باراڭدىكى لەغمەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-10-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
شاياردىكى خىتاي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.
شاياردىكى خىتاي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.
Oqurmen teminligen

كامېردىكى ئورنۇمنىڭ مۇزدەك سېمۇنت يەردىن كارىۋاتقا ئالماشقىنى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى «جىنايىتىم» نى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دەپ بېكىتىپتۇ. دېمەك، ئەمدى سىياسىي جىنايەتچى ئەمەس ئىدىم. بۇ خەۋەردىن كېيىن گۇندىپايلارنىڭ مۇئامىلىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بۇنداق ئۆزگىرىش كامېر ھاياتىمغا بەزى يېڭىلىقلارنى بەخش ئەتكەن بولدى. ئەمدى مەن قاماقخانىدا ئېتىلىدىغان پۇللۇق تاماقلارنى بۇيرۇتالايتتىم، ماڭا سېلىنغان، ئەزەلدىن كامېر باشلىقلىرىغا يەم بولۇپ ئۆزۈم خالىغانچە ئىشلىتەلمىگەن پۇللارنى خىراجەت قىلالايتتىم.

2013-يىلى 20-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى تەڭرىتاغ قاماقخانىسىغا مەھكۇم بولۇپ دۈشەنبە تۇنجى پۇل قېتىم پۇل كىرگەن ئىدى. قەشقەردىن نەگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىم ئېنىقسىز ئەھۋالدا، ئادرېسىمدىن كىمنىڭ بۇ قەدەر تېز خەۋەر تېپىپ پۇل سېلىشى مېنى ھەيران قىلغان ئىدى. چەككە قارىسام ئەۋەتكۈچى تولدۇرىدىغان كاتەكچىگە خىتايچە ئىنىسى دېگەن خەت يېزىلىپتۇ. يەنە بىر چەككە مېھرىگۈل دەپ يېزىلغان ئىكەن. قاماقتىن چىققاندىن كېيىن جىيەنلىرىم، نەۋرە ئىنىلىرىم ۋە ئايالىم مېھرىگۈلنىڭ ماڭا پۇل سالمىغىنىنى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا ئائىت تەپسىلىي خەۋەرلەرنى ئايلار ئۆتۈپ ئاندىن ئاڭلىغىنى مەلۇم بولدى.

قاماقتا يېتىش جەرياندا كۆپىنچە پۇل ئاكامنىڭ نامىدا كىرگەن بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك ماڭا ناتونۇش ئىسىملاردىن پۇللار، كىتابلار، كىيىملەر كىرىپ تۇرغان بولدى. كىتابلىرىم ياستۇقسىز  كامېردا كامېر باشلىقىنىڭ بېشىغا قويۇلۇپ، كىيىملىرىم ئۇچىسىغا چىقتى. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭا كىرگەن پۇللارنى  كامېردىكى ھەر دەرىجىلىك «رەھبەرلەر» يەپ بولۇشتى.

قاماققا كىرگۈزۈلگەن پۇللارنىڭ مىقدارىدىن چىقىپ كېتىدىغان كۈنۈمنى پەرەز قىلاتتىم، پۇلنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنچە خۇددى قاماقتا ياتىدىغان كۈنۈم ئۇزىرىپ كېتىدىغاندەك بىئارام بولاتتىم. پۇللىرىم خەققە يەم بولغانچە تەڭسىزلىككە غەزىپىم كۈچىيەتتى. ئەمما قاماقتا شۇ ناتونۇش كىشىلەردىن پۇل شەكلىدە تەسەللىلەر ماڭا مەدەت بولاتتى، ئۆزۈمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمنى، ئۇنتۇلمىغانلىقىمنى ھېس قىلدۇراتتى. ئادەتتە ئىسىم چاقىرىلماي مەھبۇس كىيىمىدىكى نومۇر بويىچە ئاتايدىغان قاماقخانىدا پەقەت پۇلنىڭ چېكى يەتكۈزۈلگەندىلا ئىسىم تىلغا ئېلىناتتى. ھەر قېتىم ئىسمىمنىڭ چاقىرىلىشى ماڭا ئەسلى كىم ئىكەنلىكىمنى، كىملەرنىڭ مەندىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە كىملەر ئۈچۈن ياشىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.

قاماقتىكى ھېچ بىر تاماققا تۇز، ماي سېلىنمايتتى. ناشتىغا ئۇماچ، چۈشتە ۋە كەچتە بېرىلىدىغىنى يېسىۋىلەك ياكى بەرەڭگە شورپىسى بولاتتى. بۇ شورپا «ئازاب شورپىسى» دەپ ئاتىلاتتى. تۇز سېلىنىدىغان، ئانچە مۇنچە ياغ گۆش دارىتىلىدىغان پۇللۇق ئالاھىدە تاماقنى كامېر باشلىقى بۇيرۇتاتتى. مەندەك سىياسىي مەھبۇسلار پەقەت خەق يېگەن تاماققا ھەق تۆلەپ قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. گۆشسىز يېسىۋىلەك قورۇمىسى سېلىنغان گۈرۈچ 40 سوم، گۆشلۈك قورۇما سېلىنغان گۈرۈچ 80 سومدىن سېتىلاتتى.

قىلمىشىمنىڭ ئىقتىسادىي دېلو قىلىپ بېكىتىلىشى بىلەن ئورنۇم يوغىناپ ئۆزۈم بىۋاسىتە تاماق بۇيرۇتالايدىغان بولدۇم. تۇنجى بۇيرۇتقاندىن باشلاپ تاماقنى قاماقتىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر كامىردىشىم ئابدۇسالام بىلەن يېيىشكە باشلىدىم. ئاتا-ئانىسى ئىشسىز ئابدۇسالام ئاق چېكىپ تۇتۇلغان ئىدى. ئۇ ماڭا كەلپىندە بىر ياش بالىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش پونكىتىدىن موتسىكلىتتا توختىماي ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ «جىنايەت» بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ۋەقەدىن كېيىن يۈز بەرگەن نامايىشتا تۇتۇلغانلارنى ساناپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

ئابدۇسالام ئالتە ئايلىق كېسىلگەندىن كېيىن تۈرمىگە يۆتكەلمەي قاماقخانا كارىدورىدا تاماق توشۇشقا سېلىندى. ئۇ تۇنجى كۈندىن باشلاپ ناشتىغا ئۇماچ ئەكېلىپ مەن تۇرۇۋاتقان  كامېرنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاشقاندا ساپ ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىدا «ئاكا، ھەي!» دەپ چاقىرىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى. ئىككىنچى ھەپتىدىن باشلاپ ئۇ «گۈلەن ئەپەندى» دەپ چاقىرىدىغان بولۇۋالدى. ئۇنىڭغا تەخەللۇسۇم ۋە ئەسەرلىرىم ھەققىدە دېمىگەن ئىدىم، بەلكىم قاماقخانىدا ئىشلەيدىغان كادىرلاردىن ئاڭلىغان بولسا كېرەك. تەرىپىمنى قىلغان شۇ بالىلارغا رەھمەت! ئابدۇسالامدىن ئالتە ئايغا يېقىن ھەر سەھەردە ئاڭلىنىپ تۇرغان «گۈلەن ئەپەندى» دېگەن سۆز مېنىڭ ساڭگىلىغان بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ، توغرىسى ئەركىن ھاياتقا تەلپۈنۈپ بىرنى كۈلۈمسىرىشىمگە سەۋەب بولغان ئىدى.

بىر كۈنى  كامېرنىڭ كەينىدىكى ھاۋالانما بار تامنىڭ ئارقىدىن «گۈلەن ئەپەندى» دېگەن ئاۋاز كەلدى. ئارقىدىنلا ئابدۇسالامنىڭ، -ئابدۇۋەلى ئاكا، ئاپام لەغمەن كىرگۈزۈپتىكەن. يەپ بېقىڭ ھە!- دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ يالتىراق خالتىغا ئورالغان لەغمەن تامدىن ئارتىلىپ سىم تور ئۈستىگە چۈشتى.

كامېرنىڭ ئارقىسىدىكى ھاۋالانمانىڭ ئۈستى سىم تور بىلەن توقۇلغان بولغاچقا خالتىدىن تۆكۈلگەن لەغمەن ئاراچلاردىن ساڭگىلاپ تۇرۇپ قالدى. مەن بولسام پەسكە تامچىلاۋاتقان سەينىڭ سۈيىگە كاككۇك بالىسىدەك ئاغزىمنى تۇتتۇم. ئاخىرى چىداپ بولالماي ساڭگىلاپ تۇرغان چۆپلەنى سەكرەپ يېيىشكە باشلىدىم. سەكرىسەم قولۇم يېتىدىغانلىرى تۈگەپ قالدى. بەش ئالتە تۆشۈكتىن بىلىنەر-بىلىنمەس ساڭگىلاپ تۇرغان چۆپلەرگە مۈشۈكتەك قاراپ تۇردۇم. تامچىلايدىغان سەينىڭ سۈيىمۇ تۈگىدى. لەغمەن سىم تورنىڭ تۆشۈكچىلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغاچ يا ئۈمىد ئۈزۈپ كەتكۈم كەلمەيتتى، يا سەكرەپ ئېلىپ يېيەلمەيتتىم. قاماقتىكى شۇ قارا كۈنلەردە شۇ چاغدا يېيەلمىگەن لەغمەن ئوڭۇمدا ۋە چۈشۈمدە دائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۇ لەغمەن شۇ قەدەر ئوخشىغاچقىمۇ، ياكى قاماقتا يېگەن تۇنجى قېتىملىق ئۆي تامىقى، ئانا تامىقى بولغاچقىمۇ شۇ لەغمەندەك ئوخشىغان بىر لەغمەننى بۈگۈنگىچە يەپ باقمىدىم.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت