شېئىرىيەت ئاسمىنىدىن ۋاقىتسىز سارقىغان نۇرلۇق يۇلتۇز - غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى ئەسلەپ

مۇخبىرىمىز جۇمە
2020.06.19
Ghojimuhemmed-Muhemmed-1.jpg مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەپەندى.
Photo: RFA

سەرگەردانمەن نامىم تارالغان،

ماكانىم يوق يەردە، ئەرشتە.

ئۇخلاپ قالىمەن بىر تال ياپراقتا،

چۈش كۆرىمەن يۇلتۇز كۆزىدە.

بۇ لىرىك مىسرالار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئانچە كۆپ تونۇشلۇق بولمىغان، ئەمما بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيەت دۇنياسىنى ئاقار يۇلتۇز كەبى يورۇتۇپ كەتكەن مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قەلەمگە ئالغان سانسىز مۇڭلۇق سەتىرلىرىنىڭ بىرى.

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ 1971-يىلى گۇما ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە1990-يىللىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان.

ئۇنىڭ، 2017-يىلى 12-ئىيۇن بۇ دۇنيا بىلەن تۇيۇقسىز ۋىدالاشقانغا قەدەر ئىككى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، «مۇقام خۇمارى» قاتارلىق بىر نەچچە توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مەلۇم.

«ئۇ بىر تىل ئۇستىسى ئىدى، شۇنچە كۆپ شېئىرلارنى يازغان بىر شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا بىر يېڭىلىق بولسا، بۇ بىر مۆجىزە،» دەيدۇ ئامېرىكا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخشۇناس جاشۇۋا فرىمان ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھەققىدە توختالغىنىدا.

شائىر ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، غوجىمۇھەممەد ھاياتىنى خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار بېكىتىدىن ئالىدىغان ئازغىنا مائاش بىلەن غورىگىل ئۆتكۈزگەن. جاشۇۋا فرىماننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئاپتوبۇس، بېكەت ۋە بىلەت دېگەنگە ئوخشاش ئىماگلارمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن.

جاشۇۋا فىرىمان ئەپەندى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شائىرلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، غەرب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ غوجىمۇھەممەدنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىمۇ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

غوجىمۇھەممەدنى بىلىدىغان چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى شېئىرىيەتكە بېغىشلاپ شائىرانە ئۆتكەن ئىنسان دېيىشكە بولىدىكەن.

تارىخ

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

ۋاراقلىدىم تەن گۈلخانلىرىنى

قۇياش مۇزلاپ ياتقان ئاسماننى كۆردۈم

ۋاراقلىدىم چۆل بارخانلىرىنى

يىلتىزى سارغىيىپ كەتكەن ئىماننى كۆردۈم

ۋاراقلىدىم روھ ئىسيانلىرىنى

مەشرەپ دارغا ئېسىلغان جەرياننى كۆردۈم.


شەھەر سەھرالاردىن كەتتى يىراقلاپ،

تاشلار سايدا ياتار يېلىڭ، يانچىلاپ،

دەريالار ئاقار ئۈنسىز، قىرغاق قاغجىراپ. . .

بىر سىقىم توپىنى ئالسام قولۇمغا

ۋەتىنىم يۇيۇنىۋىتىپتۇ كىندىك قېنىمدا.

بىر سىقىم قۇمنى ئالسام قولۇمغا

ئاتلار كىشنەپ كەتتى شۇئان جېنىمدا.

ئېچىپ كۆكسۈمنى

ئۆتمە-تۆشۈك بوپ كەتكەن قالقاننى كۆردۈم.

ئېلىپ قالقاننى

خۇدا ئۇخلاپ ياتقان ئايۋاننى كۆردۈم.


شەھەردە ياشايمەن،

دەريا-كۆللەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ

دەرەخلەرنى شېشىلەرگە قاچىلاپ يەيمەن.

ئون قەۋەت بىنانىڭ پەلەمپىيىدە

قاراپ سەدىقە تىلەۋاتقان ئىككى ئادەمگە

ئۇيغۇر چۆلىدە

تۆگىسىگە مىنەلمەيۋاتقان كارۋاننى كۆردۈم.

شېئىرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى:

 

History
by Ghojimuhemmed Muhemmed

I paged through body bonfires
.and saw the sky with an ice-bound sun
I paged through desert dunes
.and saw faith with withered roots
I paged through rebellions of the soul
.and saw Mashrab on a gallows hanged

,The city withdrew from the countryside
,threadbare stones lying cramped in the ravine
…rivers with parched banks running silently
I took up a handful of dust
…and my homeland bathed in my umbilical blood
I took up a handful of sand
.and just then horses neighed in my soul
I opened my chest
.and saw armor full of holes
I took off the armor
.and saw God sleeping on a porch

,I live in the city
,I bring home rivers and lakes
.I bottle and eat the trees
I watched two people begging for change
on a ten-story building’s front steps
and saw a caravan of riders struggling to mount
.their camels in the Uyghur desert

Translated by Joshua L. Freeman

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.