غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (21): «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشلىگەن يىللار

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.09.26
ghulamidin-paxta-dadisi-Exmet-Paxta.jpg غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى «ئازادلىق رادىئوسى» دا ئىشلىگەن يىللىرىدا تۈركىيەگە بېرىپ دادىسى ئەخمەت پاختا (ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن (ئوڭدىن ئۈچىنچى) لەر بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى. 1960-يىللار
RFA/Qutlan

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش باشلانغان يىللاردا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تەسىس قىلغان «ئازادلىق رادىيوسى» ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسىدىن تۈركىي تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان بىردىن-بىر رادىيو ئىدى. مەزكۇر رادىيو قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى سانى يېرىم مىليوندىن ئاشىدىغان يەرلىك مىللەتلەر تىللىرىدا ئاڭلىتىش تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش يوق ئىدى. بۇ جەريانغا شاھىت بولغان غۇلامىدىن پاختا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 1960-يىللارغا كەلگەندە «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ ياڭراشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى يىللىرى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ «تۈركىستان-1» بۆلۈمىدىكى ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش تەركىبىدە دەسلەپتە ھەپتىدە 5 مىنۇتتىن ئىككى قېتىم ئۇيغۇرچە خەۋەر ئاڭلىتىش باشلىنىدۇ. ئاندىن تەدرىجىي ھالدا 15 مىنۇتقا كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غۇلامدىن پاختا ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشىغا مەخسۇس ئادەم ئېلىش ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس سۇنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، «ئازادلىق رادىئوسى» ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى رەسمىي يولغا قويۇش قارارى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلاردىن كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىشنى تەستىقلايدۇ. 1949-يىلىدىكى ھىجرەتتە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن شائىر ساتتار مەقبۇل چوپانى، تارىخچى پولات قادىرى قاتارلىقلار تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە كېلىپ، «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشقا چۈشىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى، 1960-يىللاردا ساتتار مەقبۇل چوپانى ۋە پولات قادىرى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى غوللۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىشى نەتىجىسىدە «ئازادلىق رادىيوسى» دىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى يەنە «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە مەرھۇم پولات قادىرى تۇرپانى ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈر خاتىرىسىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ.

ئەينى يىللاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى تۈركىيە بولغان ئىدى. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى تەدرىجىي كۈچىيىپ، كۈندىلىك پروگراممىلىرى بارغانسېرى خىللىشىدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندى شۇ يىللاردا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ كۆپ قېتىم «ئازادلىق رادىيوسى» ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە پولات قادىرى بىلەن كۆپ قېتىم تۈركىيەگە بېرىپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئادەم قوبۇل قىلىش ئىشىغا چاپىدۇ.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى تازا كۈچەيگەن 1970-يىلى خىزمەت بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن پولات قادىرى تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. پولات قادىرىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش بولىدۇ.

مەرھۇم پولات قادىرىنىڭ ۋاپاتى بىلەن كېلىپ چىققان بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى جىددىي تۈردە ئىختىساسلىق خادىم ئىزدەيدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ ئىشقا تۈرك ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەۋاتقان ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىننى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئەينى يىللىرى تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ ۋېنادىكى شۆبىسىدە دىرېكتور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياش ئەركىن ئالىپتېكىن دادىسى ئەيسا ئەپەندىنىڭ «مىللىي داۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئىش قىلىش ۋە كەلگۈسىدىكى مىللىي داۋا ئىشلىرىدا يېتىشىش» تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ۋېنادىن ميۇنخېنغا كېلىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.