شائىر جەمشىت روزاخۇنوف: «ياخشى يېزىلغان بىر مىسرامۇ ئىجادىيىتىمگە تۈرتكە بولىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.04.16
شائىر جەمشىت روزاخۇنوف: «ياخشى يېزىلغان بىر مىسرامۇ ئىجادىيىتىمگە تۈرتكە بولىدۇ» شائىر جەمشىت روزاخۇنوف(ئوتتۇرىدا) كەسىپداشلىرى بىلەن. 2021-يىل، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ يىللىرى زىيا سەمەدى، ھېزىمەت ئابدۇللىن، ئىلىيا بەختىيا، جامالىدىن بوساقوف، دولقۇن ياسىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، قۇرۋان توختەموف، تۇرغان توختەموف قاتارلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تونۇلغاندى. شۇلار قاتارىدا ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدا ياشاۋاتقان شائىر جەمشىت روزاخۇنوف بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەمشىت روزاخۇنوف ئۆز يۇرتىدا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان شائىردۇر.

جەمشىت روزاخۇنوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-90-يىللىرى ئۆز يۇرتىنىڭ ئىگىلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، ئاساسىي ۋاقتىنى شۇنىڭغا سەرپ قىلسىمۇ، ئەمما قەلىمىنى ھەرگىز تاشلىمىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۈگۈنگە قەدەر قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە چوڭ ئابرۇيغا ئىگە، تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدىبنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىيىتى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ۋە سىنىپلاردا مەخسۇس ئوقۇتۇلىدۇ.

بىز جەمشىت ئاكا روزاخۇنوفنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

جەمشىت روزاخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت يولىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ھەمدە ئىجادىيىتىدىكى ئاساسىي ماۋزۇلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىجادىيەتكە قەدەم بېسىشىم 1964-يىلى مەكتەپنىڭ 8-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا باشلاندى. ئەسەرلىرىمنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى دەسلەپتە تەبىئەت توغرىلىق باشلاندى. ئاندىن ھايات، ۋاقىت، بالىلارنىڭ ھاياتى توغرىلىق بولدى. 70-يىللاردىن تارتىپ ئادەملەرنىڭ تەقدىرى، مىجەز-خۇلقى، ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئەسەرلىرىم كەڭ مىقىياستا باشلاندى. 90-يىللارنىڭ بۇ يېقىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئىجادىيىتىمدە مۇھىم تېما بولدى.»

جەمشىت روزاخۇنوف ئۆزىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدىكى پائالىيىتى بىلەن ئىجادىي پائالىيىتىنى تەڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەدەبىياتنىڭ كۆپلىگەن ژانېرلىرىدا ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىك شەكىللەرنىڭ تۇيۇق، مۇسەددەستىن باشقا تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆز قەلىمىمنى سىناپ كۆردۈم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سونېتلارنى، رۇبائىيلارنى كۆپرەك يېزىۋاتىمەن. بۈگۈنكى كۈندە سونېتلارنىڭ گۈلچەمبىرىنىڭ 15 نى يازدىم. رۇبائىيلىرىمنىڭ سانى 3500 كۇپلېتقا يەتتى، 13000 مىسرادىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇلارنى كېلەچەكتە يىغىپ، يېڭى كىتابلارنى چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن.»

جەمشىت روزاخۇنوف ئۆز ئىجادىيىتىدە باشقىمۇ شائىرلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇدىغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مېنىڭ بىر ئادىتىم، مەيلى دەسلەپكى قېتىم شېئىر يېزىۋاتقان ئادەم بولسۇن، مەيلى پېشقەدەم بولسۇن، مەن شۇلارنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى ناھايىتى تەۋرىنىپ ئوقۇيمەن. ياخشى يېزىلغان بىر مىسرا، ياخشى يېزىلغان شېئىر ۋە كىتابنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئىجادىيىتىمنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ دېسەم بولىدۇ. ئۆزۈمگە ئۇستاز تۇتقان ئادەملەرمۇ بولدى. مەسىلەن، ئابلىز ھېزىم، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، دولقۇن ياسىن، ساۋۇتجان مەمتقۇلوف، رېھىمجان روزىيېف. باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىدىن، مەسىلەن، قېرىنداش قازاق شائىرلىرىدىن قادىر مىرزائەلىنى، تۇمانباي مولداغالىيېفنى، مۇختەر شاخانوفنى، ئۆزبېك شائىرلىرىدىن ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن ئەركىن ۋاھىدوفنى ناھايىتى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.»

شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدىبلەردىن تېيىپجان ئىلىيېف، ئوسمانجان ساۋۇت، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە تۇتىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.