غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى(26): ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.10.31
Eysa-Yusup-aliptekin-Amerika-dolet-mejlisining-bir-qisim-ezaliri-bilen.jpg ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىللە. (ئولتۇرغانلار ئوڭدىن سولغا: 1-كىشى غۇلامىدىن پاختا، 3-كىشى ئارسلان ئالىپتېكىن، 4-كىشى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن) 1970-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ۋاشىنگتون.
RFA/Qutlan

1970-يىلى كىرگەن مەزگىللەردە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە ئۇلار يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيادىكى ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت يەنىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى «سوغۇق ئۇرۇش» ۋەزىيىتىدە بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى توقۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىسسېنگېر ئامېرىكانى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ئەجەللىك بېسىم پەيدا قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە، يەنى 1970-يىلى ئاپرېلدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئوغلى ئارسلان ئالپتېكىننىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلايدۇ. نيۇ-يوركتا تۇرۇۋاتقان غۇلامىدىن پاختا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق پائالىيەتلىرىدە بىللە بولىدۇ. ئەيسا ئالپتېكىن ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە غۇلامىدىن پاختانىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى جون ۋىلليام مەككورمەك بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇھىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە مېموراندۇم، يەنى ئەسلەتمە تاپشۇرىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مۇھەررىرى ھاررىسون سالىسبۇرى شەخسەن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشىدۇ ۋە «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە باش ماقالە ئېلان قىلىدۇ.

1950-يىلى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن كەشمىردە كۆرۈشكەن ئامېرىكالىق ژۇرنالىست لارى كلارك 1970-يىللاردا «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ مەبلەغ ئىگىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىرى ۋە مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىدە ياردەم كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى مەككورمەك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول ئاچىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىدە باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولغان غۇلامىدىن ئەپەندى شۇ مەزگىلدە ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتونغا كېلىدۇ. ئۇ ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە سېناتورلار بىلەن كۆرۈشكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر يازما دوكلاتلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تارقىتىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇنىڭ خىتاي، سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى سورايدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ ئەيسا ئەپەندىدىن سورىغان بىر سوئالى ۋە ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ئاخبارات ساھەسىدە بىر مەيدان غۇلغۇلا قوزغايدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا: «مەن يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭلا دەۋاسىنى ئەمەس، بەلكى سوۋېتلار ئىشغالىيىتىدىكى غەربىي تۈركىستاننىڭمۇ، يەنى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئازادلىق دەۋاسىنى قىلىمەن» دېگەن سۆزى ئامېرىكا گېزىتلىرىگە بېسىلىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بۇ سۆزلىرى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغايدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا رۇسلارنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن، ھەتتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز لاگېرىدىكى بىرقانچە دۆلەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ خىتاينىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقى مەلۇم.

مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ئىككى تۈركىستان، يەنى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش» غايىسى خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر كارتىسىدىن قايتا پايدىلىنىش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان غۇلامىدىن پاختا يىللار ئۆتۈپ بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى بىر ئەپسۇسلۇق بولغانلىقىنى، ھەتتا ئەيسا ئەپەندىنىڭمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى، خەلقئارا ۋەزىيەت ئاتا قىلغان پۇرسەتنى قانداق تۇتۇۋېلىشنى دەڭسىيەلمەي قالغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.