كامېردىكى ئەمەلدارلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-06-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

ئادەتتە كامېردا بىر باشلىق، بىر مۇئاۋىن، بىر كاتىپ، بىر سوراقچى، ئىككى ئاشپەز بولاتتى. بۇلار ئەمەلدارلار قاتلىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، تاماق تارقىتىشتىن ھاجەت قىلىشقىچە بارلىق پائالىيەت شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولاتتى. بۇ ئەمەلدارلىق پىرامىداسىنىڭ چوققىسىدا كامېر باشلىقى، ئۇلىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار تۇراتتى. كامېر باشلىقى كەچ ۋە ئەتىگەندە سان ئالاتتى. تازىلىق، كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ۋە كۈندىلىك مەشغۇلاتقا نازارەتچىلىك قىلاتتى. كۈندىلىك مەشغۇلات دېگەندە ئەتىگەن سائەت 6:30 ناشتا قىلىپ بولۇپ مەھبۇسلۇق مەشىقى قىلىش، سائەت 8 دىن باشلاپ 12 گىچە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 5 كېچە دىققەتتە قېتىپ ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. سائەت بەشتىن كېيىن ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتى بولۇپ ئوندا چىراغ ئۆچۈرۈلگۈچە مەركىزىي تېلېۋىزىيىنىڭ بىرلا قانىلىدا تەشۋىقىي پروگراممىلار كۆرسىتىلەتتى. ئىسمى ئىختىيارى پائالىيەت بولغان بىلەن كىمنىڭ قايسى ئورۇندا قانداق پائالىيەت قىلىشىغا قائىدە بېكىتىلگەن ئىدى. كامېردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىر قائىدە بار بولۇپ ھەر بىر مەھبۇس، ھەر مىنۇتتا بىر قائىدىنىڭ ۋە بىر كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە كامېر باشلىقىنىڭ نازارىتىدە بولاتتى. نەپەسلىنىش ۋە خىيال سۈرۈشتىن باشقا ھەممە ئىشتا بىرىدىن رۇخسەت ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. ھەتتا ھاجەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تازىلىق قەغەزنىمۇ مەخسۇس بىر كىشى باشقۇراتتى.

يۇقىرى قاتلامغا مەنسۇپ ئەمەلدارلار كېچىلىك نۆۋەتچىلىك، كۈندىلىك تازىلىق، ھەپتىلىك چوڭ تازىلىق قاتارلىق ئىشلارغا يېقىن يولىمايتتى. ھاجەتخانىدىن يىراق، ئىشىككە يېقىن، كامېرغا شامال كىرىدىغان يەردە ئۇخلايتتى ۋە تاماقلىناتتى. كامېر باشلىقى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا خالىسا ئولتۇرۇپ خالىسا ياتاتتى، بەزىدە ئۇنى بۇنى باشقۇرغان بولۇپ ئىچ پۇشۇقى قىلاتتى. ئۇنىڭ مۇئاۋىنى مەھبۇسلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ غوجىسىغا ئېگىلدۈرەتتى. كاتىپ ئۈچىنچى قول باشلىق بولۇپ كامېرغا كىرگەن-چىققان مەھبۇسلارنى خاتىرىلەش، كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ئەھۋالىدىن دوكلات يېزىش، كادىرلار تامىقى دېيىلىدىغان پۇللۇق ئالاھىدە تاماقنى بۇيرۇتۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئاشپەز قاچا يۇيۇشقا، تاماق تەقسىملەشكە، يېمەكلىك باشقۇرۇشقا ئىگە ئىدى. كامېر باشلىقىنىڭ يۈزىنى، پۇتىنى يۇيىدىغان سۇ، داس، لۆڭگىلەرنىمۇ ئاشپەز تەييار قىلاتتى. بۇلار باشقا مەھبۇسلارنىڭ پۇلىغا كادىر تامىقى بۇيرۇتۇپ يەيتتى. كامېردا قىلىدىغان ئىشى كۆپ، ئەمما ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىدا سىقىلىشتىن باشقا «پايدا» كۆرمەيدىغان ئەمەل تەرجىمانلىق ئىدى. تارتىدىغان خورلۇقىدىن بۆلەك ھېچ بىر خوۋلۇقى بولمىغان تەرجىماننىڭ كامېردا پەقەت ھوقۇقى يوق ئىدى. ئەپسۇسكى، 15 ئايلىق قاماق ھاياتىمدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئىزچىل تەرجىمانلىققا زورلاندىم.

