ئۇستاز ماڭغان ئۇيغۇرلۇق يولى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-12-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مەرھۇم تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2015-يىل، ئەنقەرە، تۈركىيە.
مەرھۇم تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2015-يىل، ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Abduweli Ayup

بۈگۈن ئۇيغۇرغا دەرد ئۈستىگە دەرد كەلدى. بۈگۈن ئانا تىلغا ئۈششۈك تەگدى. بۈگۈن بىرىنچى دېكابىرنىڭ مۇزلۇق كۈنىدە، ئۇيغۇرلۇق سىڭگەن قەلبلەرگە قار ياغدى. بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرۋىشكارى، ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوفتىن ئايرىپ قالدۇق. ئۇيغۇرنىڭ نىداسى بوغۇلغان، دىلى مۇجۇلغان، قاناتلىرى بوغۇشلانغان بۇ كۈنلەردە ئۇستاز ھايات يۈرۈپ بەرسە، تۆرلەردە تۇرۇپ بەرسە، كوچىلاردا مېڭىپ بەرسە بولاتتى.

ئۇستاز ئارىمىزدا بولسا سۇنۇق كۆڭۈللەر پۈتۈن بولاتتى، چۈشكۈن كۆزلەر ئۈستۈن بولاتتى، مىسكىن روھلار جۇشقۇن بولاتتى. ئۇستاز ئىززەتلەر ئېزىلىپ، غۇرۇرلار پايخان بولۇۋاتقان بۇ دەملەردە غەشلىكلەرگە غەمخان ئىدى. ئۇستاز ئارمانلار قېرىپ، غايىلەر غېرىب بولغان زىمىستاندا گۈلخان ئىدى. زۇلمەتلىك بۇ زامان چۆلىدە ئېزىقماي تىك ياشاش، تىرىك ياشاش ئۈچۈن جېنىمىزغا جان، روھىمىزغا يۆلەك ئىدى. بۇ مىللەت ئۇستازدەك ئالىملىرى بىلەن ۋەزمىن، بۇ ۋەتەن ئۇستازدەك پىداكارلىرى بىلەن ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك ۋە غەمگۇزار ئىدى.

ئۇستاز ئانا تىلغا باغۋەن، پەرۋىشكار ئىدى. مەرھۇم ئانا تىلىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى ۋە بۇ مۇكەممەللىكنى ئىسپات قىلغۇچى ئىدى. بىز تىلىمىزنىڭ قائىدىلىك تەلەپپۇزىنى، يېزىقىمىزدىكى ئۆلچەم-قېلىپلارنى مەرھۇمنىڭ ئېلىمىدىن ئۆگەندۇق. ئۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» ۋە «ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى» دېگەن كىتابلىرى بىلەن ئانا تىلغا مىزان بېكىتتى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېچ بىر تىلدىن قېلىشمايدىغان كۈچىنى «ئۇيغۇرچە-خىتايچە چوڭ لۇغەت» ئارقىلىق ئىسپات قىلىپ ئۇيغۇرچە ھەممىگە قابىل سۆزلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرغا ناقايىل كۆزلەرنى تەسلىم قىلدى.

ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق تارىخىغا مېھرىبان ئىدى. ئۇ ئۇرخون مەڭگۈ تاشلىرىغا ئويۇلغان، «دىۋان» لارغا پۈتۈلگەن مۇقاملارغا كۆمۈلگەن، يېزا-سەھرالارغا چېچىلىپ كەتكەن مومىلار ۋە بوۋىلارنىڭ يادىكارىنى بىزلەرگە ئۆگىتىپ تارىخىمىزنى تىرىلدۈردى. ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادىنى «چۆمۈل» دەپ ئاتالغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسىگە باغلىدى. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۆزىدىن ئاق ھون ئىزلىرىنى بايقىدى.

ئۇ مەھمۇت قەشقىرى قالدۇرغان ھېكمەتلىك كىتابنى ئەۋلادلارغا قورال، ناۋايىدىن مىراس ئانا تىل سۆيگۈسىنى ھەقدارلارغا ئەڭگۈشتەر قىلدى. ئۇ قەدىمكى تىلىمىزنى قۇرۇتماي بۈگۈنگە ئۇلىغان، سىڭقۇسەلىنىڭ سۆزىنى ناۋايىغا چاتقان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاچقان يولنى گۇمنامدىن تاپقان ئىدى. ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق تارىخىنى مەڭگۈ تاشلاردىكى سۆزلەر، «دىۋان» دىكى ھېكمەتلەر، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ماياكلار ۋە ناۋايى ياققان چىراغلار بىلەن يورۇتقان ئىدى.

ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق خەزىنىسىگە پاسىبان ئىدى. رەھمەتلىك ئالىم ھاياتىدا ئۇيغۇرنىڭ تەۋەررۈك ماكانلىرىدىن شەھىدانە خوتەن، ئەزىزانە قەشقەر، غالىبانە قۇمۇل ۋە غازىيانە ئاقسۇلارنى كەزگەن، لوپنۇردىكى قالپاقلىق چاللار، كۇچادىكى ئاق رومال مومايلار ۋە تۇرپاندىكى قىزىل بۆكلۈك ئاقساقاللار بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇلارنىڭ تىلىدىكى خەزىنىلەرنى ئاچقان، ئۈنچىلەرنى توپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر دىئالېكتلىرى»، «قۇمۇل شېۋىسى»، «خوتەن دىئالېكتى» ۋە «لوپنۇر دىئالېكتى» ھەققىدە يازغان خاس ئەسەرلىرى ئاۋام تىلىدا چېچىلىپ ياتقان شۇ قىممەتلىك ۋەسىيەت ۋە مىراس ھېكمەتلەرنىڭ بىزگە قالدۇرۇلغان خاتىرىسى ئىدى.

ئۇستازنىڭ تەتقىقاتى ئۇيغۇرلۇق روھىنى نامايان قىلغان ئىدى. مەرھۇم ئۇستازىمىز ئۇيغۇر سۆزىنىڭ «مەدەنىيەت» دېگەن مەنىسىنى ئەجدادلار ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى قېزىش ئارقىلىق تەھقىقلىگەن. ئۇ بۇ يولدىكى ئىشتىياقى بىلەن ئۆزلەرنى، ئىجتىھاتى بىلەن ئۆزگىلەرنى ئىشەندۈرگەن ئىدى. ئۇ ئەل ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتتە «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ يەنە بىر مەنىسىگە مۇناسىپ دوستلار بىلەن تاشتەك ئۇيۇشۇپ ۋە خىزمەتداشلارنى سۈتتەك ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

ئۇستاز يېتەكچىلىك قىلغان «تۈركى تىللار دىۋانى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر دىئالېكت ۋە شېۋىلەر لۇغىتى» قاتارلىق نەتىجىلەر ئۆملۈكنىڭ، ئۇيۇشقان ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئانا تىل گرامماتىكىسىغا ئاتالغان تۇنجى كىتابىنى نەسىرۇللا يولبولدى بىلەن، تىلشۇناسلىق لۇغىتىنى مەترېيىم سايىت بىلەن، ناۋايى تەتقىقاتىنى خەمىت تۆمۈر بىلەن، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى ئامىنە غاپپار بىلەن ئىشلەپ مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن بىللە ئىسپاتلاپ چىققان.

مەرھۇم ئۇستاز ئىلىم تەلەپكارلىرىغا تەلەپچان، پاسىبان خۇشچىراي ئىدى. ئەينى يىللاردا رەھمەتلىككە ئەگەشكەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئەل-مىللەتتىن بولغان ھەۋەسكارلار بۈگۈن مۇتەخەسسىسلەرگە ئايلاندى، شاگىرتلار مانا ھازىر ئۇستاز بولۇپ تونۇلدى.
مەن رەھمەتلىك بىلەن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە مۇلاقەتتە بولغان ئىدىم. ئۇ مەندىن ئوپالدىكى ھەر بىر ئايماق، ئېدىر، قىر ۋە قىشلاقلارغىچە سوراپ، بىلمىگەنلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەھەللەمگە يېقىن يەردىكى قاراخانىيلار خانى قىلىچ بۇغراخاننىڭ قەبرىسى، شۇ قەبرە جايلاشقان كەنتتىكى تۇردى چوڭ سالغان پەننى مەكتەپ، 30-يىللاردا ئوپالغا سېلىنغان تىياتىرخانا ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانى قاتارلىقلار ھەققىدە ھەيران قالارلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەگەر شۇ سۆزلەر سېزىۋېلىنسا ھەر بىر مەزمۇن بىر ئۇزۇن ماقالىگە مېغىز بولغان بولاتتى.

مەرھۇم ئۇستازىمىز دوستى تۇرغۇن ئالماسنى پەرزەنتلىرى ئارقىلىق ئۇ ۋاپات بولغۇچە يوقلاپ تۇرغان ئىدى. دوستىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە «تارىخى رەشىدى» نىڭ نەشر قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇستاز ئەينى يىللاردا خۇددى تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابىغا رەددىيە يازمىغانغا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا تېڭىلغان ئېتىراپ، توۋا ۋە ئىقرار قىلغۇزۇشلارغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى.

ئۇستاز ئىز سالغان ئۇيغۇرلۇق يولى يۈرەكتىن باشلانغان مەڭگۈلۈك يول، ئىلىمگە، ئەلگە ۋە ئالەملەرگە جاۋاب ئىزدىگەن ئىشتىياق يولىدۇر. ئۇ بۇ يولدا مېڭىپ كۆللەردە سۇسىز، باغلاردا ئاچ قالغان، تۈرمىلەردە ياتقان. ئۇ بۇ يولدا ھاكىمىيەت ۋە ھاكىملارغا ياراپ ئەپلىك ۋە نەپلىك ياشاشنى ئەمەس، ھەقنى ياقىلاپ نەتىجىلىك ياشاشنى تاللىغان. شۇڭا ئالىم بۇ يولدا ئەمەلدىن تاج، پايدىدىن كەمەر باغلىغان ئەمەس. شۇڭا ئۇستاز كاتەكتەك بىر يۈرۈش ئۆيدە مىڭلىغان سارايلاردىن كاتتا ئارمانلار ئىچىدە، يوقىلىۋاتقان مىراسلارنىڭ غېمىدە ياشىغان ئىدى. ئۇستاز شۇنىڭغا شاھىت ئىدىكى، بۇ يولدا شەرەپكە لايىق ئەمەللەر ئاز، ئەمما شەرەپ تەمەسىدىكى تېجىمەللەر كۆپ ئىدى، بۇ يولدا قان شورار يالماۋۇز، جان سورار قاتىللار بار ئىدى، يەنە ھېچ نېمە سورىماس، ھېچ نەرسە بىلمەس، ئەمما ھېچ ئىش قىلدۇرماس رودۇپايلار تەييار ئىدى.

ئۇستاز باشلىغان بۇ يول ئۇيغۇرلۇق يولى، مەدەنىيەت-ئۇيغارلىق يولىدۇر. بۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئايىغى چىقىدىغان، ئىلىم بىلەن تۈزىلىپ، سەنئەت بىلەن بېزەلگەن، ئىجات ۋە يېڭىلىق بىلەن داۋاملىق يورۇيدىغان ئايدىڭلىق يولدۇر. ئۇستازدەك ھەقكە، ھەقىقەتكە ۋە ھەققانىيەتكە ئاشىق بولمىغان ھېچ بىر جاھالەتلىك قەلب بۇ يولغا زار ئەمەس، ئۇستاز بەلگە سالغان بۇ يولدىكى يولۇچى ئۇيغۇرمۇ جاھىل پىرلارغا ئىنتىزار ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت