خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى


2005.03.01
CHINA-OIL-22.jpg

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىدا دۈشەنبە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شىمىن خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋابەن "خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا شەرھىلەنگەن مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلارنىڭ ئىقتىسادتا ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن كۆرۈش مۇمكىن" دەپ، ئۈچ مەزمۇنغا يىغىنچاقلىغان.

ئاق تاشلىق كىتاب: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ نامرات قىلىشتىكى سەۋەبلىرى

بىرىنچى سەۋەب، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك تەبىئى شارائىتى ئاساسەن تاغلىق، قۇملۇق ياكى چۆللۈك چەت ياقا رايونلار بولغاچقا تەبىئى شارائىتى ناچار” دەپ، كۆرسەتكەن.

ئىككىنچىسى سەۋەب، "تارىختىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئىنتايىن ئارقىدا، مەدەنىيىتى تۆۋەن بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بەزى جايلار ھازىرغا قەدەر ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا ھازىرغىچە بۇ جايلاردا ئىختىساسلىق خادىملار كەمچىل، پەن تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تولىمۇ كەينىدە قېلىپ قالغان" دېگەن.

ئۈچىنچىسى سەۋەبكە، ئىقتىسادى ئامىلنى كۆرسىتىپ، خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، خىتايغا نۇرغۇن مەبلەغ كىرگۈزۈلدى بىراق بۇ غەربىي رايوننى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ناھايىتى ئاز يېتىپ باردى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەپتىن ئېچىۋېتىلىشى ئۇنچە كەڭرى بولمىغاچقا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كىرگۈزۈلگەن چەتئەل مەبلىغى خىتايغا كىرگەن ئومۇمى چەتئەل مغەبلىغىنىڭ 5٪تىگىمۇ يەتمەيدۇ. شۇ سەۋەبلەردىن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى كەينىدە قالدى" - دەپ يەكۈنلىگەن.

بايلىقى مول، خەلقى نامرات

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن نامرات دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، بولۇپمۇ غەربىي رايون دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، ھەمدە نىڭشا تۇڭگان ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق جايلار خىتاينىڭ ئاساسلىق، يەر ئاستى ھەم ئۈستى بايلىق ۋە ئاشلىق، پاختا، ئىقتىسادىي زىرائەت بازىلىرى بولۇپ كەلمەكتە، ھالبۇكى بۇ جايلار يەنىلا نامرات ئاتىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ 2000 - يىلىدىن تارتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ بەش يىلدا ناھايىتى زور ئۈنۈم بەرگەنلىكى، كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەجەبا، غەربنى ئېچىش سىياسىتى بۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالمىدىمۇ؟

كىم مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان غەربنى ئېچىش چوڭ قۇرۇلۇشلىرىدىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش، غەرىپنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش، نېفىت ۋە پاختا بازىسى قۇرۇشقا ئوخشاش قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر ئېلىغا قانداق مەنپەئەت يەتكۈزدى ؟ كىمگە مەنپەئەت يەتكۈزدى؟ ئۇيغۇر ئېلى شۇنچە بايلىققا ئىگە تۇرۇپ، نېمىشقا يەرلىك خەلق باي بولالمايدۇ؟ مانا بۇ سوئاللارغا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىدىن پەرقلىق جاۋاب بېرىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بايلىق ماكانى دېگەن نامغا ئىگە ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان پاراۋان ئۆتكەنلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قىلىپ مونوپول قىلغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ بارغانچە نامراتلىشىپ بارلىق مەنپەئەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم خىتاي كۈچمەنلىرىنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلقىنى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولسا كۈنسايىن نامراتلىقتا قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رىچىڭ جاشى: باي بولغانلار يەنىلا خىتايلار

ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا تىبەت رايونىمۇ خىتاي بويىچە ئومۇمىيۈزلىك نامرات رايون ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاشلا تىبەت رايونى ئىقتىسادىنىڭ گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئارقىدا قالغان بولسىمۇ ئازاتلىقتىن كېيىن بارغانچە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكىدىكى خەلقارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن رىچىڭ جاشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ نېمە ئۈچۈن كەينىدە قالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىغا تىبەت خەلقىنىڭ قايىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىمىز دەپ، پەقەت ئاز ساندىكى چوڭ شەھەرلەرنى تەشۋىقات ئۈچۈن كۆرسىتىشتە تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئاساسلىق تىبەت خەلقى يەنىلا يىراق تاغلىق رايونلاردا نامراتلىقتا ياشىماقتا. تىبەتتە باي بولغانلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن خىتايلار ياكى بولمىسا، خىتاي كادىرلار. ئۇلار ھېچقانچان تىبەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىغا يۈزگۈزىۋاتقان ئىقتىسادى سىياسىتى يەنىلا ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولماقتا".(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.