سىبىرىيىدىكى مۇنازىرىلەر: ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ؟ (1)


2005-04-20
Share
ofitser.jpg
1944يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى مىللىي ئارمىيە ئايال ئوفىتسېرلىرى

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھرىدە چىقىدىغان " نوۋوسىبىرسك كەچلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلغان " ئېتىشىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە " ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىزىقارلىق كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت يەنە يېقىندا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى تومسكىي رايونلار ئارا ئىنىستىتۇتى بىلەن ئالتاي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن. بۇ يىغىندا رۇس ئالىملىرى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قايتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ-قۇرالمامدۇ؟ دېگەن تېما ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇرلار ئىككى ئەسىردە تۆت يۈز قېتىمدىن ئارتۇق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن

رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە رۇسىيىنىڭ سرىبىرىيە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا رۇسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەسىردىكى سىياسىي تەقدىرى ۋە رۇسىيىنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۈچ ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىل دۆلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەت ياراتقان بولۇپ، 18-ئەسىردە خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ زېمىندا ھېچ قاچان خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىدى.

رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۇيغۇرلار تۆت يۈز قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ –كىچىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر قانچە قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن بۇنىڭدىن يەنىلا ئايرىلىپ قالغان. ئەمما، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەي، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىققا ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن . ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى كۈنلەردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم دېموكراتىك ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدىكى ئالىملار ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزەرلىرىنى قوزغىماقتا.

قولدىن كەتكەن پۇرسەت

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ "نوۋوسىبىرسك كەچلىك گېزىتى"دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويىشىچە 1878-يىلى، ئۇيغۇر دۆلىتى خەلق ئارانىڭ ئېتراپ قىلىش پۇرسىتىگە ھەقىقى جەھەتتە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆزارا دۈشمەنلىكلىرىنىڭ كۈچۈيۈپ كېتىشى تۈپەيلىدىن بۇ ئەمەلگە ئاشماي قالدى. زور قوزغىلاڭلار 1931-يىلى، 1937-يىلى ۋە 1944-يىلى قايتا يۈز بەردى. بىر قانچە يىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولدى. بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار ئىدى. كرېمىل ماۋ زېدۇڭغا يول قويمىغان بولسا، بەلكى بۇ دۆلەت تېخى ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولار ئىدى.

ماقالە ئاپتورىنىڭ تەكىتلىشىچە ئۇيغۇر خەلقى ئەنە شۇنداق بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ سابىق چار رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى قارتا قىلىپ ئوينىدى

رۇس ئاپتورى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر رۇسىيىدە كۆپلىگەن ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا "يېڭى چېگرا" مەنىسىنى بېرىدىغان شىنجاڭدا 30-40-يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. موسكۋانىڭ بۇيۇرۇقى بويىچە شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈلگەن ئېغىر قوراللار، مىناميوتلار سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 1945-يىلىنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندە يەرلىك ئاھالىلار ھەيران قېلىشقان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىدە پەقەت بىر قانچە ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ۋە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرىلا قالدۇرۇلۇپ، ياردەمگە كەلگەن قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق سوۋېت ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كېتىلدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا پىكىر بايان قىلغان ،1944-1949-يىللىرىغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان رۇس ئالىمى بارمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا موسكۋانىڭ مۇنداق يۈزسىزلىك قىلىشىغا نىسبەتەن پەقەت ئۇيغۇرلار نارازى بولۇپ قالماستىن ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن جەڭچىلەر ۋە ئوفىتسېرلەرمۇ نارازى بولغان. مەسىلەن موسكۋا تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتىلگەن گېنېرال لان فاڭمۇ قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق يارىلىنىپ قۇتقۇزىۋېلىنغان ئىكەن. بارمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

" گېنېرال لان فاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىتىش ۋە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن ۋىجدانى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئازابلىنىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قارارىغا كەلگەن. ستالىننىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ھەر قايسى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىنى باشتا قوللاپ، ھەتتا ئۇنىڭغا قورال-ياراق ۋە باشقا ماددى-مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشىدىن ئۈمىدلەنگەن خەلقلەر موسكۋانىڭ بىراقلا ئۆزلىرىدىن يۈز ئۆرۈشىدىن غەزەپلەندى. گېنېرال لان فاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىر خائىنلىق ۋە ساتقىنلىق دەپ ھېسابلاپ پسىخولوگىيىلىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن زەربە ھېس قىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ھەققىدە 2-نومۇرلۇق ئۆينىڭ قوماندانى گېنېرال ئېگناروپ موسكۋاغا دوكلات يوللىغان ئىدى"

رۇسىيىدىكى بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھېسابلانغان ۋالېرىي بارمىن ئەپەندى يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

" شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەقلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ھەرىكەتلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىشىگە ناھايىتى ئىشەنگەن ئىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ھەركەتلىرىنى قوللىشى پەقەت سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، موسكۋا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى پەقەت خەلقارا سىياسىي ئويۇنلاردىكى قارتا قىلىشتەك نومۇسسىز ئويۇننى ئويناپ چىقتى خالاس. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇ شېڭ شىسەي ۋە جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىدىن ئاچچىقىنى ئېلىپ، خىتاينى موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىگە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلدى"

ۋلادىمىر كۇزمېنكىن ئىسىملىك رۇس مۇتەخەسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، موسكۋا شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ دەپ قاراپ، ھەربىي ياردەمنى توختىتىش كېرەكلىكىنى قارار قىلغان. نەتىجىدە قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھىرىيىتى ئاخىرلىشىپ، بۇ جايدا 1955-يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھېچ قاچان توختاپ قالمىغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت