لاياقەتلىك مەھبۇس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.06.13
turmidiki-uyghur-soraq.jpg تۈرمىدە سوراق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياش.
uyhewer.biz

مەشىق كامېرىدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم. خىتايچە يېزىقچىلىق سەۋىيەم زامىن بولمىغان بولسا ئۇنچە ئۇزۇن قالمىغان، مەھبۇسلۇق مەشىقى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خورلاشلارغا، سوراقتا يۈرگۈزۈلىدىغان قىيناشلارغا ھەمىشە شاھىت بولمىغان بولاتتىم. تەرجىمانلىقتىن خەۋىرىم بولمىغان بولسا، كامېردىكى كاتىپ، سوراقچى ۋە كامېر باشلىقىنىڭ پەرمانى بىلەن «سوراق خاتىرە» سى يېزىپ قەلبىمدە كۈلپەت ئارخىپى تۇرغۇزمىغان، پاجىئەلەر ئالدىدا كۆزى ئوچۇق قارىغۇ، قولى بار چولاقتەك ئامالسىز قالمىغان بولاتتىم.

بىر كۈنى سوراقتىن كىرىۋاتسام بىرسى «ھوي، گۈلەن ئاكامغۇ!» دەپ قالدى. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا تۇنجى قېتىم ھۆرمەتلىنىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. توغرا، مەن ئەسلى خىتايچە «ئابۇ» دەپ چاقىرىلىدىغان چۈپرەندە مەھبۇس ئەمەس، «گۈلەن ئاكا، گۈلەن مۇئەللىم» دەپ چاقىرىلىدىغان ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئىدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەشىق كامېرى بولغان 2-2 دىن ئادەتتىكى كامېر بولغان 2-6 گە ئالماشتۇرۇلدۇم. ئىشىك تۈۋىدە سوزۇلۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ياتقان كامېر باشلىقى تامغا قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. قاچانغىچە تۇرىدىغانلىقىمنىمۇ دېمىدى. تامغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم، تىرناق بىلەن «مەنزىرە» دېگەن ئىسىم بەك كۆپ يېزىلغان ئىدى. قارىغاندا، مەنزىرە ئىسىملىك مەشۇقىنى سېغىنغان بىر ئاشىقنىڭ ھېكايىسى تامغا ئويۇلغاندەك قىلاتتى. تامغا قاراپ تۇرۇۋەرمەي دەپ «تاماق يەۋالسام بولامدۇ؟» دېدىم. قارامۇتۇق كەلگەن بىر بالا كېلىپ قولۇمغا ئىككى موما، بىر قاچا قايناقسۇ تۇتقۇزۇپ قويدى.

كامېر يۆتكىلىشنىڭ خەتىرىنى كېيىنكى قاماق ھاياتىمدا قايتا قايتا ھېس قىلدىم. چۈنكى ھەر بىر كامېرنىڭ قائىدىسى ئوخشىمايتتى. ھەر قېتىم ئالماشقاندا يېڭى قائىدىلەرنى يادلاشقا توغرا كەلگەندىن باشقا، كۆپىنچە يېزىقسىز يۈرگۈزۈلىدىغان ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئازار يەيدىغان ئىش چىقاتتى. بۇ كامېردىمۇ شۇنداق بولدى. ئىشنى دەسمال قاتلاشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدىم. كامېردا يەر، ھاجەتخانا ۋە ئوچاقنى سۈرتىدىغان دەسماللار ئايرىم بولۇپ، قاتلاش شەكلى ۋە قويۇلىدىغان ئورنىمۇ پەرقلىق ئىدى. بۇيرۇق بويىچە ھاجەتخانىنى سۈرتۈپ بولۇپ قاتلىغان دەسمال كامېر باشلىقىغا يارىماي تېپىك يېدىم. شۇئان يېنىمغا تۇنجى كۈنى ماڭا تاماق سۇنغان دىلمۇرات كېلىپ قاتلىشىپ بەردى. يېڭى كامېردىكى تۇنجى يېگەن تېپىك ئېغىر كېلىپ دەسمال قاتلاۋاتقان قوللىرىم تىترەپ تېخىمۇ قولاشمايتتى. مەن بىر دەسمالنى قاتلاپ بولغۇچە دىلمۇرات دەسماللارنىڭ ھەممىنى قىر چىقىرىپ تەلەپتە ئېيتىلغان «دۇفۇ پارچىسى» دەك قاتلاپ جايى جايىغا تىزىپ بولدى. رەھمەت ئېيتىۋېدىم، سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ نېرى كەتتى.

بۇ كامېردىمۇ مەشىق كامېرىدىكىدەك كەچلىك سان ئېلىنىدىكەن. ھەممىمىز قاتار تىزىلىپ پەستە تۇردۇق. كامېر باشلىقى ياغاچ سوپىدا تۇرۇپ ساناشقا بۇيرۇدى. يېنىمدا دىلمۇرات تۇرغان ئىدى. ساناق نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەن بولسىمۇ ئۈن چىقارمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتمايلا ساناقنى داۋام قىپتىمەن. تۇيۇقسىز تەگكەن بىر تەستەك بىلەن كۆزەينىكىمنىڭ بىر ئۇچى ئېڭىكىمگە ساڭگىلاپ قالدى. باشقىلارمۇ ئۇرۇپ كېتەرمۇ دەپ ئالاقزادە بولۇپ ئەتراپقا قارىدىم، تەلىيىمگە ھېچ كىم قول ئۇزاتمىدى. مەشىق كامېرىدا بولغان بولسام باشلىق بىرنى ئۇرۇپ بولغۇچە قولچوماقلار نەچچىنى ئۇرۇپ بولغان بولاتتى. دىلمۇراتقا قارىدىم، بىچارە بالا ئەسلى تىلسىز ئىكەن- دە!

ئەتىسىدىن باشلاپ دىلمۇراتنى كۆزەتتىم. ئۇ تىنىمسىز بىر ئىشلارنى قىلاتتى. كامېرنى خۇددى ئۆي تۇتقاندەك پاكىز، رەتلىك تۇتۇشقا تىرىشاتتى. شۇڭىمىكىن كامېر باشلىقى ئۇنى «لاياقەتلىك مەھبۇس» دەپ ئاتاپ ھەممەيلەنگە ئۈلگە قىلاتتى. ئۇنىڭچە مەھبۇس دېگەن دىلمۇراتتەك تىلسىز بولۇشى، تىلى بولغاندىمۇ «ھەئە، ياق» دېگەندىن باشقىنى دېمەسلىكى، ئايىغى يېنىك، چاققان بولۇشى كېرەك ئىكەن. يېڭى مەھبۇس بولغاچقا ھاجەتخانا سۈرتۈشتىكى، پۇل يۇيۇشتىكى ۋە ئىشىك تاملارنى پاكىزلاشتىكى تۈرلۈك قائىدىلەردىن بىخەۋەر ئىدىم. دىلمۇرات بۇلارنىڭ ھەممىنى ماڭا بىر بىرلەپ قىلىپ ئۆگەتتى. تامنى پاكىزلاۋاتقاندا «مەنزىرە» دېگەن ئىسىمنى كۆرسەتتىم. شۇ ھامان ئۇنىڭ يۈزىگە قىزىللىق يۈگۈردى. «قىز دوستۇڭمىدى؟» دەپ سورىۋېدىم «ھەئە» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.

كەچتە يەنە ساناق باشلاندى. يۈرىكىم سېلىپ، تەمتىرەشكە باشلىدىم. خۇددى خىتايچە ساناقنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، يەنە خاتا ساناپ قويىدىغاندەك بىر تەشۋىش دىلىمنى ئەسىر قىلىۋالدى. ساناق ماڭا كېلىپ ئەمدى ۋارقىراپ بولۇشۇمغا مەيدەمگە تەگكەن بىر پەشۋادىن ئۆزۈمنى يەردە كۆردۈم. قوپۇپ بىلدىمكى جىددىيلەشكىنىم ئۈچۈن يېنىمدا قولىدىكى ئىشكەل بىلەن پۇتىدىكى كىشەنگە باغلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغان بىر مەھبۇسنى كۆرمەي سانىقىنى تارتىۋاپتىمەن. ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ساناق ئېلىنمىدى. ئىچىمدە ئاللاھقا مىڭ شۈكرە ئېيتىپ ئۇخلاپ قالدىم.