ئەمەلدار جىق، قائىدىلەر كۆپ ۋە زىل بولغاچقا خىلاپلىق قىلىدىغان مەھبۇس چىقىپلا تۇراتتى. بولۇپمۇ يېڭى كىرگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار كۆپرەك خاتالاشتۇرۇلۇپ تاياققا بېسىلاتتى. شۇڭا كىشىنىڭ نېرۋىسىنى تالدۇرۇپ، يۈرىكىنى سىقىدىغىنى قاچان بىر ئىشنى خاتا قىلىپ بىرەرىدىن تاياق يەپ قېلىشتىن ئەنسىرەش بولاتتى. چۈشەنمەيدىغىنىم، قاماققا تولا كىرىپ قىتلانما بولۇپ كەتكەن بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ باشقىلارنى بىكاردىن بوزەك قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ تاياق يەپ تولغىنىشى ۋە چىدىماي چىرقىراشلىرىنى ئاڭلاشقا خۇمارلىقى ئىدى. ئۇلار ئادەتتە كامېر باشلىقىدىن «ئۇر» دېگەن زۇۋان چىقىشىنى كۈتۈپلا تۇراتتى ۋە باشقىلارنى ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىشاتتى. قاماقتا ئۇر-ئۇر بولغان چاغلاردا ساقچىلار سورىغان بولۇپ كىرەتتى. مەن بۇنداق چاغلاردا ئەڭ كۆپ تاياق يەيدىغان بىچارە ئۇيغۇر بالىلارغا تەرجىمانلىق قىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. كامېردا تاياققا بېسىلغان ئۇيغۇرغا يۈكلىنىدىغان تۆھمەت تەييار ئىدى. ئادەتتە تۆھمەت قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولۇپ، ئەڭ ئاددىيسى «ئۇيغۇرچە گەپ قىلدى» دېسىمۇ تاياققا لايىق دەپ قارىلاتتى. تەرجىمىدە ھەقنى ھەق دېسەممۇ، دېمىسەممۇ گۇندىپاي ھامان ئۇيغۇر مەھبۇسنى جازالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقنى سۆزلىسەم كامېر باشلىقى ساقچى چىقىپ كەتكەندە مېنى تاياققا باساتتى. تەرجىمانلىق مېنى ۋىجدانغا خىلاپ سۆزلىتىپ، يۈرىكىمنى ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىساتتى، قىلماي دەي دېسەم مەھبۇسنىڭ «ياق» دېگەن جاۋابى قوبۇل قىلىنمايتتى.

2013-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى كامېرغا بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس قامالدى. تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تايلاندقا ئۈچ مىڭ دوللار پۇل سالغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى. قارىمۇتۇق ۋە ئورۇق كەلگەن بۇ بالا بىر يېرىدە كېسەل باردەك ئاجىز كۆرۈنەتتى. ئېيتىشىچە، ئۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىچكىرىدە ناۋايلىق قىلار ئىكەندۇق. سىياسىي مەھبۇس دېگەننى ئاڭلاپ كامېر باشلىقى سوراقنى ئۆزى قىلماقچى بولدى. كېلىپلا مەھبۇستىن «بەشىنچى ئىيۇل» ۋەقەسى بولغاندا قەيەردىلىكىنى سورىدى. ئۇنىڭ ئېغزىدىن چىققان «دۆڭكۆۋرۈكتە، ئۈرۈمچىدە!» دېگەن سۆزنى تەرجىمە قىلىپ تۇرسام «ئۇر» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بىردەمدە مۇشت-پەشۋالار يېغىپ مەھبۇسنىڭ ئېغزى بۇرنىدىن قان كېلىپ تۈگۈلۈپلا قالدى.

گۇندىپاي ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە ئۇرۇۋاتقان مەھبۇسلار خۇددى كۇنۇپكىسى بېسىلغان ماشىنا ئادەمدەك سەپكە تىزىلىپ تۇردى. كامېر باشلىقى ساقچىغا «ناماز ئوقۇدى! شۇڭا جازالىدۇق» دەپ تەييار تۆھمەت بىلەن دوكلات قىلدى. گۇندىپاي ماڭا قاراپ «راست ناماز ئوقۇدىمۇ؟ سەن نېمىشقا قاماقخانا قائىدىسىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرمىگەن» دەپ خىتايچە ۋارقىرىدى. قاماقخانا قائىدىسىدە نامازغا ئائىت ھېچ قانداق بەلگىلىمە يوق، ئەكسىچە «چەتئەللىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان قامالغۇچىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ» دەپ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يېزىلغان ئىدى. «ناماز ئوقۇماسلىق» دېگەن ماددا قولدا يېزىلغان قائىدىدە بار ئىدى. مەن ساقچىغا قائىدىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتىم. ساقچى كىرگەنچە كىرىپ، ئۇيغۇرنىڭ قولىغا ئىشكەل، پۇتىغا كىشەن سېلىپ، كىشەننى ئىشكەلگە چېتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مەھبۇس بالا (ئىسمىنى ۋە يۇرتىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) «ئازاب شورپىسى» ۋە «تاش موما» غا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. يېگۈسى كەلمىگەن بولۇشىمۇ، پۇت قولى باغلانغان بولغاچ قانداق يېيىشنى بىلمەيۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. گۇندىپاي بىرىنچى كۈنى مەھبۇسنىڭ كەيپىياتىغا بەك دىققەت قىلاتتى. كامېردىن كىمنىڭ تاماق يېمىگەنلىكى بايقالسا نېمە ئۈچۈنلۈكى خىيالىدا يوق «ئاچلىق ئېلان قىلدىڭ» دەپ جازالايتتى. قاماقخانا تېمىغا يېزىلغان قائىدىدە «ئاچلىق ئېلان قىلماسلىق» دېگەن ماددا بار ئىدى. مىڭ تەستە كامېر باشلىقىدىن ئىجازەت سوراپ تاماق يېگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئاۋۋال تاماق يېمەسلىكنىڭ خەتىرىنى چۈشەندۈردۈم، ئاندىن ئېغزىغا سەتلىشىپ كەتكەن پىلاستىك قاچىنى تەڭلىدىم. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئالىيىپ بىرنى قاراپ قويۇپ، «ھەي مۇناپىق! ئابىيام ساقچىغا نېمە دېدىڭ، كاپىرلار ناھەق ئۇرۇپ كېتىۋاتسا تەتۈر قاراپ تۇرىسەن، ئۇنى ئاز دەپ مېنى ساقچىغا چېقىشتۇرۇپ باغلىتىپ قويامسەن! لەنەت سەندەك مۇسۇلمان بولغۇچە! تېخى ئالدىڭغا كەلگەن ھارام بىر نەرسىنى بىسمىللا دەپ يەپ كېتىپسەن، تۈفى!» دەپ كەينىنى قىلىۋالدى. خۇددى بايا گۇندىپايغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي مەڭدەپ قالغاندەك بۇ بالىغىمۇ زۇۋان سۈرمەي تۇرۇپلا قالدىم ۋە ئىتتىك ئەتراپقا قارىدىم. خۇداغا شۈكرى، بىزدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان بولغاچقا خالانىڭ ئالدىدا بولۇۋاتقان بۇ «ئىچكى توقۇنۇش» تىن بىخەۋەر قالدى. ئەگەر بىلىپلا قالسا پۇت قولى باغلىنىپ تۈگۈلۈپ تەييار بولغان بۇ ئىنىمىز باشقىلارنىڭ ئازابىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان قاغدالما مەھبۇسلارنىڭ ئالدىدا پۇتبول بولۇپ ئوينىلىپ كېتەتتى.

گەپ قىلماي ئۇنىڭ ئالدىدىن قوپۇپ كەتتىم. غەزەپتىن قولۇم تىترەپ قاچىدىكى «ئازاب شورپىسى» نى مەيدەمگە تۆكۈۋالدىم. بىچارە سەل بۇرۇن مېنىڭ ساقچىغا دېگەن خىتايچە گېپىمنى مۇناپىقلىق، دەپ چۈشىنىپ قاپتۇ. مېنىڭ كامېر باشلىقىغا نېمىگە يالۋۇرۇپ، ئۆزىنى نېمىدىن قوغداپ قالماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلمەپتۇ. شۇنداق، ئۇ بىلمەيتتى. بىرەر سائەت ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن بىكاردىن تاياققا قالغىنى ۋە نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئارىلاشماي تەتۈر قارىۋالغىنىممۇ ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى. پېشانىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندۈرگەنمۇ بولاتتىم، ئەمما كامېردا ئىجازەتسىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقا بولمايتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت