غۇلامىدىن پاختىنىڭ ھاياتى (6): كەشمىر يولىدا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى 1949-يىلى قەشقەردىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىققان، 68 يىلدىن بۇيان يېنىدا ساقلاپ كەلگەن كونا دوپپىسى، قەشقەرنىڭ  تەۋەررۈك توپىسى ۋە تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىۋالغان تېشى. 2017-يىلى 10-ئاپرېل، نيۇيورك.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى 1949-يىلى قەشقەردىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىققان، 68 يىلدىن بۇيان يېنىدا ساقلاپ كەلگەن كونا دوپپىسى، قەشقەرنىڭ تەۋەررۈك توپىسى ۋە تۈمەن دەرياسىدىن ئېلىۋالغان تېشى. 2017-يىلى 10-ئاپرېل، نيۇيورك.
RFA/Qutlan

1949-يىلىنىڭ كەچ كۈز كۈنلىرىدە جاي-جايلاردىن قەشقەر شەھىرىگە توپلانغان كارۋانلار توپى ھىمالايا تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككى يول - يەنى تاشقورغان پامىر يولى ياكى قاغىلىق كۆكيار يولى ئارقىلىق كەشمىرگە سەپەر قىلىشقا باشلايدۇ.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قەشقەرگە يېتىپ كېلىشنىڭ ھارپىسىدا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ يات ئەللەرگە ھىجرەت قىلغان بۇ كارۋانلار توپى ئارىسىدا ياش غۇلامىدىن پاختا ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى.

ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قار-مۇز قاپلىغان ھىمالايا تاغلىرىنى 29 كۈندە كېسىپ ئۆتۈپ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى 1949-يىلىدىكى چوڭ ھىجرەتكە شاھىت بولغان، يەنى ھىمالايا تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگە قاتناشقان كىشىلەردىن بۈگۈنكى كۈندە ئاران بىرقانچىسىنىڭلا ھايات قالغانلىقىنى، يەنى مەككىدە 3-4 كىشىنىڭ، گېرمانىيەدە ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ، ئامېرىكادا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپى ۋە بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن 1949-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ پۈتۈن چېگرا لىنىيەسىنى تاقىغانلىقى ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھلىكىسىدىن قاچقان مىڭلىغان كىشىلەر قىش كېلىپ قالغىنىغا قارىماي قار-مۇز قاپلىغان ھىمالايا تاغلىرى ئارقىلىق ھىندىستانغا سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى كەشمىر «قىزىل خىتاينىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ۋاقىتلىق پاناھ جايى» غا ئايلىنىدۇ. كەشمىرنىڭ سىرىناگار ۋە لاداق قاتارلىق شەھەرلىرى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى بىلەن تولىدۇ. ھالبۇكى، ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن مۇھاجىرلارنىڭ كەشمىردىكى بۇ ۋاقىتلىق تۇرالغۇدا خاتىرجەم پاناھلىنىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستانغا سەپەر قىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھىمالايا يولىدا سوغۇق، ئاچلىق ۋە تاغدىكى زەھەرلىك تۈتەكنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ھالىدىن كېتىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ قول-پۇتى مۇزلاپ كېرەكتىن چىقىدۇ. ياشانغان، تېنى ئاجىز بەزى كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. تېخىمۇ قىيىن بولغىنى شۇكى، ئۇلار كوممۇنىست خىتايدىن يېڭىلىپ، ئاخىرقى كۈنلىرى قالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ساقلاۋاتقان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قۇرۇق قول ھالەتتە كەشمىرگە يېتىپ كېلىدۇ.

پەۋقۇلئاددە تارىخىي دەۋردىكى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا كەشمىرگە توپلانغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار بىر تەرەپتىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ. گەرچە نېھرۇ ھۆكۈمىتى كەشمىرگە كىرگەن ئۇيغۇر-قازاق مۇھاجىرلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېزدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەشمىردىكى مەۋجۇت شارائىت ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانلارمۇ شۇنچە كۆپ مۇھاجىرلارنىڭ بۇ يەردە ئۇزاققىچە تۇرۇپ قېلىشىغا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت