شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف: ۋەتەن بىلەن مىللەت يۈرىكىمدىكى ئەڭ ئاساسىي ماۋزۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-09-27
Share
شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف: ۋەتەن بىلەن مىللەت يۈرىكىمدىكى ئەڭ ئاساسىي ماۋزۇ شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېيىن قالسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى، مەتبۇئاتى، سەنئىتى راۋاجلىنىشقا باشلاپ، كۆپلىگەن زىيالىيلار يېتىلىپ چىققان ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىغان ھالدا تەرەققىي ئېتىپ، بولۇپمۇ 80-يىللىرى كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنىدى. بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇ ۋاقىت قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 50-60-يىللاردىن تارتىپ باشلىنىدىكەن. بۇ مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەقىبلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن يازغۇچىلار قازاقىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ ۋاقىتتىكى قازاقىستاننىڭ پايتەختى بولغان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، قۇربان توختەموف، دولقۇن ياسىن، ئىلىيا بەختىيا ئوخشاش ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار بولغان. ئاز قىسمى بولسا، پانفىلوف، ئۇيغۇر، چېلەك، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىرىدە ياشىغانىكەن.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان شائىر نۇرئەخمەت ئەخمەتوف ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ياركەنت شەھىرىدە ياشايدۇ. 1951-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان نۇرئەخمەت ئەخمەتوف ئۆز پائالىيىتىنى مائارىپ ساھەسىدە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا ژۇرنالىستىكا ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەلىرىدە ئالاھىدە كۆزگە چۈشۈشكە باشلىغان. ئاساسىي جەھەتتىن ئەدەبىياتنىڭ پويېزىيە ساھەسىدە ئىجاد قىلغان ئەدىب ئىجادىيىتى بەزى ئەدەبىياتشۇناس ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ «ياخشىلىق ئىستەيمەن»، «دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» ناملىق توپلاملىرى قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى تونۇش. ئەمدى ئۇنىڭ «رەڭمۇ-رەڭ ئالەم» ناملىق توپلىمى بولسا، ياش ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان.

بىز يېقىندا ياركەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان شائىر ۋە ژۇرنالىست نۇرئەخمەت ئەخمەتوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدۇق.

نۇرئەخمەت ئەخمەتوف ئۆز ئىجادىيىتىدە بولۇپمۇ پويېزىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «تاشكەنتنىڭمۇ ماڭا تەسىرى بولۇشى كېرەك. مېنىڭ چۈشىنىشىم بويىچە، تاشكەنت سەنئەت ۋە شېئىر شەھىرى ئىدى. بىز ئوقۇغاندا ئۆزبېك كۇرسداشلار كوچا-كوچىدا ئۆز-ئۆزىدىن ستىخىيەلىك تۈردە مۇشائىرىلەرنى ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر بالىسىنىڭ شېئىر يېزىشى بۇمۇ تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى ھەر قانداق ئۇيغۇر سەنئەت قۇچىقىدا ئۆستى، شېئىر تىڭشاپ ئۆستى. دەسلەپكى شېئىرىم بۇ يىلى 100 يىل تولۇۋاتقان «ياركەنت تەۋەسى» گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە بېسىلغان.»

قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيلى پويېزىيە، مەيلى پروزا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى تەقدىرىنىڭ، خەلقنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنىڭ ئاساسىي ماۋزۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ جۈملىدىن نۇرئەخمەت ئەخمەتوفنىڭ ئىجادىيىتىدىمۇ بۇ ماۋزۇ مەركىزىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف نۇرئەخمەت ئەخمەتوفنىڭ «دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» ناملىق توپلىمى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز كىتابتىكى «غۇلجا ئالمىسى»، «ئەسىر بوسۇغىسىدىكى ئوي»، «لۇتپۇللانىڭ خائىنىغا»، «ئىگىسىز ئۆي»، «ئانا يۇرتقا كەلگەندە»، «ھايات ئىشقى»، «قالغىن بىر پاي ئوقۇپ بولۇپ» ۋە شۇلار كەبى شېئىرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، شائىرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز خەلقىنىڭ دەردى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزىمىز. . .».

نۇرئەخمەت ئەخمەتوف مۇنداق دېدى: «قولىغا قەلەم تۇتقان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەن تەقدىرى، مىللەت تەقدىرى ئاساسىي ماۋزۇ بولۇشى كېرەك. مەنمۇ تەبىئىي رەۋىشتە شۇنىڭدىن نېرى ئۆتەلمەيمەن. ۋەتەن ۋە مىللەت مېنىڭ يۈرىكىمدە ئەڭ ئاساسىي ماۋزۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭغا لايىق تۈردە ئىجاد قىلىۋاتقىنىم يوق. مەقسىتىم ئەنە شۇ ۋەتەننىڭ دەردىنى ئۆز ئەينى بىلەن، ئۆز دەرىجىسى بىلەن يەتكۈزسەم، ئارمىنىم يوق ئىدى.»

نۇرئەخمەت ئەخمەتوف يەنە قازاقىستاندىكى يا بولمىسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات بولسۇن، دائىم ئۆزىگە ئۈلگە تۇتىدىغان، ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان ئەدىبلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ياشلىق چېغىمدىن تارتىپلا خېلىل ئاكا ھەمرايېف بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتتۈم. ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف بىلەن ئاكا-ئۇكىدەك ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى، ئوي-پىكرى ماڭا ھەر قاچان تەسىر قىلغان ۋە قەلبىمدە قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئىجاد قىلىۋاتقانلاردىن جەمشىت روزاخۇنوف، مەمتىمىن ئوبۇلقاسىموف – بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ يورۇق يۇلتۇزلىرى. تارىخىي ۋەتىنىمىزنى ئارىلاپ كۆرگىدەك بولمىدۇق. ھەر ھالدا كېيىنكى قالايمىقانلارغىچە نۇرغۇن شائىرلارنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ يۈرگەن. ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەتجان راشىدىن، چىمەنگۈل ئاۋۇتلار ئادەمگە ئاجايىپ تەسىر قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى.»

شائىر بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، مىللەتپەرۋەرلىكى بىلەنلا ئىجاد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى بىزگە ھېچ قانداق غەمخورلۇق يوق. يېزىلغان نەرسىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاپتور يۈگۈرۈش كېرەك. تارقىتىش ئۈچۈنمۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىش كېرەك. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەممە جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ راۋان يولىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئارىدا ئەدەبىياتىمىزدا چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈردى. كېيىنكى ۋاقىتتا «ۋارىس» دېگەن ئەدەبىي بىرلەشمىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بۇ ئىنتايىن چوڭ ئۇتۇق بولدى. ئۇ يەردىكى ياشلار ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ، ئىجاد قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتىكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي ئەدەبىياتنى، مەتبۇئاتنى، مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرىنچى نۆۋەتتە ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەنگەن ھالدا، مۇشۇ يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت