يالماۋۇزنىڭ قاتىلى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-11-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئىلگىرىكى توققۇزاق ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىغا يېڭىدىن سېلىنغان ساقچى پونكىتى. 2017-يىلى ياز.
ئىلگىرىكى توققۇزاق ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىغا يېڭىدىن سېلىنغان ساقچى پونكىتى. 2017-يىلى ياز.
RFA/Abduweli Ayup

قاماقتا «ھالال ۋە ھارام» ھەققىدە گۇندىپايغا «لېكسىيە» سۆزلەپ مەشىق كامىرىغا سولانغاندىن كېيىن پۇت قولۇم بوغۇلدى. خۇددى قاسساپنىڭ ئالدىدىكى قويدەك يۇلقۇنۇپ يەتتە كۈن يەتمىش يىلدەك تۇيۇلدى. جازا مۇددىتىم توشۇپ يېڭى كامىرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئادەمدەك قولىدا تاماق يېيىش، كىيىمىنى سېلىپ ئۇخلاش ۋە ھاجەتتىن پەششاپنى ئۆزى سۈرتۈپ قوپۇشنىڭ ئەسلى نەقەدەر ھۇزۇرلىنىشقا، شۈكۈر ئېيتىشقا، قەدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

يېڭى كامېر ئىككىنچى قاتاردا بولۇپ تۈزۈملەر مەن بۇرۇن تۇرغان بىرىنچى قاتاردىكى كامېرلاردىن بوشراق ئىدى. كامېر باشلىقى خىتاي كىتابخۇمار بولۇپ مەھبۇسلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەتتى. خىتايچە كىتاب بىلەن تولغان تەكچىدە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، چوپانىنىڭ «سەمەندەر» دېگەن رومانلىرى «مانا مەن ئۇيغۇرنىڭ» دەپ مەيدىسىنى كېرىپ تۇراتتى. ئۇيغۇرچە سۆزلەش چەكلەنگەن بەش ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇپ، قورقماي ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم.

كامىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرچە كىتابلار «ساراڭ» دەپ قارالغان مەمەتيۈسۈپنىڭ ئىكەن. ئۇ لايىقىدىن مەھرۇم قالغاچقا «نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ» ئۈرۈمچىدە ئاتمىش نەچچە ياشلىق بىر خىتاينى ئۆلتۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ كامىرىدا تولا «كېسىلى» تۇتۇپ گۇندىپايلارنى مالال قىلغاچقا كىتاب ئوقۇشقا يول قويۇلۇپتۇ.

مەمەتيۈسۈپنىڭ مېنى كۆرۈپلا «ئاكا سىز قەشقەردىنغۇ، خالىدە ئىسرائىل دېگەن يازغۇچىمۇ قەشقەرلىك ھە!» دېگىنى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە. ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ ئىجرانى كۈتۈۋاتقان ئىكەن. ئەرزدارلار بىر يېرىم مىليون تۆلەم بەرسە، ئەرزىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن كىرگەن بىر ئۇيغۇر بۇ بىر يېرىم مىليوننى ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچىمۇ بولغان، ئەمما مەمەتيۈسۈپ ھەممىنى رەت قىلغان ئىكەن.

ئۇ كەمسۆز كۆرۈنەتتى، بىكار قېلىشنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ قاماقخانىدا تېپىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇپ توم توم خىتايچە كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىكەن. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار قاماقتا كۆپ ساقلاپ كېتىدىغان بولغاچ، مەمەتيۈسۈپ بۇ پۇرسەتتە خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان ۋە رومان ئوقۇپ چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. بەزىدە دىققەت قىلسام ئۇنىڭ ماڭا بىر گېپى باردەكلا قىلاتتى، قاراپ قاراپ قوياتتى- يۇ ئېغزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ گەپ قىلمايتتى. مەنمۇ سەۋر قىلدىم. بىر كۈنى ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.

-ئاكا، مېنى قاتىل دەپ ئاتىدۇ، سىزمۇ دەپسىز، بىگۇناھ قېرى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپتۇ، دەپ. مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم، سىڭلىمنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان يالماۋۇزنى ئۆلتۈردۈم. ئەسلى بۇ سىرنى ئۇ دۇنياغا ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كېتەي دېگەن ئاكا، ئىچىمگە پەقەت سىغدۇرالمىدىم. سىزگە دەي. ئۇ قېرى خىتاي سىڭلىمنى بېقىۋالىمەن، دەپ خوتۇن قىلىۋاپتىكەن شۇڭا ئۆلتۈردۈم، دەپ داۋام قىلالمىدى. ئۇ «سىڭلىم» دېگەن سۆزنى ئېغزىدىن چىقىرىپ بولغۇچە تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

-بىزنىڭ يۇرتتا يەر تەۋرىگەن، ئون يىل بولدىمىكىن شۇ ئىشقا. شۇ چاغدا دادام بىلەن ئانام تامنىڭ تېگىدە قالدى. بىز ئىككى بالا چوڭ ئانام بىلەن قالدۇق. مەن 11 ياش، سىڭلىم سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى چوڭ ئاناممۇ تۈگەپ كەتتى. بىز ھېلى ئۇ تاغام، ھېلى بۇ ھاممامنىڭ ئۆيىدە قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈردۇق. بىر قىش كۈنى سېكرېتار بىزنى ماشىنىغا سېلىپ بىر يەرگە ئېلىپ باردى. «ناھىيىلىك پاراۋانلىق مەكتەپ» دېگەن خەتنى تاختىدىن ئوقۇغانتىم شۇ چاغدا. بارساق ياتاقلار توشۇپ كېتىپتىكەن كارىدوردا ياتتۇق. ئەتىيازدا ئارىمىزدىن بەزى بالىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدىكەن، دەپ ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن سىڭلىمنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى. سىڭلىم ماڭا كىچىكىدىن ئامراق ئىدى. مەكتەپتە تاماققا تويمايسەن، دەپ دائىم ئۆزىنىڭكىنى ماڭا بۆلۈپ بېرەتتى.

مەمەتيۈسۈپنىڭ ئېيتىشىچە سىڭلىسى بىلەن قوشۇلۇپ بىر تۈركۈم بالىلار ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن مەكتەپ ئۇلارنى يېرىم كۈن ئوقۇتۇپ قالغان چاغدا بازاردىكى رېمونتچى، ماشىنىچى، ئاشپەزلەرگە ھۈنەرگە بېرىپتۇ. ئۇ دائىم سىڭلىسىنى چۈشەيدىكەن ۋە رېمونتچىلىقنى پاتراق ئۆگىنىپ ئۈرۈمچىگە چىقىپ سىڭلىمنى كۆرسەم دەيدىكەن. ئۇ ئاخىرى تىلىكىگە يېتىپ ئۇستىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقىپتۇ. مەمەتيۈسۈپ ئۈرۈمچىدىكى يېتىملەر مەكتەپلىرىنى بىر بىرلەپ ئىزدەپ سىڭلىسىنىڭ بىر خىتايغا بېقىشقا بېرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپتۇ، ئەمما قولىغا بېرىلگەن ئادرېستىن ئۇنداق بىر كىشى تېپىلماپتۇ.

مەمەتيۈسۈپ ئۇستىسىنىڭ قېشىدا يېرىم كۈن ئىشلىسە، يېرىم كۈن ماشىنا ئىجارىگە ئېلىپ قارا تاكسى ھەيدەپتۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش ئەمەس، ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپ سىڭلىسىنى تېپىش ئىكەن.

بىر كۈنى ئوڭ قولى جەينىكىدىن يوق بىر قېرى خىتاينى كىرا قىلىپ يامالىق تېغىغا بېرىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ خىتايغا ئىچى ئاغرىپ يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆيىگە بىللە چىقىپتۇ-يۇ كەينىگە ئۇچۇپ چۈشكىلى قىل قاپتۇ. چۈنكى ئۆيدە سەي قۇرۇۋاتقىنى ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئىزدەۋاتقان سىڭلىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەن. ئەمما قىز ئۇنى ھېچ تونۇغاندەك قىلماپتۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇرچە گېپىگە خىتايچە جاۋاب بېرىپ سوغۇق تېگىپتۇ ۋە بېشىنى بۇراپلا ئىچكەركى بىر ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. مەمەتيۈسۈپ ھېلىقى خىتايدىن سورىسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك «ئايالىم» دېگۈدەك. ئۇنىڭ كۆڭلى شۇندىن كېيىن بېنزىن ئىچىۋالغاندەك ئېچىلماپتۇ. ھەر كۈنى ھېلىقى چولاقنى پايلاپ مەھەللىدىن كېتەلمەپتۇ. بىر ھەپتىگىچە ھېلىقى قىزنى كۆرەلمەي، تەۋەككۈل قىلىپ ئىشىكنى چەكسە باشقا بىر جۈپ ئەر-خوتۇن چىقىپتۇ.

ئۇلار قاچقاندىن كېيىن مەمەتيۈسۈپكە ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىپتۇ. شۇندىن بىرى ئۇ يۈرىكىنى ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك دائىم بىئارام يۈرۈپتۇ. ئەمما سىڭلىسىنى توختىماي ئىزدەپتۇ. 2014-يىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدا مەمەتيۈسۈپ ھېلىقى خىتاينى سىڭلىسى بىلەن كۆرۈپ قاپتۇ. بىر تۇرۇپ تۇيدۇرماي ئۆيىگىچە ئىز قوغلاپ بېرىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلاشنى ئويلاپتۇ. ئەمما تۇيۇقسىز سىڭلىسىنىڭ ئوت ئىچىدە تولغىنىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ كۆڭلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ماشىنىدىن كۇلۇچنى ئېلىپ چۈشۈپلا ھېلىقى چولاقنىڭ بېشىغا قويۇپتۇ. قوراللىق ساقچىلار كەلگەندە مەمەتيۈسۈپ ئۇلارنى ئوق چىقارسىكەن دەپ ئېتىلىپتۇ، ئۇنىڭ مەيدىسىگە تەككەن ئوقتا ئۆلگۈسى بار ئىكەندۇق. ئەپسۇس كەينىدىن يېگەن زەربە ئۇنى يەرگە يىقىتىپتۇ.

-ئاكا، ئابلىزكام بىر يېرىم مىليون تۆلەمنى مەن بېرەي دېدى، ئۇنىمىدىم. چۈنكى مېنىڭ خىتايغا خوتۇن بولغان ئۇ ئالۋاستىنى كۆرۈپ ياشىغۇم يوق. شۇ بىر تال سىڭلىم بارتى بۇ دۇنيالىقتا. ئۇنى تاپارمەنمىكىن دەپ ياشىدىم، تاپسام دادامنىڭ ئورنىدا بېشىنى سىلارمەن، تالالىق قىلارمەن، ئاكا-سىڭىل بولۇپ بىللە ياشارمەن دەپتىمەن. تاپقان چېغىمدا بىر قارا خىتايغا ئەگىشىپ قاچتى، كۇلۇچ بىلەن سالاي دېدىم، قولۇم بارمىدى. ئاكا، ياشاپ نېمە قىلىمەن، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم تۇرسا، يا كۆزدىن يوقىتالمىسام، يا كۆرمەي چىدىيالمىسام. بۇ گەپلەرنى سوراقچىغا دېمىدىم، قايسى يۈزۈم بىلەن دەيمەن. بولدى، سىڭلىم نېمىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا بولسۇن، يۈزى تۆكۈلمىسۇن. ياشىسۇن، خۇدايىم ئىنساپ بېرە، ئادەم بولۇپ قالار، بىر كۈنلەردە بىر ئاكام بارتى دەپ قەبرەمنى يالغۇز قويماس. شۇلارنى دەۋېتىپ مەمەتيۈسۈپ ئۆزىنى پەقەت تۇتالماي، يۈزىنى يۇغىلى تۇرۇبا تەرەپكە كەتتى.

شۇندىن كېيىن ئۇ خۇددى ئالدىمدا ئۇياتلىق بىر يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ماڭا تىك بېقىپ قارىمايدىغان، ئۇدۇل كېلىپ قېلىشتىن قاچىدىغان بولدى. مەنمۇ ئۇنى گەپ قىلىپ بېرەمدىكىن دېمەيدىغان بولدۇم. توغرىسى ئۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم، ئىچىمدە ھاۋانى ھەرقانچە تارتساممۇ نەپەس بىلەن چىقمايدىغان بىر «ئۇھ» بار ئىدى. قاماقخانىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرگە ئېتىبار قىلىناتتى. بەزىدە ئۇنىڭغا ئالاھىدە كادىر تامىقى بېرىلسە ماڭا قىسىناتتى. مەمەتيۈسۈپنىڭ تاماق بۆلۈپ بېرىۋاتقان قوللىرى ماڭا دارىلتامدا ئاكىسىغا تاماق بۆلۈپ بېرىۋاتقان ھېلىقى سەبىي قىزچاقنىڭ ھالىتىنى ئەسلىتىپ ئىچىم تېخىمۇ سىيرىلاتتى.

تولۇق بەت