غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (11): تۈركىيەگە يېتىپ بارغان كۈنلەردە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.07.18
ghulamidin-paxta-1.jpg غۇلامىدىن پاختانىڭ 1951-يىلى تۈركىيەگە بېرىپ دادىسى ئەخمەت پاختا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بىللە چۈشكەن سۈرىتى. ئىستانبۇل.
RFA/Qutlan

1951-يىلىنىڭ قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر سەھىرىدە بومباي پورتىدىن پاراخوتقا چىققان ياش غۇلامىدىن پاختا ئەرەب دېڭىزىدىكى ھەپتىلەرچە سەپەردىن كېيىن ئىراقنىڭ بەسرە پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. پاراخوتتىكى نەچچە يۈزلىگەن سەپەرداشلىرى بەسرەدە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەبىستانغا يول ئالىدۇ. كېلەچەككە بولغان ئۈمىد، تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىش ۋە ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان دادىسى بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە بولغان ئىنتىلىش ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان غۇلامىدىن پاختانى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ.

ياش غۇلامىدىن مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە باغداتقا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئۆزبېك قېرىندىشىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بالىلىقىدا «مىڭ بىر كېچە» نىڭ ھېكايەتلىرىدىن ئاڭلىغان سىرلىق باغدات شەھىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ. ئۇ باغداتتىكى كۈنلىرىدە تۇنجى قېتىم قەھۋەنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرىدۇ. ئۇ ئەرەب قەھۋەسىنىڭ قىرتاق تەمى ۋە ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قاچا ئاستىدا قالىدىغان قويۇق دۇغى بىلەن باغلانغان قىزىق بىر كەچۈرمىشىنى ھېلىھەم ئەسلەيدۇ.

باغداتتىن يولغا چىققان يولۇچىلار پويىزى تونۇردەك قىزىق ئەرەب دالالىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مۇسۇل ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ قەشقەردىن ئايرىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن تومۇرداش بولغان بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر توپىغا كېلىپ قوشۇلىدۇ. ئۇ ئادانادىكى بىر مېھمانسارايدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن «ئاچقۇچ ھېكايىسى» ئارقىلىق ئانا تىلىنىڭ نەقەدەر باي ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن تويۇنغان بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

ئادانادىن يولغا چىققان پويىز بىرقانچە كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن گۈدۈك چالغىنىچە ئەڭ ئاخىرقى بېكەت بولغان ئىستانبۇلنىڭ ھەيدەر پاشا ئىستانسىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ياش غۇلامىدىن پاختانى ئايرىلغىلى 14 يىل بولغان دادىسى ئەخمەت پاختا ۋە پاختا ئائىلىسىدىكى چوڭ-كىچىك قېرىنداشلار قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. پويىز ئىستانسىسى يىغا-زارە ۋە جەم بولغان تۇغقانلارنىڭ ھاياجىنى بىلەن تولىدۇ. قەلبى ئارمانلارغا تولغان قەشقەرىيەلىك بۇ يىگىت شۇنداق قىلىپ ئىستانبۇلنىڭ قايناق ھاياتىغا قوشۇلىدۇ.

ئىستانبۇلغا كەلگەن يەتتىنچى كۈنى ياش غۇلامىدىن پاختا ئوتتەك ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ ئىستانبۇلدا قېلىپ مېدىتسىنا كەسپى بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ۋە كېيىنچە دوختۇر بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئەنقەرەدە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى بويىچە ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىدە «مېنىڭ ئەنقەرەگە بېرىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى كەسپىدە ئوقۇش يولىنى تاللىشىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەتىنىمگە قايتىپ، قەشقەردە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە خەلقىمنى جىن چىراغدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىدى» دەيدۇ.

ھالبۇكى، ئەينى زاماندا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. ئوتتەك ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ياش غۇلامىدىن پاختاغا جاسارەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئەنقەرەدە ئەينى يىللاردىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى تەۋفىق ئىلەرى ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە ئوقۇش ئۈچۈن تاغ-دەريالارنى ئاتلاپ تۈركىيەگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ ئوقۇش ئارزۇسى مائارىپ مىنىستىرىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئەنقەرەدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.