غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (29): «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» دىكى پائالىيەتلىرىم

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.11.28
Ghulamidin-Paxta-Newyork.png غۇلامىدىن پاختا نيۇيوركتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش تەشكىللىمەكتە. 1990-يىللارنىڭ باشلىرى، نيۇيورك.
RFA/Qutlan

1966-يىلى غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلىشىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نيۇيورك، پېنسىلۋانىيە ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكاغا كېلىپ يەرلەشكەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. ھالبۇكى، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇنجى بولۇپ ئامېرىكاغا كەلگەن داۋۇت ئوسمان ۋە 1959-يىلى گېرمانىيە ئارقىلىق ئامېرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سۈپۈرگە ئاخۇندىن باشقا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمايدۇ. كېيىنكى يىللاردا پاكىستان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ھاجى ئەھمەد ئائىلىسى بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرى ئارقىلىق ئەدھەمجان ئائىلىسى ئامېرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق سۆيۈنگەن غۇلامىدىن پاختا 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەرھۇم دوستى ھاجى ئاخۇن، يەنى ھاجى ئەھمەد بىلەن بىرلىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلات قۇرىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا 1980-يىللاردا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نامىدا ماقالە تەييارلاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىغا دائىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پروفېسسورلار بىلەن تونۇشىدۇ. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان پروفېسسورى ئېدۋارد ئالۋورت شۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختاغا ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ.

شۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا ئەسلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ئاساسىدا يېڭى بىر ئىلمىي ئورگان - «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. ئۇ، پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە 3 يېرىم يىل ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىدۇ.

بۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا خەلقئارا پوچتا مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرچە كىتابلار، ژۇرناللار ۋە دەرسلىكلەرنى ئەكەلدۈرىدۇ. شۇنداقلا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ماتېرىيال ھازىرلايدۇ.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن غۇلامىدىن پاختا شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. ئەنە ئاشۇ مەزگىللەردە ئۇ پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ تەكلىپى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن «ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق دەرسلىك ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بىرقانچە يىللىق ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە تەييارلىقلار نەتىجىسىدە 1994-يىلىغا كەلگەندە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» نى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا مەزكۇر ئىلمىي جەمئىيەتنى ئامېرىكادا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى مەنپەئەت كۆزلىمەيدىغان ئىلمىي-ئاممىۋىي جەمئىيەت دەپ بېكىتىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئامېرىكادا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان بۇ جەمئىيەت ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا بىر قاتار ئىلمىي-ئاممىۋىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەمئىيەت يەنە 1998-يىلى قۇرۇلغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە ساھىبخانا تەشكىلات سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.