خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى «ئۇيغۇر ئىشچىلار» نىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالامدۇ؟

18-ئاۋغۇست «دىپلومات» تورىدا «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالامدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ئىشچىلار ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا قوغداش كىيىمى تىكىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-يانۋار، ئۈرۈمچى. REUTERS

18-ئاۋغۇست «دىپلومات» تورىدا «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالامدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى كىلىنتون ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، بىرمادىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.

ئاندىرىۋ سامىت ئىسىملىك بۇ ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكانىڭ ۋەكىلى بولۇپ تۇرۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىدىن (مېخانىزىمىدىن) گۇمانلانمايمەن. مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى ھەم خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتى. ب د ت ئورگانلىرى ئىچىدە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ھەممە دۆلەت ئوخشاش پىكىرگە كەلمىگەن ئەھۋالدىمۇ ھەرىكەت قوللىنالايدۇ، يەنى خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قوشۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ ھەرىكەت قىلالايدۇ. چۈنكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ھۆكۈمەتتە ئەمەس، بەلكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە شىركەت-كارخانىلار ۋەكىللىرىدە.»

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ماقالە ھەققىدە توختىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز پرىنسىپى ۋە نىشانىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە پاراڭ بولۇۋاتىدۇ، ئەمما ھەرىكەت يوق، ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇرلارنى قوغدايمىز دېسە قوغدىيالايدۇ، خىتايغا مەلۇم دەرىجىدە بېسىم قىلالايدۇ،» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەمەلدارى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە رەئىسى پاسكال لەمىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ: «خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىرلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلسا بولىدۇ،» دېگەن. بۇ سۆزدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنى «قۇل ئىشچى» قىلىش مەسىلىسىگە ھەممىدىن بۇرۇن ئىنكاس قايتۇرغان ۋە تەدبىر قوللانغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە خەلقئارا ئورگانلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

ئالدىنقى ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە 46 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانىدى. ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ (كۆپ سانلىق بولمىسىمۇ) قوللىشىغا ئېرىشكەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايدىكەن. خىتاي بۇنىمۇ توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە شىركەت-كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولىدىكەن.

2006-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئايرىمىچىلىق قىلىشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» نىڭ 111-ماددىسىنى تەستىقلىغان. شۇڭا مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئىشقا سېلىشتا بۇ ئەھدىنامىگە رىئايە قىلغان-قىلمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قۇل ئىشچى» مەسىلىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-ماددىسىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قانداق ھۆكۈمەت بۇ ماددىنى ئىشقا سالالايدىكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ 111-نومۇرلۇق ئەھدىنامە ماددىسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە شىركەت-كارخانا ۋەكىللىرىمۇ بۇ ماددىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىگە رىئايە قىلغان-قىلمىغانلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن. ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ ئەھدىنامىنى تېخى تەستىقلىمىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتلىنىشى كېرەك ئىكەن.

مەزكۇر ماددىغا ئاساسەن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، ئىسپات توپلاش، گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئارقىلىق بىر دوكلات تەييارلايدىكەن ھەم ئۇنى خەلقئاراغا ئېلان قىلىدىكەن؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەكلىپ-لايىھەنى چۈشەندۈرىدىكەن. ئەگەر خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بىرەر دۆلەت بۇ لايىھەنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىدىكەن؛ 2000-يىل بىرمادىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ جازا يۈرگۈزۈلگەنىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ پەقەت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا چارە-تەدبىرلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ھەرگىز كۇپايە قىلمايدىكەن، شۇڭا ب د ت دىكى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئورگانلار بۇ ئىشقا بىرلىكتە ئاتلىنىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىشتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى 1919-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، 1946-يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنى بولۇپ قېتىلغان، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا 187 دۆلەت ئەزا بولغان. مەزكۇر تەشكىلات ھۆكۈمەت، ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپ (كارخانا-شىركەت) ۋە ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەق-ئادالەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، ئاياللار، بالىلار ۋە باشقا ئاجىز ئىنسانلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈشنى چەكلەش، ئەمگەك مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارغا تۈرتكە بولۇپ كەلگەنىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org