غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (9): كەشمىردىكى ئۇنتۇلماس كۈنلەر

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
(سولدىن ئوڭغا) كەشمىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەبەيدۇللا، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قاتارلىقلار كەشمىر ۋالىيسى شەيخ ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1950-يىل ياز، كەشمىر، سىرىناگار.
(سولدىن ئوڭغا) كەشمىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەبەيدۇللا، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قاتارلىقلار كەشمىر ۋالىيسى شەيخ ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1950-يىل ياز، كەشمىر، سىرىناگار.
RFA/Qutlan

كەشمىر ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشقا ئىگە بىر جاي شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاغلىق رايون. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1950-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندىكى چوڭ ھىجرەتنى باشتىن كۆچۈرگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار كەشمىردىكى كۈنلىرىنى ئەسلا ئۇنتالمايدۇ.

ئەنە ئاشۇ قېتىملىق ھىجرەتنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى كەشمىرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بولغان سىرىناگاردىكى سافاكادال مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى ھېلىھەم تولۇقى بىلەن ئەسلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تاغىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى، يەنى كەشمىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىدىن ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەھلىكىسىدىن قېچىپ، كەشمىرگە توپلانغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تۇڭگان مۇھاجىرلارنىڭ سانى 11500 ئەتراپىدا بولغان ئىكەن.

ھالبۇكى، كەشمىر ھۆكۈمىتى لاداق ۋە سىرىناگارغا توپلانغان بۇنچە كۆپ مۇھاجىرنى باقالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېزدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كەشمىردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد قاسىم ھاجى بىلەن يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئەبەيدۇللا تۈركىستانى بۇ قىيىن ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەشمىرگە دەم ئېلىشقا كەلگەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نېھرۇ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ھىندىستان باش مىنىستىرى جاۋاھىرلال نېھرۇنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار كەشمىردە ۋاقىتلىق تۇرۇش ۋە پاناھلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشىدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتى، ئەرەب ئەللىرى، تۈركىيە ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كەشمىردىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر ئەلگە يەرلىشىش مەسىلىسى ئاستا-ئاستا كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كەشمىرگە توپلانغان مۇھاجىرلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىسادى يار بەرگەنلەر ياكى باشقا ئىمكانىيەتلىرى بولغانلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىدۇ. بىر قىسمى يۇرتقا يېقىن دەپ كەشمىرگە يەرلىشىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. يەنە بىر قىسىم ئوقۇش ئارزۇسىدا بولغان ياشلار ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1951-يىلى كەشمىردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىن 4 نەپەر ياش تاللىنىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇلاردىن داۋۇت ئوسمان دېگەن كىشى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكادا ئولتۇراقلىشىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. شائىر ساتتار مۇخپۇل چوپانى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ تۈركىيەگە قايتىپ بارىدۇ ۋە كېيىنچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئابدۇكېرىم بىلەن ئۆمەر ئىسىملىك ئىككى ياش ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ بېرىپ، تۈرك ئارمىيەسىدە ئوفىتسېر بولىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت