غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (16): ئۆيلىنىشىم ۋە مۇھاجىرەتتە ئۆتكەن ئائىلە ھاياتىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-22
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلنار خانىم توي قىلغان يىللىرى چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئىستانبۇل.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلنار خانىم توي قىلغان يىللىرى چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئىستانبۇل.
RFA/Qutlan

ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئۆزىگە خاس مۇھەببەت كەچۈرمىشى ۋە رومانتىك ھېس-تۇيغۇلىرى بولىدۇ.

بۇ يىل 87 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىمۇ ئۆز ھاياتىدىكى مۇھەببەتكە تولغان ئاشۇ سەھىپىلەرنى ئەسلا ئۇنتالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىمىلەر قاينىمىدا ياشاۋاتقان غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىدىكى تۇنجى گۈزەل تۇيغۇنىڭ بۇنىڭدىن 68 يىل مۇقەددەم، يەنى 1949-يىلىنىڭ كەچكۈز كۈنلىرىدە كەشمىرنىڭ سىرىناگار دېگەن جايىدىكى بىر ئەزىم بۇلاق بويىدا ئويغانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ياش غۇلامىدىن مۇھاجىرەت ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىلى كەشمىردىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار سۇ ئىچىدىغان بىر بۇلاق بويىدا بىر كىچىك قىزنى ئۇچرىتىدۇ. تۈركىستانچە كىيىم كىيگەن بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى غۇلامىدىن پاختانىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ قېتىملىق ھىجرەتتە قەشقەردىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا كەلگەن كىشىلەر ئىكەن.

كەشمىردە 6 ئاي قالغان غۇلامىدىن پاختا كېيىنچە سىرىناگاردىن بومبايغا، ئۇ يەردىن 1951-يىلى تۈركىيەگە كېتىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتۈپ، ياش غۇلامىدىن ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا ئەينى ۋاقىتتا كەشمىردىكى بۇلاق بويىدا ئۇچراتقان ئاشۇ گۈزەل قىزنىڭ ئائىلىسىمۇ تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا دادىسى ئەخمەت پاختا ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇل پويىز ئىستانسىسىغا چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم ئىستانبۇلدا يۈز كۆرۈشىدۇ.

شۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا ئوقۇش ئۈچۈن گېرمانىيەگە كېتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «ئازادلىق رادىيوسى» دىكى خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، تۈركىيەگە ھەر ئىككى يىلدا ئاران بىر قېتىمدىن كېلەلەيدۇ. ئۇ 1961-يىلىنىڭ كۈز كۈنلىرىدە تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاپ كەلگىنىدە دادىسى ئەخمەت پاختا ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە قۇرۇش توغرىلىق گەپ ئاچىدۇ. ئاندىن ئوغلى غۇلامىدىننى باشلاپ ئىستانبۇلدىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن سەمى ئاخۇننىڭ قورۇسىغا مېھمان بولۇشقا باشلاپ بارىدۇ. ئاچا-سىڭىل چىرايلىق ئىككى قىز مېھمانلارغا پەتنۇس بىلەن چاي ئېلىپ چىقىدۇ. ياش غۇلامىدىن ھەيران بولغان ھالدا قىزلاردىن بىرىگە قارىغىنىچە تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ قىز ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كەشمىردىكى بۇلاق بويىدا ئۇچراتقان قىز ئىدى.

ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن غۇلامىدىن پاختا بىلەن گۈلنار قىزنىڭ نىكاھ ۋە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ تۈركىيەگە يەرلەشكەن تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ 1960-يىللاردا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ توي مۇراسىملىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. توي بولۇپ ئۈچىنچى كۈنى غۇلامىدىن پاختا ئايالىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە قايتىدۇ.

شۇندىن كېيىن غۇلامىدىن ئەپەندى بىلەن ئايالى گۈلنار خانىم يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئائىلە ھاياتىنى بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىناق ئائىلە ھاياتى تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكادا داۋاملىشىدۇ. بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 55 يىللىق خاتىرىسىنى تېخى يېقىندا قۇتلىغانلىقىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالدى.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت