خىتاي بىلەن رۇسىيە قازاقىستان نېفىتىنى تالاشماقتا


2005.10.31
RUSSIA-LUKOIL-PUTIN-ALEK-53.jpg
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 28-ئۆكتەبىر كۈنى كرېملىن سارىيىدا رۇسىيە LUKoil نېفىت شىركىتى پرېزىدېنتى Vagit Alekperov نى مۇكاپاتلىدى.AFP

قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە مەملىكەت. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ بۇ يەر ئاستى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ مەملىكەتنى دۇنيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان، باي نېفىت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە مۇھتاجلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ۋە بۈگۈنكى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىزدەۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ ئانالىزلار ئېلان قىلىنماقتا.

خىتايلار قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالدى

يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ "پېترو قازاقىستان" نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى خەلقئارا ئېنېرگىيە ساھەسى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولدى. قازاقىستاننىڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بولغان " پېترو-قازاقىستان" ناملىق خەلقئارالىق نېفىت شىركىتى كانادادا رەسمىيەت بېجىرىپ، تىزىملانغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ شىركەتنى سېتىۋەلىشى كانادا سوتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى. ئاخىرى كانادا سوتى خىتاينىڭ "پېترو-قازاقىستان" نېفىت شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشقا رۇسىيىمۇ قاتناشقان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ "لۇكوئىل" ناملىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى خىتاي بىلەن ئوخشاش باھا قويغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان تەرەپ رۇسىيىنى ئەمەس بەلكى، خىتاينى تاللىغان. بۇ مەسىلە رۇسىيىلىكلەرنى بىئارام قىلغان.

ئەمەلىيەتتە ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن خىتاي مەزكۇر قازاقىستان نېفىت شىركىتىنىلا ئەمەس بەلكى قازاقىستان نېفىتىنىمۇ تالىشىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئېنېرگىيە مۇلاھىزىچىسى ئامىنا جەلىلوۋانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ قېتىم رۇسىيىنىڭ " لۇكوئىل" نېفىت شىركىتىنىڭ "پېترو قازاقىستان" شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىنى سېتىۋېلىشقا تۇيۇقسىزدىنلا كۆكرەك كىرىپ چىققان بولۇپ، رۇسىيىلىكلەر كانادا سوت مەھكىمىسى بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش دېلوسى ھەققىدە ئاخىرقى خۇلاسە چىقىرىشقا تۆت كۈن قالغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۆت مىليارد دوللارلىق باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستاننى بۇ شىركەتنىڭ پاي چەكلىرىنى ئۆزلىرىگە سېتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. ئەمما، قازاقىستان بەرىبىر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان.

سەۋەب نەدە؟

ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى ئامىنا جەلىلوۋانىڭ قەيت قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ مەزكۇر نېفىت شىركىتىنىڭ پاي چەكلىرىنى رۇسىيىگە ئەمەس بەلكى خىتايغا سېتىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى قازاقىستاننىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قازاقىستاندىكى ئىقتىسادشۇناس شېرىپجان نادىروپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىلگىرى قازاقىستان ئۆز نېفىتلىرىنى رۇسىيىگە ياكى رۇسىيە ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىشقا مەجبۇر بولغان. رۇسىيە ئەمەلىيەتتە قازاقىستان نېفىتلىرىنى كونترول قىلغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالىدىغان پايدىلىرى ئانچە كۆپ بولمىغان. خىتاي 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىپ، قازاقىستاندا زور ئىمتىيازلارغا ئەرىشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ يېقىندا قازاقىستان بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ 12-ئايدا رەسمى پۈتۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىگە ناھايىتى ئۇيغۇن بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق قازاقىستان 2006-يىلىدىن باشلاپ يىلىغا 10 مىليون توننىدىن 20 مىليون توننىغىچە نېفىت ماڭدۇرۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە-خىتاي نېفىت مۇناسىۋىتى ۋە قازاقىستان

خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشماقتا. شۇ سەۋەبتىن خىتاي رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغان بولۇپ، خىتاي رۇسىيىنىڭ ئانگارسكىي رايونىدىن خىتاينىڭ داچىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما رۇسىيە تەرەپ ئۇزۇن يىللار قارار بەرمەي ،ئاخىرى ياپونلار تەكلىپ قىلغان ئانگارسكىي-ناخودكا تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاللاش بىلەن خىتايغا زەربە بەرگەن ئىدى.

رۇسىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن خىتاي قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاخىرى ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ خىتاينىڭ ئارزۇسىغا ۋە قازاقىستاننىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا قېلىپ، ئۆز نېفىتلىرىنى پەقەت غەربىي لىنىيە بويىچە سېتىشقا تايىنىپ قالغان قازاقىستان ئاتاسۇ- ئالاتاۋ لىنىيىسى ئارقىلىق ئۆز نېفىتلىرىنى خىتايغا ھەتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ساتماقچى بولدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە رۇسىيىنىڭ كۆڭلىگە تەگمەسلىك ئۈچۈن خالىسا رۇسىيىنىڭمۇ مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئۆز نېفىتلىرىنى خىتايغا سېتىشقا تەشەببۇس قىلدى.

دېمەك بۇنداق بولغاندا رۇسىيە ئاستا-ئاستا قازاقىستان ۋە كېيىنچە كەسپىي دېڭىزى بويىدىكى نېفىت مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئورۇننى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى زورلۇقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، قايتىدىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى تەڭشەپ، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى رۇسىيە تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەشكە باشلىدى. ھەتتا، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قازاقىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلىشىپ، بىر ئىتتىپاقداش دۆلەتكە ئايلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.ئەمما،31-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىر توقايېۋ بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش بولۇشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلدى.

بىراق، مۇلاھىزىچىلەر، رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشقا مەيدانغا چۈشۈشى ئۇنىڭ خىتاينىڭ بۇ جايدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋېلىشىنى چەكلەش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.