تۆتىنچى كۈنى سەھەردە ساناق ئېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز پۇت قولۇم تىترەپ قورقۇشقا باشلىدىم. نۆۋەت يېنىمدىكى مەھبۇسقا كەلگەندە ھودۇقۇپ كېتىپ ئۇنىڭ سانىشىنى كۈتمەيلا ساناپ تاشلاپتىمەن. كامېر باشلىقى تىللاپلا كەتتى. ئاندىن ئاشپەز بىلەن سوراقچىغا ئىشتىنىمنى سالدۇرۇشقا بۇيرۇدى. قەشقەردە يالىڭاچلانغان كەچۈرمىشىم بولغاچقا بۇ قېتىم بەك قورقۇپ كەتمىدىم.مەھبۇس قولۇمنى دۈمبەمگە ئېلىپ بىر قايرىۋېدى، تۈگۈلۈپلا قالدىم. كاسامغا تېگىۋاتقان ئاياغنىڭ پاشنىسى «چاڭ، چاڭ» ئاۋاز چىقىراتتى. ئاغرىقتىن سىيىپ تاشلىدىم. بۇرۇن ئىشتانغا سىيىۋەتتى دېگەننى ئاڭلىغان، مانا ئەمدى مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى. تۇيۇقسىز ئۈستۈمگە بىرى تاشلىنىپ ئۇرۇش توختىدى. قارىسام دىلمۇرات. كامېر باشلىقىمۇ دىلمۇراتنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇرغۇزۇشنى توختاتقان بولدى.

ئارىدىن بىر يىللار ئۆتۈپ كۆكتاغ قاماقخانىسىدا دىلمۇراتقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىرىنى ئۇچراتتىم. سورىسام راستىنلا ئۇنىڭ دادىسى چىقىپ قالدى. ئۇ كۈنى قان تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئىككىمىز ئۆچىرەتتە يانمۇ-يان تۇرۇپ قاپتۇق. قاماق تارىخىم ئۇزۇراپ كەتكەچكە گۇندىپايلارنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي پاراڭلىشىپ قالدىم. دىلمۇراتنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى نۇرغۇن يول مېڭىپ، يىگىرمە مىڭ سوم پۇل خەجلەپ ئاران دېگەندە خىتايچە مەكتەپكە ئالدۇرغان ئىكەن. دىلمۇرات يېڭى كىرگەندە خىتايچىنى پەقەت بىلمىگەچكە تاپشۇرۇقنى چۈشىنەلمەي ئىشلىمەيلا مەكتەپكە بېرىپتۇ. دەسلەپتە ئوقۇتقۇچى سىنىپتا ئۇنىڭ قولىغا سىزغۇچ بىلەن ئۇرۇپتۇ. كېيىن بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى ئاچچىقلاپ ئاۋۋال قولىغا ئۇرۇپ گەپ قىلىشقا زورلاپتۇ، ئاندىن تىلىنى چىقارغۇزۇپ «زادى گەپ قىلامسەن-يوق!» دەپ تارتىپتۇ. دىلمۇرات شۇ چاغدا بىرلا چىرقىراپ يىغلىغانچە تىلدىن قاپتۇ. دىلمۇراتنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالمىغانلىقى
ھەققىدە قاقشاپ گېپىنى تۈگەتتى.

ئۇنىڭ دىلمۇراتقا چاپلاپ قويغاندەك ئوخشايدىغان چىرايىغا قاراپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتىم. مەندەك قىرىققا يېقىنلاشقان ئادەمنى ساناق سانىيالماس قىلىۋەتكەن تەھدىت، زەربە ۋە قورقۇنچنىڭ كىچىككىنە دىلمۇراتنى تىلسىز قويۇشى تەبىئىي ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.