غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (22): ياۋروپادىن ئامېرىكىغا سەپەر

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-10-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىنگە ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن. سۈرەت: ئوڭدىن بىرىنچى كىشى غۇلامىدىن پاختا، ئىككىنچى كىشى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى جون ۋىللىام مەككورماك(John William McCormack)، ئۈچىنچى كىشى ئەيسا ئەپەندى. 1970-يىلى نيو-يورك.
غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىنگە ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن. سۈرەت: ئوڭدىن بىرىنچى كىشى غۇلامىدىن پاختا، ئىككىنچى كىشى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى جون ۋىللىام مەككورماك(John William McCormack)، ئۈچىنچى كىشى ئەيسا ئەپەندى. 1970-يىلى نيو-يورك.
RFA/Qutlan

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى رەسمىي تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1970-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئادەم كۈچى تەدرىجىي كۆپىيىدۇ ۋە رادىيو پروگراممىلىرىمۇ خىللىشىدۇ.

1966-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا، يەنى يىراقتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدوڭ قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قارا پەردىسى يېيىلغان بىر مەزگىللەردە غۇلامىدىن ئەپەندى تۇنجى قېتىم ئامېرىكانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى يازدا باش شتابى ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىيوسى» غۇلامىدىن ئەپەندىنى بىر ئايلىق مۆھلەت بىلەن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.

ھالبۇكى، شۇ قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرى غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ھايات يولىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن ئامېرىكا قىتئەسىگە يۆتكىلىشىگە يول ئاچىدۇ. ئامېرىكا زىيارىتىدىن قايتقان غۇلامىدىن ئەپەندى ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئازادلىق رادىيوسى» تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئۆزگىرىشلەرگە تولغان بۇ مەزگىللەرنى ئەسلىگىنىدە غۇلامىدىن ئەپەندى ئەينى يىللىرى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلغان سەپداشلىرىنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن پاختانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ شۇ مەزگىللەردە يەنە «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرىلىق سالاھىيىتى بىلەن مەزكۇر رادىيونىڭ ئۇيغۇرچە، ئۆزبەكچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن قوشۇمچە خەۋەر يوللاش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھاياتىنىڭ ياشلىق يىللىرىنى ياشاۋاتقان غۇلامىدىن پاختا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە يېڭىچە ئارزۇلار بىلەن يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى مەركىزىي شەھەر نيو-يوركقا كېلىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئايالى ۋە تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بىرقانچە يىل بولغان ئوغلىنى ئېلىپ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىدۇ.

1960-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى نيو-يورك يېڭىلىققا، ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ۋە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ قارارگاھىغا ئايلانغان بىر چوڭ شەھەر ئىدى. نيو-يوركنىڭ ھاياتى غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ قايناق، ئەڭ ئۆركەشلىك ۋە ئەڭ رىقابەتلىك بىر سەھىپىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ ھاياتىغا كىرىپ كەلگەن غۇلامىدىن پاختا نيو-يوركتا تۇرۇپ ميۇنخېندىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تۈركىستان بۆلۈمى ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى خەۋەر ئىشلەپ ئەۋەتىدۇ.

ئامېرىكاغا كۆچۈپ كەلگەن غۇلامىدىن پاختا ئۇزۇن ئۆتمەي ئەينى يىللىرى گېرمانىيەدە ئوقۇغان ئېلېكترون تېخنىكا كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى بىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» ئۈچۈن ھەپتىكى ئىككى خەۋەر ئىشلەپ ئەۋەتكەندىن باشقا يەنە «پان-ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى» نىڭ ئېلېكترونىك كونترول بۆلۈمىدە تېخنىك خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت