غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (18): ئەرزۇرۇمدا ئوقۇتقۇچى بولغان يىللىرىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.09.05
ghulamidin-paxta-xelq-oqutquchisi.jpg غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشلىگەن يىللىرىدا چۈشكەن سۈرىتى. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى، گېرمانىيە.
RFA/Qutlan

1962-يىلىنىڭ باش باھار ئايلىرىدا غۇلامىدىن پاختا تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىدىكى ھەربىي مەكتەپتە 6 ئايلىق ھەربىي-تەلىم تەربىيەنى تاماملايدۇ. ئۇ، «يېدەك سۇباي»، يەنى بىر يۇلتۇزلۇق زاپاس ئوفىتسېر ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، قالغان بىر يېرىم يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيەتنى «خەلق ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چەت قىشلاقلىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.

سىۋاستىكى ھەربىي بازىدا ھەيۋەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. «خەلق ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ تۈرك ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىگە تاللانغان ياش ئوفىتسېرلار ئۆچىرەت بويىچە سەھنىگە چىقىپ بىر چوڭ خالتىغا سېلىنغان يۈزلەرچە چەك ئىچىدىن ئۆز تەگمىشىنى تاللايدۇ. ياش غۇلامىدىن پاختامۇ ھەربىي كىيىم بىلەن سەھنىگە چىقىپ چەك تارتىدۇ. ئۇنىڭ قولىغا تۈركىيەنىڭ شەرقىي چېگراسىغا جايلاشقان ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىنىڭ ئولۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق تاغلىق كەنت - تاشلىكۆينىڭ ئىسمى يېزىلغان چەك چىقىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، غۇلامىدىن پاختا ھەربىي ماشىنا بىلەن ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەرزۇرۇمغا بارغاندىن كېيىن ۋىلايەت مەركىزىدىن يەنە بىرقانچە كۈن يول يۈرۈپ ئولۇر ناھىيەسىگە كېلىدۇ. بۇ يەردىن يەنە شەرققە ماڭغىلى بولىدىغان ماشىنا يولى بولمىغاچقا، ئۇ ئات-ئېشەككە مىنىپ، تاغ-دەريالارنى كېچىپ، بىرقانچە كۈنلۈك جاپالىق سەپەردىن كېيىن تاغلىق كەنت تاشلىكۆيگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇنى كەنت ئاقساقىلى مۇختەر بېي كۈتۈۋالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئارىدىن 60 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئەرزۇرۇمنىڭ تاشلىكۆي كەنتىدە ئۆتكەن بىر يېرىم يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەيدۇ. ئۇ ئاشۇ يىللاردا جاھاندىن بېكىك، تېخىچە ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇش مۇھىتىدا ياشاۋاتقان تاشلىكۆيدىكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل، ساددا ۋە ئاددىي كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىلىدىن تارتىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتىگىچە بولغان نۇرغۇن ئادەتلىرىنىڭ يىراق تارىم بويلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

تاشلىكۆيدىكى ھايات قەشقەرىيەدە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن بۇ يىگىتنى ناھايىتى تېزلا ئۆز قوينىغا ئالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلامىدىن پاختا ئالاھىدە ئىجازەت بىلەن ئىستانبۇلغا قايتىپ ئايالى گۈلنار خانىمنى ئېلىپ كېلىدۇ. تاشلىكۆيدىكى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، ئەسىرلەر بويى بېكىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن، شۈكۈر-قانائەتچان بۇ كىشىلەر غۇلامىدىن پاختانى قانچىلىك ھۆرمەت قىلغانسېرى، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقى تېرىش ئىرادىسىمۇ شۇنچىلىك كۈچىيىپ بارىدۇ.

ھالبۇكى، يەرلىك خەلقتىكى ئاددىي-ساددىلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە قويۇق دىنىي ھېسسىيات بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇھىتتىكى بېكىكلىك بىلەن ئۇزاق مەزگىل تەرەققىيات ئېقىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك مەۋجۇت رېئاللىق تاشلىكۆيدىكى ئىنسانلاردا بوشاڭلىق، نادانلىق ۋە قىساسخورلۇقتەك بەزى خاراكتېرلەرنىمۇ يېتىلدۈرگەن ئىدى. بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان غۇلامىدىن پاختا بالىلارنى ئوقۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى بەزى پاسسىپ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.