ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-07-04
«راز ئىدىم: ئازادلىقنى كۆرۈپ ئۆلسەم. . . ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق!» مانا بۇ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن مەھرۇم ھالدا ئۆتكۈزگەن شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ھۆرلۈك-ئازادلىققا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن مىسرالىرىنىڭ بىرىدۇر.
2020-06-19
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيەت دۇنياسىنى ئاقار يۇلتۇز كەبى يورۇتۇپ كەتكەن مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قەلەمگە ئالغان سانسىز مۇڭلۇق سەتىرلىرىنىڭ بىرى.
2020-06-05
«ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىر بەختىم مېنىڭ، قەشقەر، بالاساغۇن قوش تەختىم مېنىڭ» دەپ خىتاب قىلىدۇ، ئالمۇتادا ئىستىقەمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىپادىلەنگەن بىر لىرىكىسىدا.
2020-03-06
كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى.
2020-02-14
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز تارىخى ۋە كەچمىشلىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يولىدا كىتاب-ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش قاتارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
2020-02-01
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇننىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
2020-01-17
ئىمران سادائىي: «ئىنسانىيەت شېئىرىدىن قانچىكى ئۇزاقلاشسا، ساپلىقتىن، سەمىمىيلىكتىن، ئىجادىيلىقتىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىدۇ.»
2020-01-03
شائىر ئىمران سادائىي 2019-يىلى 13 قېتىملىق ئەدېرنە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋام قىلغان خەلقئارا تۈركچە شېئىر پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
2019-11-15
بۇ خۇش خەۋەر رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ زىمىستان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇدھىش خەۋەرلەردىن مۇزلىغان قەلبلىرىگە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىسا ئەجەب ئەمەس.
2019-09-27
«مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى»
2019-09-06
مەرۋايىت ھاپىز: «مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى.»
2019-08-17
شائىر 1933-يىلى قەشقەردە مىللىي ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، يارىلانغان ۋە شۇندىن كېيىن، «نىمشېھىت»، يەنى «يېرىم جان» دېگەن سۆزنى ئۆزگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان.
2019-06-21
تەييار تۇرۇڭلار، ئەي باغرى قانلار، يۈز يىل ساقلىغان مېھمان كېلىدۇ...
2019-06-14
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز-خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى»