ-توپ ھاكاۋۇر كۆچمەنلەرنى، خالانىڭ تاملىرىغىچە يېزىلغان كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى كۆرۈپ چىدىمايدىغان ئۇ كۆزلەرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغىنىمۇ بىر ھېكمەت ئىدى. ھەقىقەت ئىزدىگەن كۆز ھەقنى سۆزلەيدىغان تىلنى جىم تۇرغۇزمايتتى. ئېغىزلار ئېچىلغان ھامان ھەر بىر كۆزى ئوچۇق ئۇيغۇرغا قېرى- ياش، خوتۇن-بالا دەپ ئايرىمايدىغان تۇۋاق تەييار، تاياق تەييار، قاماق تەييار ئىدى.

سىلەر يات ئەلدىكى مۇساپىرەتتە ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش پەقەت دادا، ئانا دېگەن ئىسىملار ئىچىدە ياشايسىلەر. يېنىڭلاردا چۆچەكچى بوۋا، موماڭلار يوق. مۇشۇنداق مۇسىبەتلىك كۈندە بىر چەتتە بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان داداڭلار ۋە يۇم يۇم ياش تۆكۈۋاتقان ئاناڭلارغا قاراپ نېمە بولغاننى تۈزۈك ئاڭقىرىپ بولالمايدىغان، ئاڭقارغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى يىغلاتقان ئازابنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ بولالمايدىغان ياشتا سىلەر. شۇڭا سىلەرگە بىر نەرسە دېگۈم كەلدى.

بالىلىرىم، ئۇيغۇرلاردا مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن تۇپراق بېشىدا ئىمامدىن سورىلىدۇ. - «دادىمىز نېمە ياخشىلىقلارنى قىلغان، قانداق ئادەم ئىدى؟» بۇ سوئالغا ئىماملار بەزەن مەرھۇمنىڭ تەرىپىنى قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ، جامائەتمۇ يىغا ئارىلاش ئاۋاز قوشىدۇ: «مەھەللىمىزنىڭ چىرىغى ئىدى، يۇرتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ئىدى!» دېگەن سادالار ياڭراپ، قوشاق قوشۇپ ياد ئېتىشلەر باشلىنىدۇ. بەزىدە ئىمام سورىغۇچىغا ئويلىغانلىرىنى ياساپ-جابدۇپ دەيدۇ. جامائەت سۈكۈت قىلىدۇ، بەزىدە خوشياقماي ئىككى ئېغىز چىرايلىق سۆزلەپ قويىدۇ، جامائەت بوش ئەسنىشىدۇ. بالىلار، ھەر قېتىم مۇشۇ سوئال سورالغاندا تېنىمنى بىر تىترەك باسىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيادا بالىمىز، ئۇ دۇنيادا ئۆزىمىز خىجالەت تارتىدىغان مۇشۇنداق بىر كۈن، بىر ۋاقىت ھامان بېشىمىزدا بار. بۇ دۇنيادا بۇ سوئالنى بالىمىز مەھەللىمىزدىكى قىلمىشىمىزدىن خەۋەردار ئىمامدىن، جامائەتتىن سورىسا، ئۇ دۇنيادا بۇنداق سوئالنى ھاياتىمىزدىكى بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزنى كۆرگۈچى ئاللاھ ھەر بىرىمىزدىن سورايدۇ. بۇۋاڭلار بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى مۇشۇنداق سوئاللارغا بىر ئۆمۈر تەييار ئۆتكەن، ھەر زامان جاۋابكار ياشىغان كىشى ئىدى.

بوۋاڭلارنىڭ يۇقىرىقى سوئاللارغا قانداق تەييارلىق قىلغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي بالىلىرىم. بىر كۈنى ئايدىڭبۇلاق دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىمىزنىڭ بېشىغا بىر توپ ماشرەڭ شەپكە كىيىشكەن خىتايلار كەپتۇ. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ بويىدا قارغىلاردەك ئولتۇرۇپ كۇرۇشكىلارغا سۇ تولدۇرۇپ، مۇشتۇمدەك مومىلارنى چىلاپ يەپتۇ. ئايلار ئۆتۈپ كىشىلەر نېمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغۇچە مەھەللىمىزگە ئېقىپ كېلىدىغان ئۆستەڭنىڭ بېشىدا بىر مەھەللە پەيدا بولۇپتۇ. كىشىلەر ماشرەڭ شەپكىلىك خوتۇنلارنىڭ كۈندۈزلىرى ئۆستەڭ بويىدا كىر يۇيۇشقانلىرىنى، ئەرلەرنىڭ قاچقان تۇڭگۇزلارنى بۇلاق بويىدا قوغلاپ يۈرۈشكەنلىرىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ. ئۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى بىلەن ئەتكەن تاماقلار يېيىلمەس، نانلار سىڭمەس، قايناتقان چايلار ئىچىلمەس بوپتۇ.

