ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكادىكى «خرىستىئان ئاخبارات تورى» (CBN قانىلى) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ كرىزىستا ئۇيغۇرلار خىرىستيان ۋە يەھۇدىي جامائەتلىرىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى، لېكىن باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ يېتەرلىك قوللىمىغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ نۇرى تۈركەلنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىدۇر.

نۇرى تۈركەل يۇقىرىقى سۆزلەرنى CBN نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جەنىففېر ۋىشوننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار «دەۋرىمىزدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچلىقىغا ئۇچرىماقتا» ئىكەن. ئۇ: «ئەگەر بىر ھۆكۈمەت بىر ئېتنىك مىللەتنى كوللېكتىپ جازالاپ، ئۇنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشى، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى نىشان قىلسا، بۇ ئېنىقكى مەدەنىيەت قىرغىنچلىقىغا ياتىدۇ،» دېگەن.

نۇرى تۈركەل يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئامېرىكادىكى تۇنجى قانۇن ئىكەنلىكى، بۇ قانۇننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، خىتايدا دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە كۆرسەتمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇرى تۈركەل ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت