خالتا كىيدۈرۈش مۇراسىمى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-07-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

مېنى تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىن يۆتكىگەن كۈن 2016-يىلى ئونىنچى سېنتەبىر ئىدى.

ئۇ كۈنى مەن قامالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم يۇيۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ يەردە يۇيۇنۇش دېگەنلىك ئادەمنى بەش قولدەك كۆرگىلى بولىدىغان ھاجەتخانا ئىچىدە سوغۇق سۇنى باشتىن بىر قانچە قېتىم تۆكۈشتىن ئىبارەت ئىدى. تۇيۇقسىز ئىسمىم چاقىرىلىپ گۇندىپاي مەھبۇس كىيىمىمنى سېلىشقا بۇيرۇغاندا شاتلىقتىن ۋارقىرىغۇم كەلگەن ئىدى. چۈنكى قويۇۋېتىلىدىغان مەھبۇسلارغىلا شۇنداق دېيىلەتتى. دەرھال ماڭا سېلىنغان پۇللارنىڭ چېكىنى لاياقەتلىك مەھبۇس دىلمۇراتقا ھەدىيە قىلىۋېتىپ، «دوكلات!» دەپ تازا بىر ۋارقىراپ قويۇپ ئىشىكتىن چىققان ئىدىم.

قامالغاندىن بېرى تۇنجى بولۇپ قولۇمغا ئىشكەل سېلىنماي كامېرىدىن چىقىشىم بولغاچ، ئىشكەلگە كۆنگەن قولۇمنى دەماللىققا نەگە قويۇشۇمنى بىلمەي تۇرسام، بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈشتى. مەن نېمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغۇچە قولۇمغا قايتا ئىشكەل سېلىپ مېڭىشقا بۇيرۇدى.

-ھېچنېمىنى كۆرەلمىسەم قانداق ماڭىمەن؟ دېدىم جۇدۇنۇم ئۆرلەپ.

-بىز ماڭدۇرىمىز. سەندەكلەردىن نەچچە يۈزنى قارا خالتا بىلەن مودېلدەك ماڭىدىغان قىلىۋەتكەن بىز!-دېگەن بىر ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئارىدا كۆزۈم خالتىغا سەل كۆندىمۇ قانداق بىرەر مېتىر ئارىلىقنى پەرق ئېتىشكە باشلىدىم. قارىسام، بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ماشىنا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، يەنە بىر يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىمنى بايقىدىم. ماڭدامدا بىر پوستىن ئۆتۈپ «دوكلات!» دەپ ۋارقىرىغان مەشغۇلاتلاردىن قارىغاندا قاماقخانا بولسا كېرەك.

قەشقەردە، تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا ۋە كامېرلاردا يۈز بەرگەن يالىڭاچلاش، ئوڭ-سولغا ماڭدۇرۇش، دوڭغايتىش ۋە مايمۇندەك سەكرىتىشلەر يەنە تەكرارلاندى. بۇلار ھەر قېتىم مېنى يالىڭاچلاپ سىنچىلاپ تەكشۈرۈپ بەدىنىمدىن زادى نېمە ئىزدەيدىغاندۇ، دېگۈم كېلەتتى. ھەر قېتىم يالىڭاچلانغاندا جان يېرىمنى تۇتۇۋالاتتىم ۋە قوللىرىم ئارقىغا قايرىلاتتى. بۇ قاماقخانىنىڭ تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىن پەرقى گۇندىپايلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلىقى، تەكشۈرۈشنىڭ چىڭلىقى ئىكەن. مېنى شۇ قەدەر ئەستايىدىل تەكشۈردىكى، بۇرۇن ھېچقاچان تارتىۋېلىنمىغان كۆزەينىكىمنى ئېلىپ قالدى.

ئۆز كىيىملىرىم يالىڭاچلانغان يەردە قالدى. ئالدىمغا تاشلانغان كىيىمدە «ليۇداۋان قاماقخانىسى» دېگەن خەت تۇراتتى. مەھبۇس كىيىمى قىزىل رەڭدە بولۇپ قەشقەردىكى تۇنجى كامېردىشىم ئەمەتقارى ۋە تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا دائىم خورلانغان سىياسىي مەھبۇسلار كىيگەن كىيىم شۇ ئىدى. شۇئان ئەمەت قارىنىڭ دۈمبىسىدىكى تىلىم-تىلىم تاياق ئىزى، مەكىتلىك مۇھەممەتنىڭ قورشاۋغا ئېلىنىپ تاياق يېگەنلىكى، ئاقسۇلۇق تالىپنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسىدا سۇ ئىچىۋاتقان بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، يۈرىكىمنى بىرى قاماللاپ، يەلكەمگە بىرى تاش يۈكلىگەندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن كامېرغا كىرىپ كەلدىم.

كامېردا مەھبۇسلارنىڭ مېنى تاياق بىلەن قارشى ئالمىغىنىدىن سەل ھەيران قالدىم. مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ سوغۇق قاراشلىرى، بىر-بىرىگە «ۋېيئەن» (سىياسىي) دېيىشىپ ئالىيىشلىرىدىن كىشىنىڭ تېنى شۈركۈنەتتى. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىكىگە ئوخشاش كاتىپ خاتىرە قالدۇردى، ئەمما تىزلاندۇرمىدى. يالىڭاچ قىلىشقا يەنە دۇچ كەلدىم. خوش بولغىنىم، ھاجەتخانا كامېرغا ئاشكارا ئىكەن، بولمىسا تاياقنىڭ ئېغىرى شۇ يەردە تېگەتتى. ئىككى قولچوماق مېنى مەھبۇسلارنىڭ ئالدىدا قىپ-يالىڭاچ قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ بېشىمغا توختىماي مۇزدەك سۇ تۆكەتتى. نومۇستىن تامغا ئۆرۈلگىنىمدە ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ مېنى مازاق قىلىشىپ كەتتى. سائەت تۆتلەردە باشقا مەھبۇسلارنى «جاڭ ئاكا، جاڭ ئاكا» دېگۈزۈپ خۇشامەت قىلدۇرۇۋاتقان كامېر باشلىقى «يىغىن ئاچىمىز» دەپ ۋارقىرىدى. ھەممەيلەن سەپراس بولۇپ، تىك ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن:

-ئارىمىزغا يېڭى مەھبۇستىن بىرى كەلدى. ئۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئادەم. ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان سىياسىي مەھبۇس، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ دۈشمىنى بولۇشى كېرەك. ھازىردىن باشلاپ ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشمىسۇن، ھاجەتخانىنى چوتكىلاش، تەرەت ماڭدۇرۇش، كامېر تازىلاش، مېنىڭ تامبىلىمنى يۇيۇش ئەمدى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى. تاماقتىن كېيىن خالتا كىيدۈرۈش مۇراسىمى قىلىپ ئۇنىڭغا دۆلەت بىلەن قارشىلىشىشنىڭ، بۆلگۈنچىلىك قىلىشنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمىز، تەييار بولۇڭلار، -دەپ ھىجايدى. قالغان مەھبۇسلارمۇ دوست تارتىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. بۇ ھىجىيىشلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي قورقۇپ ئاران ئولتۇراتتىم.

كەچلىك تاماقنى گۈپۈلدەپ سېسىق پۇراپ تۇرغان ھاجەتخانا يېنىدا يەپ بولۇشۇمغا، ھېلىلا بېشىمغا سۇ قۇيغان چوماقچى:

-خالتا كىيدۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى!-دەپ جاكارلىدى.

مەھبۇس خىتايلار دەرھال بىر قارا خالتىنى ھاجەتخانىغا تاشلاپ نۆۋەت بىلەن سىيىشكە باشلىدى. ئاندىن ئىككىسى قولۇمنى قايرىپ تۇتۇپ تۇردى. مەن نېمە ئىشكىن دەپ بولغۇچە، چىپىلداپ سۈيدۈك ئېقىپ تۇرغان قارا خالتىنى بېشىمغا كىيدۈرۈشتى. سۈيدۈك چاچلىرىمدىن، يۈزلىرىمدىن، بويۇنلىرىمدىن ئېقىپ قىزىل سىياسىي جىلىتكىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاچچىق، سېسىق پۇراقتىن ئىچىم ئېلىشىپ قۇرۇق ھۆ كېلەتتى. كۆزلىرىمنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان سۈيدۈككە ئامالىم يوق ئىدى، لەۋلىرىمگە كىرىپ كېتىۋاتقان تۇزلۇق، ئاچچىق سۇيۇقلۇقنى توختىماي تۈكۈرەتتىم. قوللىرىم قايرىلغان، تىپىرلىسام تاياق يەيتتىم. بۇ خورلۇققا چىدىماي كۆزلىرىمدىن قۇيۇلغان ياش ۋە بۇرنۇمدىن ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇق بىلەن لەۋلىرىم سەل پاكىزلەندى بولغاي، قۇرۇق ھۆ ۋە كۆڭۈل ئاينىشتىن ئازراق ئارام تېپىپ قالدىم. قۇلاقلىرىمغا دىنىمىز ۋە مىللىتىمىزگە ئائىت ھاقارەتلەر، مەسخىرىلەر، مازاقلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تىل بىلمىگەن بولسام، سەزگۈ ئەزالىرىم قىينالغان بىلەن روھۇم بۇنچە پايخان بولماستى... خىتايچە بىلگىنىم سەۋەبلىك زەھەردەك سۆزلەر سۈيدۈككە ئوخشاش قۇلىقىمغا ئېقىپ يۈرەك يارامغا قۇيۇلاتتى، ئېچىشتۇراتتى....

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت