ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسلىھەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ

2018-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسلىھەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ بىر توختاملىق ئىستاژ بولۇپ، قوبۇل قىلىنغۇچى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ۋاشىنگتون د س دىكى باش شتابىدا كۈنىگە يېرىم كۈن (ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن) ئىشلەيدۇ.

خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە تور مۇھەررىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ
  • ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەتلىرىنى باشقۇرىدۇ، تەھرىرلەيدۇ، رادىئومىزدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ۋىدىيو، رەسىم قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىگە چىقىرىدۇ ھەمدە بۇلارنى Facebook ، Twitter ، Instagram ، WhatsApp ۋە YouTube قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەپ تارقىتىدۇ.
  • ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوقۇرمەنلەر سانىنى كۆپەيتىش ۋە دىققەت جەلپ قىلىش ئۈچۈن قىزىقىش قوزغايدىغان سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ، خەۋەر ماۋزۇسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى يېزىپ چىقىدۇ
  • زۆرۈر تېپىلغاندا رەسىم ۋە قىسقا فىلىملارنى ئىشلەيدۇ
  • خەۋەر-ئۇچۇرلارنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ
  • رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەلەپ قىلغاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ماتېرىيال تەييارلايدۇ

لاياقەت شەرتلىرى :

  • ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئېقىمىنى چۈشىنىدىغان ۋە يېڭى نەرسىلەرنى تىز ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇش
  • ئۇيغۇرچە ئوقۇش، سۆزلەش، يېزىش سەۋىيەسى ئالاھىدە ياخشى بولۇش
  • ئىنگلىزچىسى (سۆزلەش ۋە يېزىشتا) راۋان بولۇش
  • كېرەكلىك مەزمۇنلارنى يېزىش، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولۇش
  • تور مەزمۇنلىرىنى ئىزدەش، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرىغا ئەگىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلالايدىغان بولۇش
  • تېپىلغان ئۇچۇر -مەلۇماتلارنى باھالاش، تەھقىقلەش ۋە تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولۇش
  • زۆرۈر تېپىلغاندا ھەپتە ئاخىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈنلەردە ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئىشلەشكە رازى بولۇش
  • ئاخباراتچىلىق، كومپيۇتېر ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولۇش
  • ئامېرىكا داقانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتى بولۇش

بۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىشنى خالايدىغانلار، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ئورۇنغا قىزىققانلىقى بايان قىلىنغان بىر پارچە خەتنى « rfajobs@rfa.org» ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىشى كېرەك. ئېلخەت تېمىسىغا «Uyghur Service Social Media Consultant» دەپ ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت