غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (10): بومبايدا ئۆتكەن بىر يىلىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا ھاجىم بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغاندا چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللار، تۈركىيە.
غۇلامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا ھاجىم بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغاندا چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللار، تۈركىيە.
RFA/Qutlan

1950-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدىن تاكى 1951-يىلىنىڭ كەچكۈز ئايلىرىغىچە بولغان جەرياندا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار بىلەن تولىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھلىكىسىدىن قېچىپ، ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئاشۇ مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئارىسىدا ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش غۇلامىدىن پاختامۇ بار ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن بىللە كەشمىردە يېرىم يىلدىن كۆپرەك تۇرغانلىقىنى ھەمدە بۇ جەرياندىكى ئاجايىپ كەچمىشلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، كەشمىرگە توپلانغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلار كېيىنچە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۇلى ۋە يولى بارلىرى ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىدۇ. ئىقتىسادىي ئىمكانى بولمىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇساپىرلار مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا تۈركىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىش يولىنى تاللايدۇ. يەنە بىر قىسىم مۇساپىرلار ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولغاندا ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن كەشمىردە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ داۋاملىق پۇرسەت كۈتمەكچى بولىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا كەشمىردىكى يېرىم يىللىق مۇساپىرەتتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى دادىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋە تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن بومبايغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، 1950-يىلىدىن كېيىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تەيۋەنگە چېكىنگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتىنى تونۇمايدۇ. قولىدا تېخىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتى بولغان غۇلامىدىن پاختا ئامالسىز قېلىپ، بومبايدا بىر يىلدەك تۇرۇپ قالىدۇ.

بومبايدا تۇرۇپ قالغان بىر يىل جەريانىدا غۇلامىدىن پاختا نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. نۇرمۇھەممەت ئۇنى ئىلگىرى قەشقەردىكى شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پونكىتىدا ئىشلىگەن، كېيىنچە بومبايدا تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاندېرسون بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شۇ زامانلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەج ئۈچۈن ئەرەبىستانغا يولغا چىققان ياكى ھەج تاۋابىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ھاجىلار بومباي ئارقىلىق سەپەر قىلىدىكەن. غۇلامىدىن ئەپەندى بومبايدا قالغان بىر يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھاجىلارغا ياردەملىشىپ، ئوردو تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

غۇلامدىن ئەپەندى شىۋېت مىسسىونېرلىرىنىڭ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىن قوغلانغىنىدا ئۆزلىرى بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە قوليازما ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرنى بوبايدىكى ئىشخانىسىغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا ئاندېرسون ئىسىملىك شىۋېت تەتقىقاتچى بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىشقا ياردەملەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا بومبايدا بىر يىلغىچە ۋىزا كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما قولىدىكى گومىنداڭ پاسپورتى ئىشلىمىگەچكە تۈركىيەگە كېتەلمەيدۇ. ئۇ ئاخىرىدا سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن بومبايدىكى تۈرك كونسۇلخانىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ۋە ئۇلاردىن تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئامىتى كېلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا گەرچە ھېچقانداق قانۇنى كىملىكى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بومبايدىكى تۈرك كونسۇلى ياش غۇلامدىن پاختانىڭ قىيىن ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا تۈركىيەگە بارىدىغان ئالاھىدە يول خېتى بېرىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بومبايدىكى تۈرك كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى بىلەن بولغان سۆھبەتتە بەزىبىر كۈلكىلىك ئېپىزوتلارنىمۇ سادىر قىلغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.

تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن يول خېتىگە ئېرىشكەن ياش غۇلامىدىن پاختا 1951-يىلىنىڭ قۇياش پارلاپ چىققان بىر سەھىرىدە بومباي پورتىدىن پاراخوتقا چىقىدۇ. ئۇ قەشقەردىن تارتىپ ئۇچىسىدىن ئايرىمىغان چاپىنىنىڭ ئەستىرىدىكى كېپەك ئالتۇننى قېقىپ ساتىدۇ ۋە يول كىراسى ئۈچۈن بېلەت ئالىدۇ. ئەرەب دېڭىزىدىكى ھەپتىلەرچە سەپەردىن كېيىن ئۇ ئىراقنىڭ بەسرە پورتىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت