بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئافغانىستاندىكى يېرىم ئەسىرلىك ھايات مۇساپىسى (2)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئافغانىستاندا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق ياشىغان ئۇيغۇر ئانا بىبىگۈل ھەمىدى. 2016-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.
ئافغانىستاندا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق ياشىغان ئۇيغۇر ئانا بىبىگۈل ھەمىدى. 2016-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Qutlan

بىبىگۈل ھەمىدى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستانغا كۆچكەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئارىسىدىكى ئاددىي بىر ئائىلىنىڭ قىزى.

ئۇنىڭ ئاتىسى ئاشۇ قېتىملىق «كۆچ» سەپىرىدە قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان پامىر تاغلىرىدا قازا قىلغان. بوۋاق ۋاقتىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بىبىگۈل شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تىنچسىز ئەلدە ئانا تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ. ئۇ شۇ دەۋردە ئافغانىستانغا كۆچكەن بارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوخشاشلا يىلتىزى يوق بۇ ئەلدە تۇرمۇشنىڭ ھەنىۋا ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تېتىيدۇ. 15 ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى ئۇنى بىر ئافغان كىشىگە ياتلىق قىلىدۇ.

بىبىگۈل ھەمىدى شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مۇساپىرەت ھاياتىدا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىگە شاھىت بولىدۇ.

1965- ۋە 1967-يىلى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىككى تۈركۈمدە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە كۆچۈپ كەتكەندە، بىبىگۈلنىڭ ئائىلىسى باشقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن بىرگە ئافغانىستاندا قەپ قالىدۇ.

ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىبىگۈل ھەمىدى ئۆز ئائىلىسى بىلەن باشقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ، ئافغانىستاندا قەپ قالغانلىقىنىڭ بىر خاتا تاللاش بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى پامىر ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى باغرىدىكى بۇ ئەلنى ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب لاگېرى پاكىستان ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پارتىزانلىق كۈرىشىگە ياردەم قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە باشلانغان چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى پامىر ئېگىزلىكىنى تالىشىش «بۈيۈك ئويۇنى» ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەندە سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئافغانىستاننى سەھنە قىلغان «سوغۇق ئۇرۇش» قا ئالمىشىدۇ.

سوغۇق ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا، ئافغانىستاندىكى سانى ئىنتايىن ئاز بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بۇ يات ئەلدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ خالىغانچە پايدىلىنىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

تۇرمۇشنىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە پەرزەنتلىرىنى نورمال ئىنسان قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلىش مەسئۇلىيىتى ياش بىبىگۈلنى ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان يولدىشى قازا قىلغاندىن كېيىن، بىبىگۈل بالىلىرى بىلەن يالغۇز قالىدۇ.

1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى تالىبانلار ئافغانىستاندا بىر مەھەل ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، بىرقانچە پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغان بىبىگۈل تېخىمۇ قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. 2003-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن بىبىگۈلنىڭ بالىلىرى بىر-بىرلەپ چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن ئەسلىمە تەقدىم قىلغان بىبىگۈل ئاشۇ تىنچسىز يىللاردا ئوغۇللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇشىدىن، قىزلىرىنىڭ تېخى كىچىك تۇرۇپلا مەجبۇرىي ھالدا خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىلىشىدىن يۈرەكزادە بولۇپ كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

2015-يىلى بىبىگۈل ھەمىدى ئاخىرى يالغۇز بېشىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە كېتىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى باشقا بارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوخشاشلا ھېچقاچان «ۋەتەن مېھرى» نى ھېس قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى تۇرالغۇسىدا ئۆز ئەسلىمىسىنى بايان قىلغىنىدا، ۋەتەنسىزلىكنىڭ بىر خەلق ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر قىسمەت ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاندىكى ئۇزاق مەزگىللىك مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ ئۇلارغا «ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ مۇقەررەر ھالدا يوقىلىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى» دەك بىر ھەقىقەتنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت