غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (4): قەشقەردىكى ئاخىرقى كۈنلەر ۋە ھىجرەت سەپىرى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-30
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇ-يوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىلى 9-ئاپرېل.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇ-يوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىلى 9-ئاپرېل.
RFA/Qutlan

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردە ئۆتكۈزگەن بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئەسلىگىنىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1940-يىللاردىكى داۋالغۇپ تۇرغان تارىخىي ۋەزىيىتىنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئاشۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا جاللات شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ھامىيلىقىدا يۈرگۈزگەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى، ئارقىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە «11 بىتىم» دىن كېيىنكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىنى شۇنداقلا 1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ۋەھىمىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى 1947-يىلى دادىسى ئەخمەت پاختانىڭ تۈركىيەدە ھايات ئىكەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن كېيىن، دادىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن پاسپورت تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، چىرىپ ئاللىقاچان ئۇلى تەۋرەپ قالغان گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، پاسپورت بېرىشنى يىللارچە كەينىگە سوزىدۇ.

ئۇ مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن گومىنداڭ دائىرىلىرىدىن پاسپورت ئالغان ۋە چەتئەلگە مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا تارىخ ئاللىقاچان 1949-يىلىنىڭ كۈز مەزگىلىگە كېلىپ قالىدۇ. قەشقەردىكى ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى ساناقلىق كۈنلەردە ياش غۇلامىدىن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىغا چاپلانغان بىر چوڭ ئۇقتۇرۇشنى كۆرىدۇ.

ھېيتگاھ جامەسى ئالدىغا چاپلانغان بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغانلىقى» ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە قەشقەرگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامە ئىدى.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇغان قەشقەر خەلقىنىڭ ۋەھىمىلىك سۈكۈتكە چۆمگەنلىكىنى، پۈتۈن جامائەتنىڭ قورقۇنچ ۋە ساراسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ئۇ يەنە 1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز ئايلىرىدىكى قەشقەرنىڭ خۇددى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىدەك ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيچىلىك ئىچىدە قالغانلىقىنى، ھىندىستان چېگراسىدىن باشقا بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، ساراسىم ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە قېچىشقا تەييارلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى شۇ مەزگىللەردە يەنە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭمۇ قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى 1949-يىلىنىڭ كەچكۈز ئايلىرىدىن تاكى قارا قىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇشەققەتلەرگە تولغان ھىمالايا سەپىرى ھەققىدە مۇنداق ئەسلىمە قىلىدۇ: «بىز 29 كۈن تاغ ئاتلاپ، قار كېچىپ ئاخىرى ھىندىستاننىڭ كەشمىر دېگەن رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ جەرياندا 400 دىن ئارتۇق سەپەرداشلىرىمىز، سوغۇق، ئاچلىق ۋە تاغدىكى تۈتەكتىن زەھەرلىنىش بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاغ-داۋانلاردا قەپ قالدى. كېيىنچە تۈرلۈك يوللار بىلەن كەشمىرگە يېتىپ بارغان، تىبەت يولى ئارقىلىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن سوقۇشۇپ ئاخىرى چېگرا ئاتلىغان قازاق قېرىنداشلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىڭ بەش يۈز كىشىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت