غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (5): بالىلىق ۋە ياشلىق ئەسلىمىلىرىمدىكى قەشقەر

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇ-يوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىل 9-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى نيۇ-يوركتىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىل 9-ئاپرېل، نيۇ-يورك.
RFA/Qutlan

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ 87 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە قەشقەردە ئۆتكەن بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ 1930-يىللاردىن 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان داۋالغۇش ئىچىدىكى تارىخىي دەۋرىنى ئەسلا ئۇنتالمايدۇ.

ئۇ مىلىتارىست شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ تىنچسىز يىللاردا ئۆزىنىڭ قەشقەر نوربېشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، 1937-يىلى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن قەشقەر ۋەزىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مەخپىي ۋەزىپىلەر بىلەن كىرگەن مۇئەللىملەرنىڭ قەشقەردىكى مەكتەپلەرنى كونترول قىلىپ، قىزىل مەپكۇرە بىلەن رۇس مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

ھالبۇكى، 1942-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدا كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇ يىللاردا قەشقەردە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان ياش غۇلامىدىن ئىلگىرىكى رۇس-سوۋېت تەسىرىنىڭ مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۈچ مەسلەك» نى يادرو قىلغان مىللىيەتچى خىتاي مائارىپىنىڭ دەسسىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردە ئۆتكەن مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە يېڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى يىللاردا رۇس ۋە خىتاي پېداگوگىكا سىستېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەر قېتىم سىياسەت ئۆزگەرگىنىدە مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسىنىڭمۇ ئۆزگىرىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

1944-يىلىنىڭ ئاخىرى نىلقىدىن باشلانغان ئىلى ئىنقىلابىنىڭ سادالىرى تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبقا ئاڭلانغىنىدا، پۈتۈن قەشقەر دىيارى ئۈمىد ۋە ھاياجانغا چۆمۈلىدۇ.

ئاشۇ يىللاردىكى قەشقەرنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيىتىدە ياشاپ، ئۆز خەلقىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى ۋە ھاياجانلىرىغا ئورتاقلاشقان غۇلامىدىن ئەپەندى ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر دىيارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە خەلققە بېغىشلىغان ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ.

ئۈرۈمچىگە قاراپ غەلىبەسېرى ئىلگىرىلىگەن مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا بىردىنلا توختاپ قېلىشى ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ئىلى خەلقىنى قانچىلىك ھەزرەتتە قالدۇرسا ئازادلىق تېڭىغا تەشنا بولۇۋاتقان قەشقەر خەلقىنىمۇ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىككە چۆمدۈرىدۇ.

دەل شۇ پەيتلەردە قەشقەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىستىكىدە پۇچىلىنىپ يۈرگەن غۇلامىدىن ئەپەندى پۈتۈن قەشقەر ۋە ئالتە شەھەر دىيارىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالغانلىقىدەك تارىخىي خاتالىقتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغان ئىلى ئىنقىلابى ئۇيغۇرلارغا تولۇق مىللىي ئازادلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. «11 بىتىم» دىن كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتمۇ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1947-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا پارچىلىنىدۇ.

تارىخ 1949-يىلىنىڭ كۈز كۈنلىرىگە كەلگەندە خىتاي «ئازادلىق ئارمىيىسى» ئۇيغۇر دىيارىغا يوپۇرۇلۇپ كىرىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەھلىكسىدىن ئۈركۈگەن مىڭلىغان كىشىلەر قەشقەرگە توپلىنىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ.

ياش غۇلامىدىن ئەنە ئاشۇ مەزگىلدە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش قارىغا كېلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كارۋان مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھىجرەت گۇرۇپپىسىدىن 9 كۈن ئاۋۋال قەشقەردىن ئايرىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت