ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆمۈر تۇرۇبىلىرىغا 132 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 21-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا قارىتا يەنە بىر قېتىم سودا جازاسىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان تۆمۈر تۇرۇبىلارغا بۇنىڭدىن كېيىن 132 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ تۆكمە مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيىنىدىن قوغداش ئۈچۈن چىقارغان كەسكىن قارارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ئۆز كارخانىلىرىنى دۆلەت مەبلىغى بىلەن يۆلەش ۋە سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتماسلىق قاتارلىق يوللار بىلەن مەھسۇلاتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سودىدا ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلغان ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان. خىتاي ئادالەتسىز رىقابەتتىن پايدىلىنىپ ئۆتكەن يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا 180 مىليون دوللارلىق تۆمۈر تۇرۇبا ئېكسپورت قىلغان.

خەۋەردە بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدە خىتايغا قوللانغان ۋە قوللانماقچى بولغان مىڭلارچە جازالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئاسان پايدىنى ئېلىۋەرمەيدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئامېرىكىدىكى 6 كارخانا خىتاينىڭ تۆمۈر تۇرۇبا بازىرىدىكى تۆكمە مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6‏-ئايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتايغا قارىتا يۇقىرىقى جازا قارارىنى چىقارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت