سوراقتىكى سىرلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.05.09
ilham-toxti-turme.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

قەشقەردىكى تۇنجى سوراقتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە پالىنىپ ئىككىنچى قېتىم سوراق قىلىندىم. تۇتۇش بۇيرۇقىدا «مەبلەغ چىقىرىشتا ساختىكارلىق» دېيىلگەن بىلەن، قەشقەردە بۇ ھەقتە سورالمىدى. ئۈرۈمچىدە تۇنجى سوراق ئاساسەن ئانا تىل شىركىتى ھەققىدە بولغان ئىدى. ئەمما شۇندىن كېيىنكى بىر يېرىم ئايلىق سوراقتا نە شىركەتنىڭ، نە ئىقتىساتنىڭ گېپى بولمىدى. بەزىدە تەھدىت، بەزىدە ساختا شەپقەت، بەزىدە زۇلۇم بىلەن داۋام قىلىدىغان سوراقنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن «ئامېرىكىدىن نېمىشقا قايتتىڭ، كىم ئەۋەتتى، تۈركىيەگە قانداق باردىڭ، كىم ئالدىڭغا چىقتى، ئامېرىكىدا كىمنى تونۇيسەن، تۈركىيەدە نېمە قىلدىڭ، ئانا تىل مائارىپىنى نېمىگە كۆتۈرۈپ چىقتىڭ، تىلنى قوغداش ھەققىدە نېمە يازدىڭ، نەدە لېكسىيە سۆزلىدىڭ، نېمە مەزمۇندا سۆزلىدىڭ، نەچچە يەردە مەكتەپ قۇردۇڭ، كىملەر بىلەن قانداق پائالىيەتلەرنى قىلماقچى بولدۇڭ؟» دېگەندەك سوئاللار ئىدى. يەتتە ئايدىن كېيىن ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، مەندىن سورالغان سوراق خاتىرىسى 12 دەپتەر بولۇپتۇ.

سىياسىي سوراق باشلىنىپلا ساقچىلار تالاي قورقۇنچلۇق تۆھمەتلەر بىلەن مېنى جىنايەتچىدەك ھېسسىياتقا كەلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلارچە ئانا تىل ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەقىللىق داۋاسى قىلارمىشمەن. ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ بەشىنچى ئىيۇلدەك چوڭ «توپىلاڭ» پەيدا قىلارمىشمەن. شىركىتىم بۆلگۈنچىلىكنى مەقسەت قىلار ئىمىش. تىنىمسىز ئەسەر يېزىش، لېكسىيە سۆزلەش، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، مەكتەپ ۋە يەسلى ئېچىشتىكى مەقسىتىم «شىنجاڭنى ئايرىپ مۇستەقىل قىلىش» ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقىم ئىمىش.

بىر قانچە قېتىملىق سوراقتىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن ماڭا «دۆلەتنى پارچىلاش، قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ بىرىنى سۇۋىماقچى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. ئۇلار توقۇپ چىققان جىنايى پاكىتلارغا ھەيران قالمىدىم، بەلكى ھېچ چۈشەنچە بەرمەي ئېتىراز قىلدىم. مەندەك ئۇيغۇرغا بۇنداق جىنايى قالپاقلار ھەر زامان تەييار ئىدى. ئۇلار جىنايەتنى ئاللىقاچان توقۇپ بېكىتىپ بولغان بولۇپ، مەندىن تۇتامغا چىققۇدەك پاكىت ئۈندۈرۈش ئۈچۈن پالاقشىماقتا ئىدى.

سوراق جەريانىدا ئۇچرىغان تەھدىت ۋە زوراۋانلىقلارغا ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغاچقا چىداپ كەتتىم. ئەمما كۈن-كۈنلەپ، كېچە-كېچىلەپ سوراقلاپ، كامېرلاردا تاياققا بېسىپ بۇ قەدەر رەھىمسىزلىك قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتىم. ماڭا قانداق زۇلۇم قىلسۇن، قىلمىسۇن، سوراقتا ئۇلاردىن يوشۇرغۇدەك ئىش، دېيەلمىگۈدەك گەپمۇ يوق ئىدى. قەشقەر تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان مۇختەر ئىسىملىك بىر ئەبلەخنىڭ ئېغزىدىن نىجاسەت ئاقاتتى. ئۇنى بۇنچە غەزەپكە كەلتۈرگەن سەۋەبنى ئىلغا قىلالماي ئاۋارە ئىدىم. ئۇ سوراقچىلارنىڭ قېشىدا مۈگدىگەندەك ئولتۇرغان بىلەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىكەن.
بىر كېچىسى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇراتتىم، مۇختەر:

