ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (5)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-04-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
RFA/Qutlan

ۋەتەن ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئىنسان ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

بىر پەيشەنبە كۈنى ئىدى. سىدنېينىڭ ئوبېن دېگەن رايونىغا باردىم. بۇ يەردە خۇددى ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەھمەد جامەسىگە ئوخشاش ھەيۋەتلىك سېلىنغان بىر تۈرك جامەسى بار ئىدى. كىشىلەر ئۇنى ئوبېن جامەسى دەپ ئاتايتتى. بۇ يەردە تۈرك فېدېراتسىيونى (تۈرك بىرلىكى) دېگەن چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ ئىشخانا بىناسى بار ئىدى. بىنا ئالدىدىكى قاتار بايراق خادىلىرىغا ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ئېسىقلىق تۇراتتى. ھەر قېتىم بۇ بايراقلارنى كۆرگىنىمدە ئىچىمدە بىر تۈرلۈك ئۈمىد، بىر تۈرلۈك ئۆكۈنۈش ۋە ھەتتا بىر تۈرلۈك ھەسەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇيغۇلار پەيدا بولۇپ، مېنى قىينايتتى. نېمىشقا بىزنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز مۇشۇ بايراقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قوياتتىم.

شۇ كۈنى ئوبېندىكى تۈرك جامەسىدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ، تۈرك بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا يەنە باردىم. ئۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغانلار بىلەن تونۇش ئىدىم. ھەپتىدە بىرەر قېتىمدىن ئۇچرىشىپ، پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. مەن قايتىدىغان چاغدا بىنا ئالدىدىكى قاتار بايراقلارغا قارىسام، ئەزەربەيجاننىڭ بايرىقى شامالدا تىتىلىپ، يىرتىلىپ كېتىپتۇ. ئۇنى ھېچكىم يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ قويماپتۇ. كاللامغا بىر خىيال كېلىپ قايتىپ كەتتىم.

شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆزۈم يالغۇز بۇ يەرگە كەلدىم. ئەزەربەيجاننىڭ يىرتىلىپ-تىتىلىپ كەتكەن بايرىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ، يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېسىپ قويۇپ كەتتىم.

ئەتىسى چۈشكە يېقىن كېلىپ قارىسام، بىزنىڭ كۆك بايرىقىمىز باشقا بايراقلار قاتارىدا جەۋلان قىلىپ تۇرۇپتۇ. خۇشال بولۇپ، رەسىمگە تارتىۋالدىم. ھېچكىم بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتۇ. مەنمۇ ھېچكىمگە تىنمىدىم.

شۇندىن كېيىن كۈندە كېلىپ بايراققا قارايمەن. بايرىقىمىز ئۆز جايىدا، شۇنداق چىرايلىق لەپىلدەپ، جەۋلان قىلىپ تۇرغان. باشقىلار دىققەت قىلدىمۇ-يوق، بۇنى بىلمىدىم، ئەمما ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ باشقا بايراقلار بىلەن بىر قاتاردا تۈرك بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىناسى ئالدىدا لەپىلدىشى ماڭا زور تەسەللى بولدى.

شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە جۈمە بولدى. يەنە بۇرۇنقىدەك ئوبېندىكى جامەگە بېرىپ جۈمە نامىزى ئوقۇدۇم. نامازدىن كېيىن بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرسام، تېلېفونۇم جىرىڭلاپ قالدى. ئالسام، تۈرك بىرلىكىدىن كەپتۇ. ئۇلار مېنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمنى سوراپ، «مۇمكىن بولسا تېزرەك كەلسىڭىز، مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى،»-دېدى. مەن ئۇدۇللا تۈرك بىرلىكى بىناسىغا باردىم. قارىسام، بايرىقىمىز يەنە ئۆز جايىدا لەپىلدەپ تۇرىدۇ. بىنا ئىچىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ زالىغا كىرسەم بىر توپ كىشى جىددىي قىياپەتتە مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ سىدنېيدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋە ئۇنىڭ كاتىپى، ئوبېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان باربارا دېگەن ئايال، تۈرك بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنجان ئۆنەر، ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمانىددىن، تۈرك مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ باشلىقى بېشىر قاراسۇ ۋە ئىككى نەپەر خىتاي بار بولۇپ جىددىي قىياپەتتە ئولتۇرۇپتۇ.

كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ، كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇردۇم. تۈرك كونسۇلى سۆز باشلاپ، «بۇ يەر تۈرك بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورنى. بۇ يەردە قانۇن بويىچە پەقەت ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، يەنى قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ بايرىقى ئېسىلىدۇ. نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ يەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئېسىلىپ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بارمۇ-يوق، بىلمىدۇق. مۇمكىن بولسا بايراقنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئېلىۋەتكەن بولسىڭىز!»-دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن باربارا خانىم سۆزلىدى. تۇرسۇنجان ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇلار: «بىز سىزنى چۈشىنىمىز. شۇنداق بولسىمۇ بەلگىلىمە بويىچە بايراقنى ئېلىۋەتكەن بولسىڭىز،»-دېيىشتى.

مەن ئۇلارغا: «بولىدۇ. ئاۋسترالىيە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان بىر قانۇنىي دۆلەت. مەن ئاۋسترالىيە گىراژدانى. ئەلۋەتتە قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمەن. ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە بىلمەكچى بولغىنىم، بۇ ئىككى خىتاي زادى كىم؟ ئۇلار نېمە سەۋەبتىن بۇ يەردە ئولتۇرىدۇ؟»-دەپ سوئال قويدۇم.

ئاندىن ئوبېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى باربارا خانىمغا مۇنداق دېدىم: «بۇ يەر ئاۋسترالىيە. مەنمۇ ئاۋسترالىيە پۇقراسى. ئەگەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسام، مېنى چاقىرىپ ئۆزۈم بىلەن سۆزلىشىشىڭلار كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ يەردە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئادەملىرىگە نېمە بار؟ ئاۋسترالىيەنى سىز بىلەن مەندەك ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى باشقۇرامدۇ ياكى خىتاي كونسۇلخانىسى باشقۇرامدۇ؟!»

مەن غەزەپ بىلەن سۆزلىدىم، ھېلىقى ئىككى خىتاينى ئاڭلىسۇن دەپ ئىنگلىزچە سۆزلىدىم، ھەتتا ئاچچىقىمدا ئۇلارنى تىللاپمۇ سالدىم. مەن ئۇلارغا: «ئەگەردە مېنى مۇشۇ ئىككى خىتاينىڭ ئالدىدا بايراقنى ئال دېسەڭلار، ئالدى بىلەن مېنى ئاشۇ بايراقنىڭ ئاستىغا كۆمۈڭلار، بولمىسا بايراق ئېلىنمايدۇ!» دېدىم-دە، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم.

ئارقامدىن تۇرسۇنجان بىلەن ئىمانىددىن ئىككىسى يۈگۈرۈپ چىقىپ، مېنىڭدىن ئۆزرە تىلىدى ۋە بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ قەھۋە ئىچتۇق. يېرىم سائەتكىچە ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئاچچىقىم بېسىلدى. تۈرك بىرلىكىگە قايتىپ بارساق، ھېلىقى ئىككى خىتاي كېتىپتۇ. باشقىلارمۇ تارقىلىپتۇ. بىز ئامالسىز ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى بىر بايرىقىنى چىقىرىپ قويدۇق. بۇ ۋەقە ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەردى. شۇ يىلى سېنتەبىر ئايلىرى بولسا كېرەك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسادىن ماڭا تېلېفون كەلدى. ئۇ مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمنى سوراپ بولۇپ، بىر جىددىي ئىش بىلەن تېلېفون قىلغانلىقىنى، ۋىيېتنامدا ھازىر 20 نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن يوشۇرۇنچە ۋىيېتنامغا قېچىپ چىققانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تېلېفوندا مۇمكىن بولسا مېنىڭ ۋىيېتنامغا بېرىپ، ۋەتەندىن قېچىپ چىققان قېرىنداشلارنى 3-بىر بىخەتەر دۆلەتكە چىقىرىۋېتىشكە ياردەم قىلىشىمنى سورىدى.

مېنىڭ بۇنداق جىددىي پەيتتە بۇ ئىشقا ياق دېيىشكە قانداقمۇ تىلىم بارسۇن!؟ دوختۇرلار 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ماڭا «قىزىلئۆڭگەچ راكى» دەپ دەپ دىئاگنوز قويغان ئىدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، تاكى يېرىم يىلغىچە قورسىقىمدىن نەيچە ئۆتكۈزۈپ شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلانغان ئىدىم. قورسىقىمدىن ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر نەيچىدە قىزىلئۆڭگىچىمگە يىغىلغان قان-يىرىڭلار ماڭدۇرىلاتتى. سالامەتلىكىم كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دولقۇن ئەيساغا «مەن باراي» دەپ كەسكىن جاۋاب بەردىم.

مەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمتىمىن ئەلا بىلەن بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تەييارلىقى ۋە پىلانىنى تۈزدۇق. مېڭىشتىن ئاۋۋال ئاۋسترالىيەدىكى ۋىيېتناملىق تونۇشلىرىمنى ئىزدەپ، ئۇلار ئارقىلىق ۋىيېتنامدىكى يەرلىك ئادەملەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئالدىم.

شۇنداق قىلىپ، نىمجان ھالىتىم بىلەن ۋىيېتنامغا ئۇچتۇم. خۇجىمىن شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ماڭا بەرگەن تېلېفون نومۇرى بويىچە، شەھەر سىرتىدىكى بىر بانانزارلىقتا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قېرىنداشلارنى تاپتىم.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت