غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (14): گېرمانىيە ئىنستىتۇتلىرىدىكى ئوقۇش ھاياتىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-08
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ تېخنىكىلىق بۆلۈمى، يەنى پروگراممىلارنى ھاۋا دولقۇنىغا ئېتىش بۆلۈمىدە ئىشلىمەكتە. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ تېخنىكىلىق بۆلۈمى، يەنى پروگراممىلارنى ھاۋا دولقۇنىغا ئېتىش بۆلۈمىدە ئىشلىمەكتە. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرى.
RFA/Qutlan

1956-يىلى سابىق غەربىي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ بارغان ياش غۇلامىدىن پاختا ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

باش شتابى ميۇنخېندىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى ۋە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» غۇلامىدىن پاختانى مەخسۇس رادىيو-تېلېۋىزىيەنى تارقىتىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. گېرمانىيەگە ئەمدىلا كەلگەن غۇلامىدىن پاختا ئالدى بىلەن گېرمان تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن گۆتە ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.

گۆتە ئىنستىتۇتى غۇلامىدىن پاختانىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۈچۈن بىر پارلاق دېرىزە ئاچىدۇ. ئۇ ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلار بىلەن بىرلىكتە گۆتە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. كۈندۈزدىكى تولۇق ئوقۇشتىن سىرت كېچىلىرى تەسۋى سېرىپ كۈنىگە 50 دانە گېرمانچە سۆزلۈك يادلاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان غۇلامىدىن پاختا 6 ئايدىن كېيىن گۆتە ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قولىغا شاھادەتنامە ئالىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ يېرىم يىل ئىچىدە گېرمان تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ قولىغا شاھادەتنامە ئېلىشى ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىيوسى ۋە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» نىڭ ئامېرىكالىق باش دىرېكتورىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.

1956-يىلىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا غۇلامىدىن پاختا گېرمانىيەنىڭ نۇرېنبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان رادىئو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش تېخنىك ئىنستىتۇتىغا تولۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن 4 يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.

ياشلىق باھار ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر مەزگىل. بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن ئەپەندى بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ياشلىق خاتىرىلىرىنى ئەسلىگىنىدە گېرمانىيەدە ئۆتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئۆز ئۆمرىدىكى ئەڭ تاتلىق يىللار بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئەنە ئاشۇ يىللاردا - ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان گېرمانىيەدە - قەشقەرىيەلىك بىر ياش يىگىت ئۆزىنىڭ ئوتتەك ياشلىق مەزگىلىنى شەرقچە ئەخلاقىي ئۇدۇم بىلەن غەربچە قىممەت قاراش ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات توقۇنۇشى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

نۇرېنبۇرگدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتى غۇلامىدىن پاختاغا ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ھاياتى يەنە قەشقەرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ شەرقلىق يىگىتكە 1950-يىللاردىكى ياۋروپا ستۇدېنتلىرىنىڭ ھۆر پىكىر، ئاياللار ھوقۇقى، تەبىئەتكە قايتىش ۋە ئەركىن مۇھەببەت تەشەببۇسلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا نۇرېنبۇرگدىكى 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى 3 يىلدا تاماملاپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش كەسپى بويىچە دىپلومغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ.

باش شىتابى ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىيوسى ۋە ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» نىڭ ئامېرىكىلىق باش دىرېكتورى غۇلامىدىن پاختانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رادىيو تارقىتىش تېخنىكىسى بويىچە ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ئۇ غۇلامىدىن پاختانى ئۆز ئاپتوموبىلى بىلەن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ لامپارتخائىم دېگەن جايدىكى كۈندىلىك رادىيو پروگراممىلىرىنى ھاۋا دولقۇنلىرىغا قويىدىغان ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن پاختانىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» دىكى ھاياتى باشلىنىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت