غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (12): ئىستانبۇلدىكى توپقاپى مۇزېيىدا ئىشلىگەن ئىككى يىل

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.07.25
ghulamidin-paxta-ayali.jpg غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلنار خانىم توي قىلغان يىللىرى چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئىستانبۇل.
RFA/Qutlan

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن 1952-يىلى ئەنقەرەدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ۋە تېخنىك ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان ياش غۇلامىدىن پاختا ئوقۇش باشلاشتىن ئاۋۋال مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ بىر يۈرۈش سىناق ئىمتىھانلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە قەشقەردە ئۆگەنگەن بىلىمىگە تايىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. تېخنىك ئىنستىتۇتىدىكى ئىككى يىل ئۇنىڭغا ئىلىم دۇنياسىنىڭ چەكسىز سىر-تۈگۈنلىرىنى ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۇ ئەنقەرەدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا غۇلامىدىن پاختا مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى 500 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن تاللىنىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى جالال بايارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەنقەرەدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇنىڭدىن قەيەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغىنىدا ياش غۇلامىدىن قىلچە ئىككىلەنمەستىن «تۈرك ۋەتىنى ئەڭ ئېھتىياج بولغان جايغا، مەيلى ئۇ تاغ ياكى باغ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بارىمەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ جاۋابى مائارىپ مىنىستىرىنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈرىدۇ.

ئەنقەرەدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى غۇلامىدىن پاختانىڭ ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسى ۋە تۈرك ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئىستانبۇلدىكى ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ئوردىسى - يەنى ئىستانبۇلدىكى توپقاپى مۇزېيخانىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق كونترول بۆلۈمىگە تېخنىك خادىم سۈپىتىدە خىزمەتكە تەقسىم قىلىدۇ.

توپقاپى سارىيى دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ 500 يىللىق شانۇشەۋكەتلىك تارىخىدىن مىراس قالغان قىممەتلىك يالدامىلار مەزكۇر مۇزېيدا ساقلانماقتا ئىدى. غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، 1950-يىللاردا مەزكۇر مۇزېينىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئاجايىپ يۇقىرى بولۇپ، تېخنىكىلىق كونترول سەۋىيەسى ياۋروپادىكى مەشھۇر مۇزېيلاردىن قېلىشمايدىكەن.

غۇلامىدىن ئەپەندى 1954-يىلىدىن 1955-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزى 2 يىل تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلىگەن توپقاپى سارىيىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام تارىخى ئۈچۈنمۇ دۇنيادىكى يېگانە مۇزېي ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ئىشلەتكەن بۇيۇملارنىڭ قىممەتلىك يالدامىلىرىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېچقانداق جايىدىن ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالىدۇ.

ياش غۇلامىدىن توپقاپى سارىيىدا ئىشلىگەن ئىككى يىل جەريانىدا تېخنىكىلىق كونترول خىزمىتىدىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ تۈركىي-چاغاتاي تىل-يېزىقىنى ياخشى بىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇزېيدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا توپقاپى مۇزېيىدىكى مىڭلارچە يىللىق تارىخقا ئىگە قىممەتلىك ئەسەرلەر بىلەن كۈندە ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارنى ئوقۇيدۇ. ئۇ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ مەركىزىي رايونلىرىنى ئىستىلا قىلىپ داڭ چىقارغان ئىمپېراتور ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوسمانلى سۇلتانى بايازىد يىلدىرىمغا يازغان «ئاداشبەگكە سالام» ناملىق مەكتۇپىنى ھاياجان ئىلكىدە مۇزېيدىكىلەرگە ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى ھېلىھەم ئەسلەيدۇ.

ھالبۇكى، ياش غۇلامىدىن پاختا ھەرگىزمۇ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇ توپقاپى سارىيىغا كېلىپ-كېتىپ تۇرغان گېرمان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۇ ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ توپقاپى سارىيىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرمەكچى بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان بۇ خىزمەتنى تاشلاپ ئوقۇشقا بارماقچى بولغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتا خىزمەتداشلىرىدىن تارتىپ، ھەتتا توپقاپى مۇزېيىنىڭ ھەربىي دىرېكتورىنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.