ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى شىرىن ئايلار ئاياقلاشتى

0:00 / 0:00

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭىچە ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتلاردا يېقىندا بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ۋاشىنگتون پەسىللىك ژۇرنىلى 2005-2006 يىللىق قىشلىق نەشىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، "ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى شىرىن ئايلار ئاياقلاشتى" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ پروگراممىمىزدا، رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.