ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى خىتاينى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا 18-ئىيۇل دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئاياغلىشىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى كەڭ كۆلەمدە قامىشى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترولغا ئۇچرىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى. بۇ باياناتتا، : «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قارشى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان، كەڭ كۆلەملىك ۋە ھەددىدىن زىيادە چەكلىمىلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار، شۇنداقلا تىبەت بۇددىستلىرى، كاتولىك، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭچىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۈچۈن قاتتىق زىيانكەشلىك ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتماقتا» دېيىلگەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە «: بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي، تىل ۋە مەدەنىيەت سالاھىيەتلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. بولۇپمۇ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار ئۇچراۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك باستۇرۇشتىن قاتتىق ھەيران قالدۇق» دېيىلگەن.

بۇ باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق شەخسلەرنىڭ خەلقئارادا تونۇلغان دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ۋە بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە ئاساسەن ھۆرمەت قىلىشىغا ئالاھىدە ئۈندەيمىز. بۇنداق بولغاندىلا، خىتايدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى ئارىسىدىكى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت