«مەن ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.01.02
abduweli-ayup-hokumname.jpg ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۇستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنامە. 2014-يىل 11-ئاۋغۇست
Photo: RFA

سوتخانىغا كىرىپلا ئانامنى كۆردۈم. ئانامنى كەلمىسۇن دېگەن ئىدىم. ئادۋوكات كىملەرنىڭ كېلىش ھەققىدە سورىغاندا «ھېچكىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. «ئەجەب مۇزدەك جاۋاب بەردىڭىز» دېگەن ئىدى ئادۋوكات چىرايىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپ. توغرا، جاۋابىم مۇزدەك ئىدى. چۈنكى مېنىڭ سوت زالىغا ئېلىپ كېرىلگەن خاراب تۇرقۇم، بەربات كىيىم-كېچەكلىرىم، ئوغرى تىكەندەك ساقال قاپلىغان مىسكىن يۈزۈم، پۇتۇمدا شاراقلاپ تۇرغان ئىشكەل، ئىشكەل بىلەن كىشەننى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغان زەنجىر مەن سۆيگەن، ماڭا كۆيگەن كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى قان، قان قىلاتتى.

شىللەمدىن بېسىپ يەرگە ئېڭىشتۈرۈپ تۇرغان قوراللىق ئىككى ساقچى ئالدىدىكى بىچارە ھالىتىمنى كۆرسە قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆزىگە قان تولاتتى.

ئانامغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئاناممۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ ماڭا قاراپ كۈلدى. جاۋىغىيىنى بويلاپ ئاققان قاننى كۆرۈپ يەرگە قارىۋالدىم. باغرى قان ئانام ئېسەدەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كالپۇكىنى چىشلەپ قانىتىۋالغان ئىدى.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ يەنە قارىدىم، ئاچام ئانامنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋاپتۇ. مەن ئانامنىڭ قولىنى تۇتۇۋالمىسا تىترەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئانامنىڭ تىترەۋاتقان قولى ئاچامنىڭ يۈرەكلىرىنى قانچە تىترەتكەنمۇ، ئېزىۋەتكەندۇ-ھە!؟
ئاچام كۆزەينىكىنى سۈرتكەن بولۇپ يەرگە قارىۋالدى. كۆزلىرىدىن مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلارنى سۈرتۈمسىز ئۇنتۇپ، ماڭا قاراپ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئايالىمغا قارىدىم. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاچىسى جىددىيلىشىپ، قولىغا تۇتقۇزغان ياغلىقىنى ئېلىشىنىمۇ ئۇنتۇغان ئىدى.

«ئانا تىل شىركىتى» نى بىللە قۇرۇپ تۇتۇلغان سەپداشلىرىمدىن دىليار ئوبۇل، مەمەتسىدىق ئابدۇرېشىت ۋە مەن ئۈچەيلەن قاتارلىشىپ سوراقچىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇق. «جىنايەتلىرىمىز» بىر-بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ۋە بىزدىن چۈشەنگەن، چۈشەنمىگەنلىكىمىز سورالدى. ئالدىنقى قېتىملىق ساختا سوتلاردا بۇلارنى بىر قېتىم ئاڭلىغىنىمىز ئۈچۈن ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن «تەستىقلايمىز» دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما دىليارنىڭ جاۋابى ھەممەيلەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.

ئۇ، «بۇندىن بۇرۇن ئوقۇپ بەرگەن بارلىق قەغەزلەر خەنزۇچە ئىدى، بۇ قېتىم ئانا تىلىمىزدا ئىكەن، شۇڭا تولۇق چۈشەندىم،» دېدى. دوستۇمنىڭ سوت مەيدانىدىمۇ ئانا تىل دەۋاسىدا چىڭ تۇرۇشى باياتىن بېرى قەلبىمنى چۇلغىغان ئازاب تۇمانلىرىنى بىراقلا يوق قىلدى. پەخىر بىلەن ئۇنىڭ مەغرۇر كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇ كۆزلەر بۇرۇنقىدەكلا قەتئىي، تەمكىن مۇڭلۇق ئىدى.

مەمەتسىدىقنىڭ چاچلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. دىليارنىڭ قەيسەرانە جاۋابى ئۇنىمۇ سۆيۈندۈردى بولغان، بىلىنگۈدەك ئاۋاز چىقىرىپ كۈلدى.

ئايرىم-ئايرىم «جىنايەتلىرىمىز» ھەققىدە سوئاللار سورالغاندىمۇ ھېچ بىر يېڭىلىق بولمىدى. ئىككى ھەپتە بۇرۇن قويۇلغان تىياتىر قايتا ئوينالماق ئىدى. كۆز ئالدىمدىكى كىشىلەرنىڭ دەۋاتقانلىرىغا خۇددى كۇنۇپكىسى بېسىلغان ئۈنئالغۇغا ئوخشاش ئۆلچەملىك جاۋابلارنى بەرمەكتە ئىدىم. ئاغزىم سوراقچى، تەپتىش ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ سورىغانلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بىلەن خىيالىم كەينىدە مېنى كۆرۈپ تۇرغان سۆيۈملۈكلەرگە ئىدى.

سورالغان سوراقلارغا ئامال بار ئۇزۇن قىلىپ، پۇرسەت تاپساملا ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشاتتىم. بىر يىلدىن بېرى ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمىغان ئانام، ئاكام، ئاچام ئايالىم ۋە باشقا تۇغقانلار بىلەن مۇشۇ باھانىدە بولسىمۇ پاراڭلىشىۋېلىش ئارزۇسى مېنى كۆپرەك سۆزلەشكە ئۈندەيتتى.

سوت نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. «سوتتىن كېيىنلا قۇتۇلىسەن» دېگەن تەپتىشلەرنىڭ، مۇشۇ گەپلەر بىلەن بىزنى ئىقرار قىلدۇرغان ياغلامچىلارنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك ئىپادىسىز، شۇنچىلىك ۋەزمىن ئىدى.

ئۈچەيلەن باش ئەگدۈرەلمىگەن پېتى ئالدىن ئېلىپ كېتىلدۇق. كەينىمىزدىن ئېسەدىشىپ، بۇقۇلدىشىپ سەۋرىگە، تەسەللىگە ئۈندەلگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

دىليارنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز كېلىپ ئوغلىغا ئېسىلماقچى بولۇپ قولىنى سوزۇۋېدى، ساقچى قوپاللىق بىلەن ئىتتەردى. دىليار يۇلقۇنۇپ ئانىسىغا قاراپ بىر قەدەم ئېلىۋېدى ساقچى پۇتلاپ يەرگە يىقىتتى. بىردىنلا كارىدوردا جىددىي ھالەت كۆتۈرۈلۈپ، قوراللار شاراقلاپ بەتلەندى. بىر ئانىنىڭ سوزۇلغان قولى نەچچە ئون قوراللىق ساقچىنى جىددىيلەشتۈرۈپ چىرايىنى كېپەندەك سەتلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

يەنە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان قول قويۇش، بارماق بېسىشلار باشلاندى. ئارىلىقتا بىر خادىم كىرىپ مەن قول قويۇۋاتقان قەغەزلەرگە قارىغان بولۇپ «ئانىڭىز سىزدىن ئىككى دۇنيا رازى ئىكەن، ئەمما سوتتا ‹شىركەتنىڭ ھېسابىدىن خەۋەرسىزمەن› دېگىنىڭىزنى ياقتۇرماپتۇ. ‹مەن ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان، قىلغان ئىشىغا مەيدىسىنى كىرىپ تۇرۇپ ئىگە بولسۇن› دەيدۇ،» دەپ قويۇپ كەتتى.

ئۇ سوتخانىغا ئۈچ قېتىم كىرىپمۇ يىغلىمىغان ئىدىم. ئانامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم. بىچارە ئانام مېنىڭ ئۆزۈم قۇرغان شىركەتنىڭ مالىيەسىگە پەقەت ئارىلاشماي قەشقەردە، خوتەندە، ئاقسۇدا، كورلادا لېكسىيە سۆزلەپ يۈرگەنلىرىمدىن بىخەۋەر ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.