-ھەي كاللاڭنى سىلكىۋەت جۇما، ئۇنى سورىسىمۇ ياق دەيسەن، بۇنى سورىسىمۇ بىلمەيمەن دەيسەن. ھۆكۈمەت ساراڭما، باكادىن باكا سېنى تۇتۇپ. نېمە پىلانىڭ بارلىقىنى، قانداق ئادەملىرىڭنىڭ نەدىلىكىنى، سېنىڭ نەدە، نېمىنىڭ پېيىدا يۈگىنىڭنى بىلمەيلا قەشقەردىن ئايروپىلاندا ئەكەلدۇقما! ئاشۇ جىنايىتىم يوق دېگەن ئاغزىڭغا جۇما تازا، دەپ توپتەك قاڭقىپ ئالدىمغا كېلەتتى...

ئاللاھقا شۈكرىكى، كۈندۈزى توختىماي سوراق قىلىنىپ كېچىلىرى كامېردا ئۇخلىماي نۆۋەتتە تۇرۇپمۇ ئويلىرىم سۈزۈك ئىدى. يولۋاس ئورۇندۇقتا سوراقچىلارنىڭ مېنى نېمە دېگۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم پەرەز قىلىپ ئولتۇراتتىم. ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ گۇناھكارلىقىمغا قايىل قىلماقچى، ئۆزۈمنى ئاقلاشقا مەجبۇرلىماقچى، ئىقرار يوللىرىغا باشلىماقچى ئىدى. شېرىكلىرىم ئىقرار قىلىپ بولغانىمىش، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانىمىش، مەنلا جاھىللىق قىلىپ بارلىق جىنايەتنىڭ باشلامچىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىمىشمەن. سوراقتا ئوخشاش سوئالنى ئوخشىمىغان ساقچى، ئايرىم سائەتتە، پەرقلىق شەكىلدە توختىماي سورايتتى. ئۇلارچە، مېنىڭ بىر يۈرۈش ئىسيان پىلانىم، چەتئەللەردە كۈچلۈك بىر تايانچىم ۋە ساناقسىز ئەگەشكۈچۈم بار ئىدى. ئۇلارچە رەھبەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جىنايىتىمنى تاپشۇرساملا سوراقلار ئاياقلىشارمىش، يېنىكلىتىپ جازالاشنى ساقلىساملا بولارمىش.

سىياسىي سوراقنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ساقچىلارنىڭ تەھدىت، زوراۋانلىق ۋە ھەيۋىلەر ئارقىلىق مېنى جىنايەتچىدەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى ماڭا ئانچە تەسىر قىلمىدى. قەشقەر تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان مۇختەر، سۆرەلمە سوراقچى ئەن جىڭكۈن، خەنزۇۋان ئەكبەرلەر بۇ يولدا چىش‏-تىرناقلىرىغىچە ھەپىلەشكەن بولسىمۇ چىدىۋەتتىم. ھازىر ئويلىسام، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ۋە روھى بەكمۇ بەرداشلىق ئىكەن، زىمىستاندا قۇرۇپ باھاردا كۆكلىگەن مايسىدەك ھامان ياشناشقا تەييار ئىكەن، كۆرگۈلۈكلەرگە چىدىۋەتسىلا جاراھەتلەر پۈتۈپ، يارىلار ساقىيىپ كېتىدىكەن. ئەگەر شۇ چاغدا سوراقچىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى، ئېزىقتۇرۇشى ۋە قورقۇتۇشلىرىغا بويسۇنۇپ ئۆزۈمنى ئاقلاشقا چۈشكەن بولسام، تەبىئىيلا جىنايەتچىلىكىمنى قوبۇل قىلغان بولۇپ قالاتتىم. بۇ ئېتىراپ بەلكى مېنى ئېغىر جازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۆۋە قىلىشقا، ئىقرار قىلىشقا، ھەتتا پاش قىلىشقا ئېلىپ بارغان بولاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.