غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (1): ئەزىزانە قەشقەردىكى بالىلىق

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.09
ghulamidin-paxta-muxbir-ziyaret.jpg غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇ-يوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىل 9-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
RFA/Qutlan

بۇ يىل ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پېشقەدەملىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم نيۇيوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇدا ئىككى كۈنگە سوزۇلغان يۈزمۇ-يۈز سۆھبەت جەريانىدا 87 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ ئاجايىپ كەچمىشلەرگە تولغان ھايات ھېكايىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: «مەن 68 يىلدىن بۇيان ۋەتەن سىرتىدا ياشىدىم. جىسمىم دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما روھىي دۇنيايىم، خىياللىرىم ۋە چۈشلىرىم ھامان ۋەتىنىمنى، ئەزىزانە قەشقەرنى سەيىر قىلىپ يۈردى!...»

غۇلامىدىن پاختا 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە قوشنا بولغان ئېگىزئېرىق مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە بىرقانچە ئەۋلادتىن بۇيان پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق سەرخىللىرىدىن ئىدى.

ئۇ 2 يېرىم ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىن يېتىم قالىدۇ. كېيىنچە دادىسى ئەخمەت پاختا شېڭ شىسەينىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ قەشقەردىن غايىب بولىدۇ. ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر، ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ زەربىسىدە يىقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئەنە ئاشۇ تىنچسىز يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى مەكتەپ تەربىيەسىنى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ھامىيلىقىدا قەشقەرنىڭ نوبېشىدا ئېچىلغان «نەمۇنە» مەكتىپىدە ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى يىللىرى ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە يېڭى مەكتەپ ئېچىپ، گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھالبۇكى، قەشقەردە كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەقىب ۋە سوۋېت جاسۇسلىرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى تۈركچىلىك مەپكۇرىسى بىلەن ئەمدىلا يىلتىز تارتقان جەدىدچىلىك مائارىپى زەربىگە ئۇچرايدۇ.

1930-يىللاردىكى قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا مەنسۇپ سەرخىللەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئېقىمدىكى سىياسىي گۇرۇھلار ۋە ئوخشىمىغان مەپكۇرىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت ئىدى. 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەخمەت پاختا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەپكۇرە جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماھىل ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.

1937-يىلى 4-ئايدا گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى قەشقەرنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي قەشقەردە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختىمۇ چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى بالىلىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، دادىسى ئەخمەت پاختىنىڭ ئەينى يىللىرى قەشقەردىكى 100 دىن ئارتۇق يېتىم بالىنى يىغىپ ئۆز چىقىمى بىلەن ئۇلارغا كوللېكتىپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سۈننەت تويىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، سۈننەت توي بولغان ئاشۇ كۈنى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى قەشقەردىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق جامائەت بىلەن بىللە كېلىپ بالىلارنىڭ سۈننەت تويىنى قۇتلايدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى بالىلىقىدىكى ئاشۇ ۋەقەنى ئەسلىگىنىدە گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ سۈننەت توي كۈنى ئۆزىنى ئەركىلەتكەنلىكىنى ۋە: «تېزرەك چوڭ بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئەسكەر بولغىن!» دېگەن سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.