شۇنداق كۈنلەردە مەھەللىگە ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەتكەن بوۋاڭلار قايتىپ كەپتۇ. ئۇ بولغان ۋەقەنى ئاڭلاپ، ئەتىگەندە بامداتتىن يانغان جامائەتنى باشلاپ خىتايلار جايلاشقان مەھەللىگە بېرىپتۇ. ماشرەڭ شەپكە خىتايلاردىن بىرى ئوق چىقىرىپ قورقۇتماقچى بوپتۇ. بوۋاڭلار تۇيدۇرماستا ئارقىسىدىن ئەگىپ بېرىپ قورالىنى تارتىۋېلىپ خىتاينى باغلاپ شەپكىسىنى ئېغزىغا كەپلەپ قويۇپتۇ. ئۆستەڭ بويىدا يۈرگەن چوشقىلارنى سۈرۈپ توقاي قىلىپ، سۇ بويىدىكى قوتانلارنى ۋەيران قىپتۇ. شۇندىن كېيىن خىتايلار سۇ بويىدا كىر يۇيۇشقا، چوشقا بېقىشقا پېتىنالماس بولغان ئىكەن.

بوۋاڭلارنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن كۈنلەردە كەنتتىكى كىشىلەر يوقلاپ كىرىپتۇ. مەھەللىدە ئون ئائىلىگە بىر كىشى باشلىق قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ يوقلىغۇچىلار قاتارىدا شۇ باشلىقمۇ بار ئىكەن. بۇ مەخلۇق مەھەللىدىكى «قۇرئان» ۋە جاينامازلارنى تىزىملاپ كومپارتىيە تارقاتقان دەرسلىكتىن باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈرگەن ئىكەن. بوۋاڭلار ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇپ، «چىقە بۇ ئۆيدىن ھەي ئىمانسىز يالاقچى، سەن يالايدىغان تاپان بۇ يەردە يوق! چىقە، مېنى سىياسىي مەھبۇسنىڭ دادىسى دەپ چاق! مېنى قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ، دەپ دوكلات قىل، چاينى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئىچتى دەپ ئەرز قىل! شۇنى دە، خىتايلىرىڭغا، بىز خىتاينىڭ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بەندىسى، بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئەمەس، ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتى! مۇشۇ تۇپراققا كۆمۈلۈپ، مۇشۇ تۇپراقتىن ئۈنگەن خەلق بىز. خىتايلىرىڭ بىزنى يالماپ تۈگىتىمىز دەپ خام خىيال قىلمىسۇن، بىز ئۆلسەك توغراقتەك يەنە كۆكلەيمىز، نەپرىتىمىز خىتاينىڭ يولىغا تىكەن بولۇپ ئۈنۈپ ئۇلارنى ھېچ يەردە خاتىرجەم ماڭالماس قىلىۋېتىدۇ!» دەپ ۋارقىراپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.

بالىلىرىم، بوۋاڭلارنىڭ ھېكايىسى كۆپ. بىزدە بۇنداق قەھرىمان بوۋاي ۋە غەمگۇزار مومايلارنىڭ چۆچەكلىرى بەكمۇ نۇرغۇن. ئەگەر ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى بىلسەڭلار بۇنداق ھېكايىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ ئوقۇيالايسىلەر. يات ئەللەردە ئىسمىڭلاردىن غەيرىيلىك ھېس قىلىدىغان، تاماقلىرىڭلارغا قىزىقسىنىدىغان، بايراملىق كىيىملىرىڭلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدىغان ساۋاقداشلىرىڭلارغا مۇشۇنداق باش ئەگمەس، ئاق كۆڭۈل، گۈلسۆيەر ۋە گۈلچىراي بىر مىللەتنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىڭلارنى سۆزلەپ بېرەلەيسىلەر.

تولۇق بەت